ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۇرپان_ قەدىمقى زاماندىكى جوڭگۇ بىلەن غەرپنىڭ قاتناش يولىدىكى مۇھىم سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربىي ئىشلار مەركىزى، ۋە مەدەنىيەت مەركىزى...

تۇرپان پۈتۈكلىرىنىڭ ئوغۇرلىنىش خاتىرىسى_ روسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئەنگىلىيىلەر بۆلۈشىۋالدى.

 

تۇرپان_ قەدىمقى زاماندىكى جوڭگۇ بىلەن غەرپنىڭ قاتناش يولىدىكى مۇھىم سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربىي ئىشلار مەركىزى، ۋە مەدەنىيەت مەركىزى، تام رەسىم سەنئىتى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىركى 48- يىلىدىن باشلاپ، بۇ رايون قۇجۇ ۋىلايىتى، قۇجۇ بەگلىكى ۋە قۇجۇ دۆلىتىدىن ئىبارەت 

چ دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن. تۇرپاندا ھۆل- يېغىن ئىنتايىن ئاز، كىلىماتى ناھايىتى قۇرغاق بولغاچقا، كۆپ مىقداردىكى تارىخىي پۈتۈكلەر، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان. بولۇپمۇ، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى ئىلگرى- ئاخىرى بولۇپ، قۇجۇ ۋىلايىتى ۋە قۇجۇ بەگلىكىنىڭ تۇتۇق مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايى بولغان، قۇجۇ دۆلىتى ۋە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ پايتەختى بولغان. بۇ خارابە ئىزلار ۋە قەدىمىي قەبرىلەردىن زور تۈركۈمدىكى قەدىمقى پۈتۈكلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان بولۇپ، ھەممىسى دىگۈدەك نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.

تۇرپاندىكى مول مەدەنىيەت گۆھەرلىرى 19- ئەسىردىلا كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. 1811- يىلى، روسىيىلىك پۇتىنشىف ئەڭ بۇرۇن دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا كەلدى. ئۇندىن كېيىن، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بەس- بەستە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭغا قارىتا  « تەكشۈرۈش» ئېلىپ باردى. تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1811- يىلىدىن 1835- يىلىغىچە، چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيە ئەترەتلىرى شىنجاڭغا يۈز قېتىمدىن ئارتۇق كىرگەن. 1897- يىلى روسىيە پېتىربورگ پەنلەر ئاكادىمىيىسى چار روسىيە ئارخىئولوگيە ئىلمى جەمىيىتىنىڭ باشلىقى كېلىمىنىسى باشچىلىقىدىكى ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىدىنى تۇرپانغا ئەۋەتتى، ئۇلار 130 دانە بۇددا غارى ۋە ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنى تەكشۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئېسىل تام رەسىملىرى ۋە ئويما يېزىق، قەدىمىي يېزىقلارنى ئوغۇرلاپ دۆلىتىگە ئېلىپ كەتتى. 1909- يىلى، روسىيىلىك ئېدىنبورگ يەنە بىر ئەترەتنى باشلاپ، تۇرپانغا كەلدى، ئۇلار ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى ۋە يۈزگە يېقىن غارنى تەكشۈرۈپ، بىر تۈركۈم قەدىمقى پۈتۈكلەر، پۇل، رەسىم، بۇت ۋە ئويما بۇيۇملارنى ئوغۇرلاپ كەتتى. 1914- يىلى، ئېدىنبورگ يەنە شىنجاڭغا كېلىپ، تۇرپاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىزەكلىك تاش غارلىرىدىن زور مىقداردىكى تام رەسىملىرىنى، ھەتتا ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ ئۈستىدىكى يىپەك كىيىملەرنى ئېلىپ، بۇلارنى يۈزدىن ئارتۇق ساندۇققا قاچىلاپ، قەشقەر ئارقىلىق دۆلىتىگە قايتتى.

1902- يىلى، گېرمانىىيىنىڭ بېرلىن ئىرقشۇناسلىق مۇزېيىدىكى گىروندېۋىل قاتارلىقلار گېرمانىيىدىكى چوڭ كاپىتالىست شىمېڭ ۋە كېنوپا قاتارلىقلارنىڭ مەبلەغ ياردىمى بىلەن، 8- ئايدا تۇرپانغا كېلىپ، 46 چوڭ ساندۇق پۈتۈك ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغۇرلاپ كەتتى. 1904- يىلى، گېرمانىيە يەنە لېكوك باشچىلىقىدىكى ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىدىنى تۇرپانغا ئەۋەتتى، ئۇلار گېرمانىيە پادىشاسى ۋە كېنوپانىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. ئۇلار 9 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىر قىسىم بۇددا غارلىرى، بۇددا مۇنارى ۋە باشقا خارابىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، زور مىقداردىكى قەدىمىي پۈتۈك، نوم، پۇل، تاش ئويما قاتارلىقلارنى بايقىدى ھەمدە، ئالاھىدە ياسالغان پىچاق بىلەن غارلاردىكى ئېسىل تام رەسىملىرىنى كېسىپ ئېلىپ، جەمئى 200 ساندۇق بۇيۇمنى ئوغۇرلاپ بېرلىنغا ئېلىپ كەتتى. 1905- يىلى 12- ئايدا، گېروندىۋىل ۋە لېكوك يەنە بىرلەشمە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىدى تەشكىللەپ، ئۈچىنچى قېتىم تۇرپانغا كەلدى، 1907- يىلى ئەتىيازغىچە، ئوغۇرلاپ كەتكەن پۈتۈك، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 204 ساندۇق ئىدى. 1913- يىلى، لېكوك ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىدىنى باشلاپ 4- قېتىم جوڭگۇغا كەلدى. ئۇلار تۇرپان، كۇچا قاتارلىق جايلاردىن ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ، جەمئى 397 ساندۇق پۈتۈك، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ كەتتى. گېرمانىيىلىكلەر ئوغۇرلاپ ئېلىپ كەتكەن بۇ پۈتۈك، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولدى، ئېشىپ قالغان بىر قىسمى ھازىر بېرلىن پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە ساقلىنىۋاتىدۇ.

روسىيە، گېرمانىيىلەردىن كېيىن، تۇرپان پۈتۈكلىرىنى ئەڭ كۆپ ئوغۇلىغانلار ياپونىيىلىكلەر بولدى. ئوتانى باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش ئەترىدى ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ ئۈچ قېتىم دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا كەلدى. ئالدىنقى ئىككى قېتىمدا ئاساسلىقى كۇچا، مىرەن، نىيە بەلۋىغىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، تام رەسىملىرى قاتارلىق بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغۇرلاپ كەتتى. ئۈچىنچى قېتىمقىسى 1912- يىلى باشلاندى. ئۇلار ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تۇرپاندىكى قەدىمىي قەبرىلەرنى ئوغۇرلۇقچە قېزىپ، زور مىقداردىكى پۈتۈك، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دۆلىتىگە ئېلىپ كەتتى. بۇ ئوغۇرلانغان پۈتۈكلەر « ئوتانى پۈتۈكلىرى» دەپمۇ ئاتالدى. ھازىر، ياپونىيىنىڭ لوڭگۇ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ساقلىنىۋاتقان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، سانسىكىرىتچە، تىبەتچە، موڭغۇلچە، تاڭغۇتچە يېزىقلاردىكى پۈتۈكلەر، شۇنىڭدەك، غۇز ۋە خەنزۇچە  تام پۈتۈكلىرى، كارۇشتى يېزىقى، ئودۇن يېزىقى، كۇچا يېزىقىدىكى پۈتۈك قاتارلىقلار جەمئى 7733 پارچە.

ياپونىيىدىن كېيىن، ئەنگىلىيىلىك ستەيىن تۇرپاندىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقلارنى قازدى. ستەيىن سېسىق نامى پۇر كەتكەن مەدەنىيەت قاراقچىسى ئىدى. ئۇ 19 يىل جەريانىدا، ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ تۆت قېتىم  ئېلىمىزنىڭ يىپەك يولىدا ئوغرىلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ساناقسىز مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى ئوغۇرلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە، سۇغدى يېزىقىدىكى 8 تېڭىق خەت- چەك بولۇپ، بۇ بۈگۈنگىچە بايقالغان ئەڭ بالدۇرقى خەت يېزىلغان قەغەز ئىدى. يەنە بىرمۇنچە خەت يېزىلغان ياغاچ تاختا ۋە قوي تېرىسىگە يېزىلغان مەدەنىيەتكە ئائىت كىتاپلارمۇ بار ئىدى. ستەيىن ئوغۇرلاپ ئېلىپ كەتكەن پۈتۈك، نوم، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنڭ كۆپ قىسمى بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىدا، ئاز بىر قىسمى ھىندىستان دۆلەتلىك مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. 

مەنەبە؛ ئۇيغۇرچە توربەتلەر...

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ