ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى بىرلىشىشكە ۋەدىلەشتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-11 14:29:05 جەمئى 7589 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى بىرلىشىشكە ۋەدىلەشتى

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى بىرلىشىشكە ۋەدىلەشتى
10- ئىيۇن ( يەكشەنبە كەچ) شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە فاتىھ جامەسىدە قەدرى كېچىسى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەتكە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات يىتەكچىلىرى، پېشقەدەم ئۆلىما ۋە ئۇستازلار، مۇجاھىت قاتارلىق ئەر- ئاياللاردىن بولۇپ 2000 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەت كېچە سائەت 11:30 دا باشلىنىپ 02:30 غىچە داۋام قىلدى.
پائالىيەتتە ئاساسەن دەۋەت- تەربىيە ئاساس قىلىنىپ، بىر قانچە رەكەت تەھەججۈت نامىزى ئوقۇلغاندىن كىيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن پېشقەدەم ئۇستاز نىياز داموللام سۆز قىلىپ، قەدىر كېچىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.


شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دەۋەت گورۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەن قەدرى كېچىسى ھەققىدە سۆز قىلىپ، قەدرى كېچىسىنىڭ پەرىشتىلىرى شېغىل تاشتىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ مۇسۇلمانلارغا ئاللاھنىڭ سالامىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ قىلغان دۇئالىرىغا« ئامىن !» دەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئاللاھقا قىلىدىغان تىلەكلىرىمىزنى قىلىۋېلىشنى تەكىتلىدى. ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتايغا قارشى بىرلىشىشنى تەكىتلەپ، خىتاي كاپىرلىرى بىر قانچە دۆلەتنى ئەتراپىغا يېغىپ « بىز بىر » دەپ مەيدان ئىزھار قىلىۋاتىدۇ، بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭمۇ ئۆز- ئارا قول تۇتۇشۇپ خىتايغا قارشى « بىز بىر» دېگەن مەيداننى ئىزھار قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. جامەگە يېغىلغان بارلىق شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۆز- ئارا قول تۇتۇشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارىش بىر ئىكەنلىكنى ئىزھار قىلىشتى، جامىنىڭ تام ۋە تورۇسلىرى يىغا-زار ۋە « ئاللاھ ئەكبەر» دېگەن گۈلدۈراس سادالار بىلەن تىترىدى. تۈركىيىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئېگە بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ سىياسى ئويۇنلىرىدىن قۇتۇلۇشى، دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.


تەھەججۈت نامىزىنى باشلاپ ئوقۇپ بەرگەن ئۆمەر قاراجىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلمىدا ئىڭراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىزرەك ئازادلىققا ئېرىشىشى، خىتاي رېجىمنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.
ئاخىردا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەييارلىغان تاماقلار بىلەن سوھۇرلۇق بېرىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ