ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ترامپ: خىتاي بىلەن تىجارەت كېلىشىمى تۈزۈشكە تەييار ئەمەسمەن

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-06 10:50:34 جەمئى 3031 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا پرىزدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن تىجارەت ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا تېخى تەييار ئەمەسلىكىنى، ئەمما خىتاي بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ: خىتاي بىلەن تىجارەت كېلىشىمى تۈزۈشكە تەييار ئەمەسمەن

ئامېرىكا پرىزدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن تىجارەت ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا تېخى تەييار ئەمەسلىكىنى، ئەمما خىتاي بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خىتاينىڭ 50 مىليارد دوللارلىق مېلىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، ترامپ ئەمدى خىتايدىن كىرگۈزۈلىدىغان 200 مىليارد دوللارلىق مالغىمۇ قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشقا ھازىرلانماقتا.

 

ترامپ تۆنۈگۈن ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: خىتاي بىلەن كۆرۈشۈشلىرىمىزدە ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدۇق ئەمما بىز ئۇلار ئارزۇ قىلغان كېلىشمگە تەييار ئەمەسمىز دېدى. ئەمما ترامپ بۇنىڭ تەپىسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

ترامپ: خىتاي بىلەن سۆھبەتكە داۋام قىلىمىز، رەئىس شىغا ھۆرمەت قىلىمەن... ئەمما ھازىر بۇنداق كېلىشىم قىلالمايمىز دېدى.

ئامېرىكا بېيجىڭدىن خىتاي بازىرىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئېچىشىنى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ پىكىرى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىشىنى، خىتاي سانائەت شىركەتلىرىگە دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەملەرنى توختىتىشىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ زىيىنىغا بولغان 375 مىليارد دوللارلىق تاشقى تىجارەت بوشلۇقىنى ئازايتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ