ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كائىناتتىكى ساناقسىز مەۋجۇدىيەت، مەدىنىيىتى ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق ھالدا بىلىپ يەتكەنلىكى ۋە چىن دىلىدىن ھىس قىلىپ يەتكەنلىكى بىلەن تەرەققى قىلىشقا باشلىدى.
 

تاشقى پىلانتلىقلارنىڭ ئاللاھقا ئىمانى قانداق؟

 

تاشقى پىلانتلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان  ۋە بۇ ھەقتە ھەقىقەتەن ئاجايىپ مەلۇماتلارنى ئوتتۇرغا قويۇشى بىلەن نام چىقارغان ھاككان ئوغلۇ  تېلىۋىزيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان مۇنازىرىسىدە بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەن بولۇپ، تۆۋەندە ئۇنىڭدىن سورالغان سوئاللار ۋە بېرىلگەن جاۋاپلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ سۇندۇق

سوئال: تاشقى پىلانت ئادەملىرى نېمە ئۈچۈن يەر يۈزىگە كېلىدۇ؟

جاۋاپ: كائىناتا ئىلگىرلەپ تەرەقى قىلىۋاتقان ھايات شەرتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ۋە ئىنسانلارنى كائىنات ئىچىدىكى ھاياتقا تەييارلاش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقى ئىھتىمالغا يېقىندۇر .

سوئال: نېمە ئۈچۈن ئۇلار ئوچۇق- ئاشكارا كۆرۈنمەيدۇ؟

جاۋاپ: توپلۇشىپ ياشاش شەكلىدىكى ئىنسانلار سىرتقى ئالەمدىن كەلگەن مەخلۇقلار بىلەن ئوچۇق – ئاشكارا ئۇچراشقىدەك ۋە ئۇلارنى قوبول قىلغىدەك سەۋىيەدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارغا ئاشكارا كۆرۈنمەيدۇ.

سوئال: ئۇچار تەخسە دەپ بىلىنىدىغان بۇ جانلىقلار كىملەر بىلەن ئالاقە قۇرىدۇ؟

جاۋاپ: ئەسلىدە تاشقى پىلانت مەخلۇقلىرىنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تارىخلار بويىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مۇناسىۋەتتۇر. ئۇلارپەقەتلا ئۇلارنى ھېس قىلالىغان ، ئۇلار تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلارنى چۈشىنەلگىدەك ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئىنسانلار بىلەن ئالاقە ، مۇناسىۋەتتە  بولىدۇ. .

سوئال: تاشقى پىلانت مەخلۇقلىرى ئىنسانلار بىلەن قانداق ئالاقە  قۇرىدۇ؟

جاۋاپ: تاشقى پىلانت مەخلۇقلىرى دۇنيا ئادەملىرى بىلەن بىرقانچە يول بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئېلىكتىرونلۇق دولقۇن يولى . يەنە بىر بولسا بىۋاستە ئۇچرىشىش شەكلى. بۇ خىل ئۇچرىشىشتا ئىنسانلار تاشقى پىلانت كېمىلىرىگە ئېلىنىپ، ساياھەت قىلدۇرىلىدۇ. بەزى ئادەملەر ئۈستىدىن گېن تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇچرىشىش بولسا بىز چۈش كۆردۇق، دەپ قارايدىغان ئاسترال يەنى روھنىڭ ساياھىتى يولى بىلەن ئەملىيلىشىدۇ .

سوئال: بۇ مەخلۇقلار يەر يۈزىگە قانداق كېلىدۇ؟

جاۋاپ: بەزىلىرى نۇر تېزلىكىدىنمۇ تىز ئۇچۇدىغان تاشقى پىلانت قاتناش قۇراللىرى يەنى ئالەم كېمىلىرى  بىلەن كېلىدۇ. بەزىلىرى بولسا ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان تاشقى پىلانتلاردىن چاچراپ چىقىش ئارقىلىق بىزنىڭ پىلانتىمىزنىڭ زامان دائىرىسىگە كىرىدۇ. مالىكوللارنىڭ ئېقىشى ھالىتىدە ۋە ياكى نۇر شەكلىدە كېلىدىغانلارمۇ بار.

سوئال: بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ئەقىدىسى بارمۇ؟  ئاللاھقا ئىمان ئېيتامدۇ؟

جاۋاپ: ئەلۋەتتە. ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كائىناتتىكى ساناقسىز مەۋجۇدىيەت، مەدىنىيىتى ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق ھالدا بىلىپ يەتكەنلىكى ۋە چىن دىلىدىن ھىس قىلىپ يەتكەنلىكى بىلەن تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. بىزمۇ ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكىنى چىن يۈرىكىمىز بىلەن ھېس قىلىشمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەتلا بىلىم ۋە مەلۇمات  بىلەن ئىسپاتلاشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك بولالمايدۇ. روھى جەھەتتىنمۇ تەرەققى قىلىشىمىز لازىم. ئاللاھ پۈتۈن كائىنتانىڭ ۋە كائىناتتىكى بارلىق مەجۋۇدىيەتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا بولغان تونۇشىمىز بارغانچە چوڭقۇرلاپ  بېرىشى لاىم. چۈنكى، كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ تونىغان ، بىلگەن ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

سوئال: تاشقى پىلانتلىقلارنىڭ مەۋجۇتلىقى دىنى ئەقىدىگە زىت كېلەمدۇ؟

جاۋاپ؛ ھەرگىزمۇ زىت بولمايدۇ. چۈنكى، بارلىق ئىلاھى كىتاپلاردا، تەۋراتتا، ئىنجىلدا، بولۇپمۇ قۇرئانى كەرىمدە ئالەم بوشلىقىدا يەنى يەر شارىنىڭ سىرتىدا ئىنتايىن ئەقىللىق مەخلۇقاتلارنىڭ ھاياتلىقىدىن سۆز ئىچىلغان  بايانلار باردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈندۇر. قۇرئاندا ھەم باشقا پىلانتلاردا ياشىغان ھىس تۇيغۇلۇق جانلىقلار ھەققىدە بايانلار بېرىلگەندۇر.

سوئال: تاشقى پىلانتلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قولىدا كائىناتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۇ ئەقىللىق مەخلۇقلار ھەققىدە دەلىللەر بارمۇ؟

جاۋاپ: شۇنداق، ناھايىتى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدا تاشقى پىلانتلاردىكى ئەقىللىق جانلىقلارنىڭ ھاياتلىرىغا ئالاقىدار نۇرغۇن بىلىم ۋە مەلۇمات، ھۆججەتلەر بار.

تەرجىمە قىلغۇچى :  مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ