ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ب د ت يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-08 15:34:50 جەمئى 3812 قېتىم ئوقۇلغان.

ب د ت يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

ب د ت يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

 

7‏-ئاۋغۇست ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۆتكۈزۈلگەن ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش ھەققىدىكى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتايدىن ئاتالمىش «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى»نى قانداق قانۇنى ئاساسقا تايىنىپ تەسس قىلغانلىقىنى سوراش تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان 20 دەك خەلقئارادىكى ئاممىۋى تەشكىلات ب د ت غا خىتاينىڭ  ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا ئېتنىك ھەم دىنىي گۇرۇھلارغا مائارىپ، مەدەنىيەت، تىل، دىنىي ئېتىقاد، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئادىل سوتلىنىش، ئىقتىسادى تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات سۇنغان.

يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتناشقان.  ئۇ  يىغىندا خىتاينىڭ  شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە شۇنداقلا نورمال دىنىي ئېتىقاد بىلەن دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ چەك-چېگراسىغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى، بىر قىسىم  خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا جازا لاگېرىدىكى ئىنسانلارنىڭ 3 مىليونغا يېقىنلاشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇ لاگېرلاردا ئۆلۈم ئەھۋاللىرىنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى،  خىتايدىن بۇ لاگېرلارنى ئېچىشتا قانداق قانۇنى ئاساسقا تايانغانلىقىنى سورۈشتە قىلىش كېرەكلىكىنى، خىتايدىن لاگېرلاردىكى ئىنسانلارنىڭ ئېنىق سانىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەكلىكىنى، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە خىتاينىڭ نېمىنى نورمال دىنىي ئېتىقاد، دىنىي ئاشقۇنلۇق، دەپ ئايرىيدىغانلىقىغا ئېنىق جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت، ھەرىكەت ۋە ئالاقە ئەركىنلىكى چەكلىنىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتلەردە زور كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى يىغىن ئەھلىنىڭ ئالدىغا قويغان.

ئەركىن ئاسىاي رادىئوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالدىنقى ئايدا ب د ت غا بىر پارچە دوكلات يوللىغان بولۇپ ، دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا بەزى ھالقىلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغانلىقى، خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى، دىنىي ئېتىقادنى جىنايەت قاتارىدا مۇئامىلە قىلغانلىقى،  ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، ساياھەت قىلىش، يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىكەن.

ئەپسۇس د ئۇ ق نىڭ يوللىغان دوكلاتى ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي «شەرقىي تۈركستان » دېگەن ئاتالغۇنىڭ بارلىقى باھانە قىلىنىپ تور بەتتىن ئېلىپ تاشلانغان. لېكىن دولقۇن ئەيسا دوكلاتتىكى ئاتالغۇلاردا مەسىلە بارلىقىنى رەت قىلغان

ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ 10‏-ۋە 13‏-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئاچماقچى بولغان يىغىنىدا خىتاينىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش خەلقئارا ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى باھالايدىكەن. ھەمدە خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا  ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئېنىق جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ