ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۈگۈن ياپونىيىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-07 15:48:49 جەمئى 1573 قېتىم ئوقۇلغان.

بۈگۈن ياپونىيىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

بۈگۈن ياپونىيىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
ئۆز خەۋىرىمىز: 7 - ئىيۇل ياپونىيە پايتەختى توكيودا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 9 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىش ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ياپونىيە تارىخىدا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر قاتناشقان نامايىشلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
نامايىشقا 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ %90 ئۇيغۇرلار ئىكەن.
نامايىشقا قاتناشقۇچىلاردىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ياپونىيىدە 3000 غا يېقىن ئۇيغۇر بولغان بولسىمۇ نورمالدا نامايىشلاردا بەك ئاز ساندا ئۇيغۇرلاردىن باشقىلىرى ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن چىقمايدىغانلىقىنى، كۆپىنچە نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ياپونلار ئىكەنلىكىنى، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ياپونىيىدىكى كونا ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى، چوڭلار ئارىسىدا ياشلارنىڭ ئويغىنىشى تەسىر قىلىپ داۋا سېپىگە كىرىۋاتقانلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈردى.
نامايىش ياپونىيە ۋاقتى سائەت 15:00 دە باشلىنىپ 18:00 گىچە داۋام قىلدى.
نامايىش باشلىنىشتىن بۇرۇن شۇ ئەتراپتىكى بىر باغچىغا توپلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سېپى ئارقىسىدىن 7-8 ئەتراپىدا خىتاي قوللىرىدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمىز، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمىز دېگەن ئۇيغۇرچە، خىتايچە يېزىلغان لوزونكا كۆتۈرۈۋالغان ھالدا پەيدا بولغان، بۇنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار ئۇلارغا يۇپۇرۇلۇپ بارغان بولسىمۇ، ياپۇن ساقچىلىرى جېدەلنى توسۇۋېلىپ، خىتايلارنى كەتكۈزۈۋەتكەن.
نامايىشتا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر تۇرمۇھەممەد ھاشىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇشلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى، داۋا يولىدا مۇشۇنداق بىرلەشكەندىلا خىتايغا ئۆنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا: تېرورچى خىتاي، فاشىست خىتاي، ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق!، تېرورچى شى جىنپىڭ، تېررورچى چىن چۈەنگو، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك قاتارلىق شۇئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشچىلار ئەسلىدە بۇ نامايىشنى ئۈزۈلدۈرمەي بىر قانچە كۈن داۋام قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ساقچىلار يول قويمىغانلىقى سەۋەبلىك ئاخىرلاشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ