ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-05 23:06:03 جەمئى 1321 قېتىم ئوقۇلغان.

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلدى

 

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلدى

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 9 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا غەزەپكە تولغان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى.

 ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئاقساراي ئالدىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ پەخرى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكلىشىدە نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىشتا رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىكى شەھىدلەرنى ئەسلەش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن ماتەم تۇتۇۋاتقانلىقى ۋە قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردە نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كانادانىڭ ئوتوۋادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىىشى بىلەن دەنخاگ پارلامىنت بىناسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشتا ياشلىرىمىز پۈتۈنلەي ھەربىي كېيىملەرنى كەيگەن قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلىرىمىزنى تۇتقان ھالدا ئسىتىقلال مارشىمىزنى ئوقۇدى ئارقىدىن ياشلار خىتايغا قارشى كۈچلۈك شۇئارلارنى توۋلاشتى.

شۇنداقلا گوللانىيىگە ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە قانداق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا گوللاندىيە پۇخراسى بولۇپ بولغان ئۇيغۇرلارغىمۇ ھەرخىل بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ بېسىمىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ يولسىزلىقلارغا قارشى ھەرىكەتكە چاقىردى.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ