ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ترامپ بىلەن شى 90 كۈنگىچە يېڭى تاموژنا بېجى يولغا قويماسلىق توغرىسىدا كېلىشتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-03 14:43:41 جەمئى 1098 قېتىم ئوقۇلغان.

ترامپ بىلەن شى 90 كۈنگىچە يېڭى تاموژنا بېجى يولغا قويماسلىق توغرىسىدا كېلىشتى

ترامپ بىلەن شى 90 كۈنگىچە يېڭى تاموژنا بېجى يولغا قويماسلىق توغرىسىدا كېلىشتى.

2- دېكابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئارگېنتىنادا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ نۇرغۇن مەسىلىسىدە كېلىشكەن.

ئاقساراي ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكى ۋە نۇرغۇن مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى، 90 كۈن ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي دائىرىلىرى رەسمىي كېلىشىم ھاسل قىلىش مەقسىتىدە ئىزچىل سودا مۇزاكىرىلىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقى، بۇ 90 كۈن ئىچىدە ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە قوشۇمچە تاموژنا بېجى يولغا قويۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا كېلىشكەنلىكى، ترامپنىڭ 2019-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەھسۇلاتقا قويۇلىدىغان %25 قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ نىسبىتىنى %10 تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

باياناتتا يەنە،  ئەگەر 3 ئايلىق مۇزكىرىلەردىن كېيىنمۇ بىرەر نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىسا،%10لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ قايتا % 25 گە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا، خىتاينىڭ ئامېرىكادىن يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى قايتا باشلايدىغانلىقى، خىتاينىڭ يەنە ئامېرىكادىن زور مىقداردا ئېنېرگىيە، سانائەت ۋ باشقا ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان مەسىلە پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان «سودا تەڭپۇڭسىزلىقى»نىڭ مەلۇم دەرىجىدە ھەل بولۇشىغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقى، ئامېرىكاغا فېنتايل ساتقان خىتايدىكى شىركەت ۋە شەخسلەرنى ئېغىر جازالاندۇرۇش توغرىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

خەۋەردە ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتىدە يەنە، شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقى، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ  شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن بىرلىكتە، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش يولىدا كۈچ چىقىرىش ئەھۋالىنىمۇ سۆزلەشكەنلىكى، شى جىنپىڭنىڭ  «كئۇكوم » (Qualcomm-NXP)كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ