<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بېنگال مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتىنى بۇزدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-11 12:00:26 جەمئى 1637 قېتىم ئوقۇلغان.

بېنگال مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، بارلىق سۈكۈتنى بۇزۇپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا قارىشى نامايىش قىلدى.

بېنگال مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتىنى بۇزدى
8- سىنتەبېر new nation تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدرۈرلىشىچە، بېنگال مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، بارلىق سۈكۈتنى بۇزۇپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا قارىشى نامايىش قىلدى.
تۈرك دۇنياسىدىكى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىككى مىلياردقا يېقىن ساننى تەشكىل قىلىدىغان مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىش، دىندىن ياندۇرۇش، ئىسلام دىنىنى «بىر كېسەللىك» دەپ ئاتاپ ھاقارەت قىلىش جىنايەتلىرىنى ئاڭلىماس ۋە كۆرمەس بولىۋالغان بۈگۈنكى كۈندە، بېنگال مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلامى قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ شەرقي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئىگە چىقىشى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سۈكۈتىنى بۇزدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىن قىلىشقا قارشى نامايىش جۈمە كۈنى بېنگالنىڭ پايتەختى داككادا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشىنى بېنگالدىكى «ئىسلام ئاندولون» تەشكىلاتى تەشكىللىگەن. نامايىشقا بىر قانچە مىڭلغان تەشكىلات ئەزالىرى ۋە بېنگاللىق مۇسۇلمانلار قاتناشقان.
نامايىشچىلار قوللىرىدا « ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇملار توختىتىلسۇن!»، «تەربىيىلەش ئورنى » نامى بىلەن ئاتالغان «لاگېرلار تاقالسۇن!» دېگەن شۇئارلار يېزىلغان تاختايلارنى كۆتۈرۈشۈپ، « ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئەركىنلىك» دېگەن شۇئارلارنى توۋلىغان.
خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان ئاتالمىش «يېغىۋېلىش ئورنى »دا مىليونلارچە مۇسۇلماننىڭ سۇلانغانلىقى، خىتاي دائىرلىرى ئۇلارنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋاستىلەر بىلەن خورلىغانلىقى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىز- دېرىكى بولمىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنى دۇنيادا بىلمىگەن، خەۋەر قىلىمىغان ئاخبارات ئورنى قالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ