ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تارىخىي ماتېرىياللاردا شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى قانۇنى ماۋزۇلۇق كىتاب نەشىردىن چىقتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-02 16:42:14 جەمئى 1806 قېتىم ئوقۇلغان.

تارىخىي ماتېرىياللاردا «شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » ۋە ئۇنىڭ ئاساسى قانۇنى ماۋزۇلۇق كىتاب نەشىردىن چىقتى

تارىخىي ماتېرىياللاردا «شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ۋە ئۇنىڭ ئاساسى قانۇنى ماۋزۇلۇق كىتاب نەشىردىن چىقتى
قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئونىۋېرېستىت ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئالىمجان بۇغدا يازغان« تارىخىي ماتېرياللاردا شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى قانۇنى » ماۋزۇلۇق تارىخ كىتاب نەشىرىدىن چىقتى.
بۇ كىتابتا 20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ھەر ساھەدىكى ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، قىلغان ئورتاق تىرىشچانلىقى، شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇيغۇر،قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە، زامانىۋى دۇنيادىكى دۆلەتلەردىن قېلىشمايدىغان مىللى بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىش جەريانى، مەزكۇر دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ئورگانلارنى تولۇق تەسىس قىلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نورمال ھاياتىغا تامامەن كاپالەت قىلغان بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي جەريانى يېزىلغان. بۇ دۆلەت دەل 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى.
بۇ كىتاب مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان « ئىستىقلال مەجمۇئەسى»دە يېزىلغان بايانلار، نەشىر قىلىنغان گېزىت ۋە تارىخىي ھۆججەتلەرنى ئاساس قىلىپ ھازىرلانغان، ھەمدە تارىخىي چىشلىقتىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، تارىخىي ھۆججەتلەر ئەينەن بېرىلگەن.
ئاپتور بۇ كىتابنى بۈگۈنكى كۈندە قاتتىق سىياسى كىرىزىسكە پېتىپ قېلىپ « يول قاياقتا؟»دەپ تىڭرىقىۋاتقان بىر دەۋرىدە، بىز ئۇيغۇرلارغا تارىختىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىرلىك ۋە ھەمكارلىق يولى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن شانلىق تارىخىنى ئەسلىتىش، بىزنىڭ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دۆلەت قۇرۇش يولىدا ئىلھام مەنبەسى بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كىتاب تۈركىيىنىڭ ئستانبۇل زېيتىنبۇرنۇ سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىدا سېتىلىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇخېلىل ھاجىم.
يانفۇن:05343268456

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ