ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىلال ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ئالەمدىن ئۆتتى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-02 15:01:20 جەمئى 2424 قېتىم ئوقۇلغان.

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىلال ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ئالەمدىن ئۆتتى.

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىلال ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ئالەمدىن ئۆتتى.
تۆت يىلدىن بىرى تايلاند تۈرمىسىدە ئەزىيەت چېكىۋاتقان بىلال ئىسىملىك قېرىندىشىمىز 1- ئاۋغۇست قىينالغان روھىنى رەببىگە تاپشۇردى.
قېرىندىشىمىز خىتاي تاجاۋۇزچلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ھەددىدىن ئاشقان دىنى چەكلىمىلىرىدىن قېچىپ، ئۆزىنىڭ ئىسلامى ۋە ئىمانىنى ساقلاپ رەببىگە لايىقىدا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قاتمۇ- مۇشەققەتلەرگە قارىماي ئاللاھ يولىدا ھىجرەت ئىبادىتىگە ئاتلانغان ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرى ئىدى. ئاللاھ يولىدا بىر قانچە دۆلەتنى، 10 نەچچە مىڭ كىلو مېتر مۇساپىنى جاپالىق بېسىپ تايلاندقا كەلگەندە خىتاينىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا سېتىۋېتىشى نەتىجىسىدە تۆت يىلدىن بىرى تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى.
تايلاند دائىرلىرى بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا قېرىندىشىمىز بىلال تۈرمىدىكى ناچار مۇھىت سەۋەپلىك راك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بولۇپ 1- ئاۋغۇست رەبىىگە ئامانەتنى تاپشۇرغان.
ئەپسۇس قېرىندىشىمىز بىلال ئاللاھ يولدا كۈتكەن بۈيۈك غايە- مەقسەتلىرىگە ماددى دۇنيادا يېتەلمىدى. مېھرىبان ئاللاھدىن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن جاپالىق يوللارنى تاللاپ قىلغان ھىجرەت ئىبادىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىلال قېرىندىشىمىزنىڭ ھىجرىتىنى جەننەتكە قىلغان ھىجرەت قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى، قېرىندىشمىزغا شېھىتلىك مۇقامىنى بېرىشىنى تىلەيمىز ئامىن!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ