ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزغا خوش خەۋەر

تۈركىيىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزغا خوش خەۋەر
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇش كارتا( ئىقامەت) مەسىلىسى ھەل بولدى.
2-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيەت مەسئۇللىرى ئەنقەرەدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرىغا تۈركىيىدە ئىقامەتسىز تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇش كارتىسى(ئىقامەت) ئېلىش مەسىلىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى. بۈگۈن ( 2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى) ئەنقەرەدىكى باش مۇدىرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، ئىستانبۇلدىكى كۆچ ئىدارىسى مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ ئىستانبۇل كۆچ ئىدارىسى باش مۇدىرى ھۈسەيىن ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇش كارتىسى ئېلىشقا(ئىقامەت) ئالاقىدار مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ھەل بولدى:
1.ئاتا – ئانىسى يېنىدا بولمىغان ئىگە -چاقىسى يوق، يېشى 18 دىن كىچىك بولغانلىق سەۋەبىدىن ئىقامەت ئالالماي شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە تىزىملاتقان 133 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇش كارتىسى ئېلشى مەسلىسى تەستىقلانغان بولۇپ ھېچ قانداق شەرت قويۇلماستىن ھەقسىز بىجىرىدىغان بولدى. 133 پەرزەنتلىرىمىز بۈگۈندىن باشلاپ كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا بېرىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.
2.ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان كارتا پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، تۈركىيىدە تۇرۇش ۋاقتى قانۇنسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىقامىتى بولمىغان ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان پۇل جازاسىنى كەچۈرۈم قىلىش (ئىقامەتنى پۈتۈنلەي ھەقسىز بېرىش) شۇنداقلا تۇغۇت بەلگىسى قاتارلىق شەرتلەرنى بىكار قىلىش تەلەپ قىلىندى. يىغىن جەريانىدا ئستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرى بۇ مەسىلىلەرنى ئەنقەرەدىكى باش مۇدىرغا يانفۇن ئارقىلىق بىلدۈردى. باش مۇدىر يانفوندا «بۇ مەسىلىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى، بىراق قائىدە - رەسىمىيەت بويىچە جەمئىيەت نامىدا ئەنقەرەگە رەسمى ئىلتىماس يېزىش كېرەكلىكى»نى تەلەپ قىلدى. تەلەپ بويىچە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى دەرھال ئىلتىماس يېزىپ ئەنقەرەدىكى كۆچمەنلەر ئىدارە مەركىزىگە ئەۋەتتى.
3. ئالدىنقى ئايدا ( 7 –ئايدا) شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە تىزىملاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت تىزىملىكى ۋە ئىقامەت ئىلتىماسى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىستانبۇلدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئىقامەت بېجىرىشنى باشلايدىغان بولدى.
4.ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېجىرىش ئىشىلىرىنى ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەخسۇس خادىم ئاجرىتىش ئارقىلىق ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بارىدىغان بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ئىشلىرىنى تىز سۈرئەتتە ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان خادىملار كەچ تەرەپتە سائەت 18:00 دىن 20:00 گىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان بولدى.
5.ئىقامەت بېجىرىشتە ئالدى بىلەن بارماق ئىزى ئېلىنىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كىملىك نومۇرى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا ئىقامەت بېجىرىلىدۇ.
بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشتىن ئالاھىدە ۋاقىپ بولۇشىنى سورايمىز ۋە يېقىن دوست – بۇرادەرلىرىگە خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەسكەرتىش:
 ئىلگىرى ئۇزاق ۋاقىت تۈركىيىدە تۇرۇش كىنىشكىسىگە  ئىلتىماس سۇنۇپ تېخىچە كۈتىۋاتقانلارنىڭ مەسىلىسىمۇ سۈرۈشتە قىلىندى. ئۇلارغىمۇ ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇش كىنىشكىىش  بېرىشكە باشلانغانلىقى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەممە كىشىنىڭ  ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇش كىنىشكىسى قولىغا تېگىدىغانلىقى ھەققىدە جاۋاب بىرىلدى.

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ