ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تاجاۋۇزچىلىققا، ئىشغالچىلار زۇلمىغا قەتئى قارشى تۇرۇپ، ئۇمۇمى مىللەت ئىجتىمائىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2013-07-29 15:26:17 جەمئى 2545 قېتىم ئوقۇلغان.

كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈزەل بىر كېلەچەكنى بەرپا قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئىشغالغا، تاجاۋۇزچىلىققا ۋە زۇلۇمغا ئىلاھى قانۇن بويىچە قەتئى قارشى تۇرۇپ، ئۇمۇمى مىللەت ئىجتىمائىيىتىنىڭ ھەقىقى مۇقىملىقىنى بىرلىكتە پۈتۈن بارلىغىمىز بىلەن قوغدىشىمىز كېرەك

 

 

تاجاۋۇزچىلىققا، ئىشغالچىلار زۇلمىغا قەتئى قارشى تۇرۇپ، ئۇمۇمى مىللەت ئىجتىمائىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك

ئىستىقلال رادىئوسى خەۋىرى: يېقىندا ئاقسۇ، مارالبېشى، تۇرپان، يىڭىھىسار، كورلا، قارغىلىق ۋە خوتەن  قاتارلىق شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر يەرلىرىدە ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئېغىر زۇلۇم- ئىسكەنجە ۋە ئىرقى ئايرىمچىلىق سىياسەتلىرىگە قارشى جىھادى ھەرىكەتلەر ئۇدا يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئەزىمەتلەر شېھىت بولدى . خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بىرى نۇرغۇن شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ ھاياتىنى ، مال – مۈلكىنى ، ئىززە ت – ئابرۇيىنى ۋە ئۆرپ ئادەت مەدىنىيەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتتى. ئىشغالچىلارنىڭ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان بۇ ۋەھشىي قىلمىشىلىرى ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ  ئورتاق ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

نۆۋەتتە، شەرقى تۈركىستان ئاممىسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شەرقى تۈركىستان ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ھەقىقى مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتۈر.

شەرقى تۈركىستان ۋە خىتاي ئىشغالچىلىرى ئارىسىدىكى بۇ مەسىلە، ھايات – ماماتلىق سىياسىي كۈرەش مەسىلىسى بولۇپ، تارىخقا قارايدىغان بولساق، خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلۇپ شەرقى تۈركىستاننى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىشغال ئاستىغا ئېلىۋالغان ۋاقىتتىن بىرى، شەرقى تۈركىستان خەلقى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى  ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

 يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆزلۈكسىز يۈز بىرىۋاتقان جىھادى ھەرىكەتلەرنىڭ مەقسىتى، شەرقى تۈركىستاندا قاتىللىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ھەقىقى تېرورچى، ئىپلاس زىھنىيەتلىك خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيىتىنىڭ قاتمال، رادىكال رەھبەرلىرىگە قەتئى قارشى تۇرۇپ، شەرقى تۈركىستان تۇپرىقىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قىلىش ۋە ئۇمۇمى مىللەت ئىجتىمائىيىتىنىڭ ھەقىقى مۇقىملىقىنى قوغداپ قېلىشتۇر.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىدىن، خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش، ئۇمۇمى مىللەت ئىجتىمائىيىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شۇ ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنى تامامەن ئاسىمىلاتسىيە قىلىپ يۇقۇتۇۋېتىش ئىكەنلىكىنى كۈرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خىتاي ئىشغالچىىرى شەرقى تۈركىستاندا باستۇرۇش ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىپ، ئاساسىي قاتلام خەلق ئاممىسى ، ۋەتەنپەرۋەر زىيالى ۋە دىنىي ئەھلى ئىلمىلىرىگە تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە. بىز ئىشغالچى زالىملاردىن قورقۇپ قالمايمىز، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە قىلمىشى غەزىپىمىزنى تېخىمۇ ئۆرلىتىپ، زۇلۇمغا، ئۇمۇمى قەتلىئامغا قەتئىي قارشى تۇرۇش ئىرادىمىزنى ، ئىمانىمىزنى ۋە ۋىجدانىمىزنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىدۇ. شەرقى تۈركىستان خەلقى ئەزەلدىن زۇلۇمغا تىز پۈكۈپ باققان ئەمەس، ئىشغالچىلارنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىنى ، ۋەتەننى يۇقۇتىۋىتىش، ئىجتىمائى مىللەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك رەزىل مەقسىتى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ئاتالمىش ئىسلاھات ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشقا باشلىدى، شۇنچە بايلىق مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان شەرقى تۈركىستان خەلقى، ئۆز بايلىقىدىن مەنپەئەتلىنەلمىدى. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش ، دېھقان – چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ، شەھەر – يېزىلارنىڭ يول قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ۋە داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ناملىرى ئاستىدە پۈتۈن ئىشلارغا خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.  يەرلىك خەلق بەھرىمەن بولىدىغان ئاتالمىش ئىسلاھات تەرەققىياتلىرىدىن پەقەت خىتاي كۆچمەنلىرىلا  بەھرىمەن بولدى.

خىتاي ئىشغالچىلىرى ھېلە – نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆتكەن يىلى ئىلى، بورتالا، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا ئىككى – توت تال مەبلەغ سېلىپ ئاتالمىش كەڭساي چوڭ كۆۋرۈكىنى سالدى. شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدا ، بولۇپمۇ  قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى دېھقانلار، ياردەم بىرىپ يېڭى سىلىنغان ئۆيلەرگە كۆچۈش نامى بىلەن ئەجدادلىرىدىن بىرى ئىشلەپ كەلگەن مۇنبەت يەرلىرىدىن، ئەسلى ئوي - ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.

ئىلگىرى شەرقى تۈركىستان خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن كۈڭۈللۈك ۋە خاتىرجەم ئىدى. ھازىر خىتاي ئىشغالچىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى زۇلۇم نىشانىغا ئايلىنىپ، خەلق خاتىرجەملىكىنى، مىللى ئۆرپ – ئادەتلىرىنى، تارىخى ئەنئەنىلىرىنى، ئىتىقادى ۋە مەدىنىيىتىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يىللاردىن بىرى پىلان قىلىپ كەلگەن سۈيقەست ۋە ھىلە – نەيرەڭلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر.  شەرقى تۈركىستان خەلقى ئىلگىرى ئاق كۆڭۈللۈك قىلىپ، مىۋە- چىۋە ، قېتىق- سۈت ۋە دوغلارنى ئىلىپ چىقىپ كۈتۈۋالغان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلغان بۇنداق قارا نىيىتىگە جەزمەن نەپرەتلىنىدۇ ۋە قارا نىيەتلىك دۈشمەنلەرنى يۇقۇتۇپ، شەرقى تۈركىستاننى ئىشغالچىلاردىن پاك پاكىزە تازىلىمىغۇچە مۇستەقىللىق كۆرىشىنى قەتئى توختاتمايدۇ.

خىتاي تاجاۋۇزچلىرى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ، شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىدىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھازىر ساياھەتچىلەردىن پۇل ئېلىپ، كىرىم مەنبەسى قىلىۋالغان مەشھۇر سەددىچىن سېپىلىنىڭ نىمە سەۋەپتىن سېلىنغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. دۇنياغا مەشھۇر بۇ سېپىلنى زىيارەت قىلغان بىر ئۇيغۇر شائىرى مۇنداق دەپ يېزىپ قويغان ئىكەن بۇ سېپىلنى سوققانلار، ھون بۇۋامدىن قورققانلار .

شۇ سەۋەبتىن ئۇلار شەرقى تۈركىستاننى پارچىلاپ يۇقۇتۇش، خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتىپ، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەقىقى ئەزىمەتلەرنى بۆلگۈنچى، تېرورچى دەپ خەلقاراغا تەتۈر تەشۋىقات ئېلان قىلماقتا.

ئۇلار ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقى، دىنى ئەركىنلىك شۇئارىنى كوزۇر قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقى ۋە دىنى ئەركىنلىككە قارشى قاراتقان رەزىل سىياسەتلىرىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ ساپلىقى ، ساددىلىقى ۋە يۈزەكى دىنىي ئېتىقادىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى  قايمۇقتۇرۇپ كەلمەكتە . شەرقى تۈركىستاندىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، بىز ھەرگىزمۇ تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ ھىلە – نەيرەڭگە توشۇپ كەتكەن سۈيقەست قىلتىقىغا چۈشمەسلىكىمىز كېرەك.

شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىكتۇر، بىز قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ئىلگىرلەش يولىمىزدىكى ھەر خىل تۇساقلارنى يېڭىپ، شەرقى تۈركىستان ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىرلىكتە بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز ، نۆۋەتتىكى پۇرسەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز ۋە بىرلىكتە قوغدىشىمىز كېرەك. ۋەتەندە ۋە ياكى چەتئەللەردە بولسۇن نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردۈق. ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ھازىرقى ۋەزىيەت ئىنتايىن نازۇك بولۇش بىلەن بىرگە خېلى شارائىت ۋە پۇرسەتلەر بىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. زامان تەرەققى قىلغانسىرى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ماددى مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلارنىڭ ئېغىر بۇلاڭ – تالىڭىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ، مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە.

كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈزەل بىر كېلەچەكنى بەرپا قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئىشغالغا،  تاجاۋۇزچىلىققا ۋە زۇلۇمغا ئىلاھى قانۇن بويىچە قەتئى قارشى تۇرۇپ، ئۇمۇمى مىللەت ئىجتىمائىيىتىنىڭ ھەقىقى مۇقىملىقىنى بىرلىكتە پۈتۈن بارلىغىمىز بىلەن قوغدىشىمىز كېرەك.

ئاپتۇرى : مۇسلىم

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ