ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۇرمۇشتىكى ئەپىچىل چارىلەر
 

تۇرمۇشتىكى ئەپىچىل چارىلەر 

 

ئاچچىقسۇ جاھازىلاردىكى ياغ دىغىننى ئالىدۇ:ئاشخانا ئۆيدىكى ياغاچ جاھازىلارغا ماي ، بۇس ئورنىشىپ ، كىرلىشىپ كەتكەندە ، سۈزۈك سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ سۈرتۈ يۇيۇلسا يىڭى ۋاقىتىدىكىدەك پارقىرايدۇ. پولنىڭ كىرىنى چىقىرىش:  ئاشخانا ، مىھمانخانىلارنىڭ پوللىرى بۇ جايدا تاماق ئىتىش تۈپەيلىدىن ، بىر قەۋەت ياغ _ كىر يىغىۋالىدۇ _ دە ، بۇنىڭ بىلەن ھەم مەينەت ،ھەم سەت كۆرىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ . بۇنى تازلاشتا ئاۋۋال ئازراق ئاچچىقسۇ تۆكىۋىتىپ ،ئاندىن پول سۈرتۈچ بىلەن كۈچەپ بىر نەچچە قىتىم سۈرتۈپ بىرىلسە پول پاكىزلىنىپ پارقىرايدۇ . مىس دىتىنى چىقىرىش:  ئەگەر مىس چۆگۈن ،مىس جىمبىل ، مىس ساماۋەر ، قاتارلىقلار داتلىشىپ قالسا ، لاتىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ ئېلىپ ، ئۇنىڭغا يەنە ئازراق تۇز سىپىپ ، ئاندىن داتلاشقان ئورۇننى سۇرتۇپ بەرگەندە يېشىل دات شۇ ھامان چىقىپ كىتىدۇ. ياغاچ كۆمۈرى كۆيگەن چاغدىكى تاماق قالدۇقلىرىنى چىقىرىدۇ: گاڭپەن ، پولۇلارنى دۈملىگەدە ،ئەگەر ئوت ئىتتىك بولۇپ كەتسە تاماق كۆيۈپ ، قازان تىگىگە كۆيۈكىلەر ئورنىشىۋالىدۇ . ئەگەر ئۇ ياغاچ كۆمۈر بىلەن سۈرتۈپ يۇيۇلسا ، مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە كۆيگەن بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، بىردەك تازلىنىپ چىقىپ كىتىدۇ_ دە ،قازان زىيانغا ئۇچىرمايدۇ. مەنبە ؛ << كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ