ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ترامپ پادىشاھ سالماننى ئاگاھلاندۇردى

ترامپ پادىشاھ سالماننى ئاگاھلاندۇردى

4- ئۆكتەبىر خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ترامپ مىسسىپپى ئىشتاتىدا پارتىيەسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن باسقۇچلۇق سايلامدا قىلغان سۆزىدە،« پادىشاھ سەلماننى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى قوغداۋاتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ياردىمى بولمىسا، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلىشى لازىم» دەپ ئاگاھالاندۇرغان ھەمدە «پادىشاھ سەلماننى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن، مەن ئۇنىڭغا: قاراڭ پادىشاھ ئالىيلىرى! بىز سىزنى قوغداۋاتىمىز، ئەگەر بىزنىڭ ياردىمىمىز بولمىسا، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قالىسىز، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلىشىڭىز كېرەك، سىزنىڭ شۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار.» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، دونالد ترامپ نەخ مەيداندا پادىشاھ سەلمان بىلەن قاچان پاراڭلاشقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەنلىكى، لىكىن دونالد ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن ئۆتكەن شەنبە كۈنى تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ