ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ب د ت ئىسرائىلىيىگە نارازىلىق بىلدۈردى

 

ب د ت ئىسرائىلىيىگە نارازىلىق بىلدۈردى

4- ئىيۇل تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە،بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى لىز تىھروسسېك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيىگە نارالىق بىلدۈرگەن.

باياناتتا، خان ئەلئەھمەر يېزىسىدا يېرىمىدىن كۆپرەكى بالىلار بولۇپ، 181 كىشىنىڭ يۇاشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بەدەۋىلەر ياشاۋاتقان خان ئەلئەھمەر – ئەبۇ ئەلخەلۇ يېزىسىدىكى ئۆيلەرنى كەلگۈسى كۈنلەردە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ چېقىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق تارقالغان خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆيلەرنىڭ چېقىلىشى توغرۇلۇق چىقارغان قارار ئىجرا قىلىنماسلىقى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئۆز زېمىدا ياشاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە سالاھىيەتلىرى مۇنزىتىم ھالەتتە قوغدىلىشى لازىم، چۈنكى خەلقئارا ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلارغا ئالاقىدار قانۇن - بەلگىلىمىلەردە، خۇسۇسىي مال – مۈلۈكلەرنىڭ ئىشغال كۈچلىرى تەرىپىدىن  ۋەيران قىلىنىشى ياكى تارتىۋېلىنىشى مەنئىي قىلىنىدۇ»

ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى 24 – ماي كۈنى  ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستنىڭ ئەتراپىدىكى «ئايرىمچىلىق تېمى» نىڭ باشقا تەرىپىدە قالغان پەلەسىتنلىك بەدەۋىلەرگە ئائىت ئۆيلەرنىڭ چېقىلىشى توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خان ئەلمەھمەر يېزىسى ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستىن ئۆلۈك دېڭىزغىچە سوزۇلىدىغان 12 مىڭ دۆنۈملۈك زېمىندىن پەلەسىتنلىكلەرنىڭ چىقىرىلىشى نىشان قىلىنغان « E1 » لايىھەسى دائىرىسىدىكى تېېرروتېرىيەگە جايلاشقان بولۇپ، رايوندىكى 3 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە 46 بەدەۋى يېزىلىرىدىن بىرى بولغان خان ئەلئەھمەرنىڭ ئەتراپىدا كۆپ ساندا يەھۇدىي كۆچمەن مەھەللىلىرى بار ئىكەن.

ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆيلەرنىڭ چېقىلىشى توغرۇلۇق قارار چىقارغان يېزىدا،  باراڭ، تاختا ۋە پەنەركە قاتارلىق يېنىك نەرسىلەردىن قۇراشتۇرۇلغان بىنالاردا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ياسالغان قۇراشتۇرما ئۆيلەردە 190 پەلەستىنلىك ياشايدىكەن.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ