ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا پىرېزىدېنى دونالاد ترامپ ئامېرىكا مەركەز بانكىسى «Fed» نىڭ ئۆسۈمنى قايتىدىن ئۆستۈرۈش پىلانىنى تەنقىد قىلغان.

ترامپ : خىتاي چۆكىۋاتىدۇ

18- دېكابىر دوۋىي خەۋەرلەر تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنى دونالاد ترامپ ئامېرىكا مەركەز بانكىسى «Fed» نىڭ ئۆسۈمنى قايتىدىن ئۆستۈرۈش پىلانىنى تەنقىد قىلغان. 

خەۋەردە، دونالد ترامپ ئامېرىكا مەركەز بانكىسى «Fed» نىڭ بۈگۈن باشلىنىدىغان فېدېراتسىيە ئوچۇق بازار كومىتېتى «FOMC» نىڭ يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۆسۈمنىڭ ئۆستۈرۈلمەسلىكى كېرەكلىكىگە ھەققىدە سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا مەركەز بانكىسى Fed نىڭ  شۈنچە كۈچلۈك دوللار زاپىسىغا ئىگە تۇرۇغلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل پاخاللىقىمۇ نۆلدە تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىپ يۇرىشىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. پارىژ كۆيىۋاتىدۇ. خىتاي پەسكە چۆلىۋاتىدۇ. شۇڭا زەپەرگە مەركەزلىشىش لازىم» دېگەنلارنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، ترامپ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئامېرىكا مەركەز بانكىسى «Fed» نى ئۆسۈمنى ئۆستۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن نۇرغۇن قېتىم تەنقىد قىلىغان باياناتىدا، «ئامېرىكا مەركەز بانكىسى Fed ماڭا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت» دېگەن سۆزنىمۇ ئىشلەتكەن دونالد ترامپ، ئامېرىكا پايچېك بازارلىرىدىكى ئېغىر تۆۋەنلەشكە بانكىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خەۋەردە، دونالد ترامپ ئامېرىكا مەركەز بانكىسى «Fed» نىڭ باشلىقىغا ئۆزى تەيىنلىگەن جېروم پوۋېلدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنىمۇ پات - پات تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى،  جېروم پوۋېلنى قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلاشقان ياكى ئويلاشمىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا قارىتا: «ياق ئۇنى قوغلاپ چىقارمايمەن، پەقەتلا ئۇنىڭدىن كۆڭلۈم يېرىم» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ