ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۈيۈك قوي ئىمپېرىيەسى

بۈيۈك قوي ئىمپېرىيەسى

(تەرجىمە ئەسەر)

ئەزىز نەسىن

بىر زامانلاردا بۆرىلەرنىڭ ئوۋ ئوۋلايدىغان يېرى قالمىغان ئىدى. چۈنكى ھايۋانلارنىڭ پادىشاھلىرى ھېسابلىنىدىغان شىر، يولۋاس، ئېيىق قاتارلىق كۈچلۈك ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلار دۇنيادىكى ئوۋ ئوۋلايدىغان زېمىنلارنى ئۆز ئىچىدە بۆلۈشۈۋالغان ئىدى. بۆرىلەرگە بولسا ئوۋ ئوۋلايدىغان زېمىن قويمىغان ئىدى. بۆرىلەرمۇ ئوۋ ئوۋلايدىغان يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن بولسىمۇ، شىر، يولۋاس ۋە ئېيىقلاردەك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ تېررىتورىيەسىگە كىرەلمەيتتى، ئۇ زېمىنلاردا ئوۋ ئوۋلىيالمايتتى. بۇ سەۋەبتىن ھايات كەچۈرۈشتە قىينىلاتتى ھەتتا بەزىدە ئاچ قالاتتى. بۆرىلەر بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىدە ناھايىتى چوڭ بىر قۇرۇلتاي ئاچتى. بۇ قۇرۇلتايدا «قانداق قىلغاندا بۇ ئېغىر ئەھۋالدىن قۇتۇلالايمىز؟» دېگەن تېمىدا پىكىرلەشتى، مۇزاكىرە قىلدى. ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەقىللىق دانىشمىنىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى. قېرى دانىشمەن بۆرە بۆرىلەرنىڭ قۇرۇلتىيىغا  كېلىپ شۇنداق دېدى:

— ناھايىتى ھۆرمەتلىك بۆرە قېرىنداشلىرىم! شىر، يولۋاس، ئېيىق قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلار ئىشغالچىلاردۇر. بۇ كۈچلۈك ئىشغالچى كۈچلەر دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ياشىغىلى بولىدىغان، مۇنبەت زېمىنلارنى ئۆزىگە بۆلۈۋالدى، ئىشغال قىلىۋالدى. بىز بۆرىلەرگە زېمىن قويمىدى. بىزمۇ ئاشۇنداق مۇنبەت زېمىنغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمما ئۇلار بىزگە ياشاشقا مۇۋاپىق زېمىن قويمىدى. ئەسلىدە بىز بۆرىلەرمۇ يىرتقۇچ، كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقىللىق ھايۋانلارمىز.

دانىشمەن قېرى بۆرە سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بىر ئاز توختىدى. يۆتىلىپ ئاۋازىنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن شۇنداق تەكلىپ بەردى:

— قىممەتلىك بۆرە قېرىنداشلىرىم، سۆيۈملۈك تۈرداشلىرىم! ھەممىڭلارنىڭ بىرلىكتە «بۆرىلەر ھەمممىدىن ئۈستۈندۇر!» دەپ توۋلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن.

بۇ تەكلىپ قۇرۇلتايدىكى بۆرىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقتى. يالغۇز ئۇ كۈنىلا ئەمەس، كېيىن ھەر ۋاقىت ۋە ھەرقانداق يەردە ھەممىسى بىر ئېغىزدىن توختىماي ۋارقىراشقا باشلىدى:

— بۆرىلەر، بۆرىلەر ھەممىسىدىن ئۈستۈن!

— بۆرىلەر، بۆرىلەر ھەممىسىدىن ئۈستۈن!

— بۆرىلەر، بۆرىلەر ھەممىسىدىن ئۈستۈن!»

بۇ سۆز بۆرىلەر ئىچىدە بىر شوئار بولۇپ قالدى.

قېرى دانىشمەن بۆرە كېيىن سۆزىنى شۇنداق داۋام قىلدى:

— بىزنىڭمۇ ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنىمىز بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تەكلىپىم مۇنداق: قويلارنى ئالداپ، «بۈيۈك قوي ئىمپېرىيەسى» قۇرۇپ چىقىشقا ماقۇل قىلايلى. قويلار بۈيۈك قوي ئىمپېرىيەسى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلغاندا، ئۇ زېمىننىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ، ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئالىمىز. قورسىقىمىز ئاچقان ۋاقىتلاردا ئۇلاردىن تويغۇچە يەيمىز.

بۇ تەكلىپ بۆرىلەر قۇرۇلتىيىدا تەستىقتىن ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پىكىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۆرە دانىشمەنلەردىن بىر ھەيئەت ھازىرلاندى. بۇ ھەيئەتتە ئۇ تەكلىپنىڭ قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكى توغرىلىق مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈلدى. بىر دانىشمەن بۆرە شۇنداق دېدى:

— ھەممىدىن بۇرۇن ئۇلارنى خالىغان ۋاقىتتا خاتىرجەم يېيەلىشىمىز ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر يەرگە توپلىشىمىز كېرەك.

 باشقا دانىشمەن بىر بۆرىمۇ:

— ناھايىتى توغرا پىكىر، بارلىق جانلىقلارغا ئوخشاش قويلارمۇ بىر خەتەرگە دۇچ كەلگەندە بىر يەرگە كېلىپ يىغىلىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز يالغاندىن بىر تەھدىت ئويدۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. قويلارنى ئۆزىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشىمىز كېرەك. مىسال قىلىپ ئېيتسام، بۇ خەتەر گالاپىنتوپ (Galapintop) بولۇشى مۇمكىن، — دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان بۆرىلەر گالاپىنتوپنىڭ قانداق خەتەر ئىكەنلىكىنى سوراشتى. ئۇ دانىشمەن بۆرە:

— بۇنداق بىر نەرسە يوق، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، — دېدى. ھەقىقەتەن يالغان، ئويدۇرغان نەرسىنىڭ خەتىرى بار بولغان خەتەردىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇق بىلىنىدۇ. چۈنكى بار بولغان بىر نەرسە ئاز ياكى كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن بىلىنىدۇ. ئەمما بولمىغان بىر نەرسىنى ھەرگىز بىلگىلى بولمايدۇ.

دانىشمەن بۆرىنىڭ پىكرىچە، بۆرىلەر قويلارغا گالاپىنتوپ خەتىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، بۆرىلەرنىڭ بۇ دەھشەتلىك خەتەرگە قارشى ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋە ھەرقانداق جايدا قويلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلاتتى.

بۇ تەكلىپ ھەممە دانىشمەنلەرنىڭ بىردەك تەستىقىدىن ئۆتتى. كېيىن باشقا بىر دانىشمەن بۆرە شۇنداق دېدى:

— قويلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر يەرگە يىغىش ئۈچۈن، ناھايىتى چوڭ بىر خەتەرنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىغىنى ئېيتىپ، قويلارنى ئالداش بەكمۇ جايىدا بىر ئىش، ئەمما يېتەرلىك ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنى ناھايىتى چوڭ نىشان ۋە غايىسى بولغان بىر دۆلەتكە ئىشەندۈرۈش لازىم. بۇ دۆلەت قۇرۇش پىلانى بولسا ھىچقاچان ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئۇزاق بىر خىيال، تاتلىق بىر چۈش بولۇشى كېرەك.

بۆرىلەر بۇ دانىشمەندىن سوراشتى:

— ئۇ قويلارنى قانداق بىر دۆلەتنىڭ خىيالىنى سۆزلەپ ئىشەندۈرەلەيمىز؟ قانداق قىلىپ قويلارنى دۆلەت قۇرۇش خىيالنىڭ ئارقىسىدىن توپ-توپ بولۇپ ماڭدۇرالايمىز؟

دانىشمەن بۆرە بۇ سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

— بىز ئۇ قويلارغا بۈيۈك قوي ئىمپېرىيەسى قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىمىز. بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى «قويچىلىق دۆلىتى» بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ بىر توپ بۆرىلەرنىڭ مۇزاكىرىسىدە چىقىرىلغان قاراردىن كېيىن، بۇ پىلاننىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشى باشلاندى. بۆرىلەر قويلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ مەنپەئەتپەرەسلەرنى، ئەڭ پىخسىقلارنى ۋە ئەڭ دۆتلىرىنى تېپىشتى، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە يانداش قىلىشتى. بۆرىلەر بۆرە تەرەپدارى بولغان قويلارغا ئارقا ئىشىك قىلىپ، ئەڭ ياخشى يايلاقلارنى، كەڭرى كەتكەن زېمىنلارنى ۋەدە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قويلارنىڭ ئارىسىدا «قويچىلىق» ئېقىمى شەكىللىنىشكە باشلىدى. قويچىلىق ئېقىمىنىڭ كىتابلىرى يېزىلىشقا باشلىدى. ئۇ كىتابتا شۇنداق نەرسىلەر يېزىلغان ئىدى:

— بىز قويلار باشقا بارلىق ھايۋانلاردىن ئۈستۈنمىز. شىرنىڭ، يولۋاسنىڭ تۈكلىرىدىن يىپ ئىگىرىشكە بولمايدۇ، ئەمما بىزنىڭ يۇڭلىرىمىزدا يىپ ئىگىرگىلى بولىدۇ. ھەتتا بىزنىڭ ماياقلىرىمىزمۇ پايدىلىقتۇر، ئوغۇت بولۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما شىر، يولۋاسلارنىڭ نىجاسەتلىرى بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ مۇھىتىنى بۇلغاشتىن باشقا نېمە ئىشقا يارايدۇ؟ بىز قويلار ھەممىدىن ئۈستۈنمىز. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بىز بۈيۈك قوي دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇ بۈيۈك قوي ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قويچىلىق دۆلىتى نامىدا بىرلىشىشىمىز كېرەك، دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى بىرلىشىشىمىز كېرەك. يوقالسۇن گالاپىنتوپ! بۈيۈك قوي ئىمپېرىيەسى قۇرىمىز! بارلىق ئورمانلار، كەڭرى كەتكەن زېمىنلار، كۆز يەتكۈسىز چىمەنلەر بىز قويلارغا مەنسۇپ بولىدۇ. گالاپىنتوپنىڭ بېشىنى يەنچىيمىز!

بۆرىلەر مۇشۇ خىل كۆز قاراشتىكى قويلارنى قوللاپ، ياردەم قىلاتتى. بۇ خىل ياردەم ۋە قوللاش ئالدىدا بەزى قويلار شۇنداق ئويلاشقا باشلىغان ئىدى: «بىز بۆرىلەرنى خاتا چۈشىنىۋاپتۇق. ئەسلىدە بۆرىلەر بەكمۇ ياردەمسۆيەر ھايۋانلار ئىكەن. بۆرىلەر بىزنىڭ دوستلىرىمىزدۇر».

بۆرىلەر ناھايىتى تەجرىبىلىك، سۆز قىلىشقا تولىمۇ ئۇستا، ناھايىتى ئەقىللىق ۋە تەشكىلاتچى بولغانلىقى ئۈچۈن، قويلارغا تەتقىقاتچىلارنى، ئالىملارنى ئەۋەتەتتى. بۇ بۆرە ئالىملار قويلارنى ماختىشاتتى، ۋەز-نەسىھەت قىلىشاتتى ۋە يول كۆرسىتىشەتتى.

بۆرىلەر ئۇ ئالىملىرىدىن باشقا قويلارنىڭ ئارىسىغا ئۆزىنىڭ ئىشپىيونلىرىنىمۇ ئەۋەتىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ ئىشپىيونلار قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرىلەر ئىدى. بەكمۇ ياخشى تەربىيەلەنگەنلىكى ئۈچۈن خۇددى قويلارغا ئوخشاش مەرىيەلەيتتى. قويلار بۇ ئىشپىيونلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش قوي ھېسابلاشتى. بۇ جاسۇسلار ھەر بىر سۆزىنى: «بىز ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىتتىپاقلىققا، بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېھتىياجلىق بولغان بۇ يىللاردا» دەپ باشلاپ، قويلارنى بىر يەرگە توپلىنىشقا چاقىراتتى.

قويلارنىڭ ئىچىدە كېڭەيگەن بۈيۈك قوي دۆلىتى قۇرۇش پىكرى بىر قوي توپىدىن يەنە بىر قوي  توپىغا تېزلىك بىلەن تارقىلىشقا باشلىدى. بارلىق قوي توپىدىكى قويلار باشقا قويلارنى دۈشمەنلىرى گالاپىنتوپغا قارشى بىرلىشىشكە چاقىرىق قىلىشاتتى ۋە چەكسىز كەتكەن چىمەنلەرنى، يايلاقلارنى، مۇنبەت زېمىننى ئۆز قوينىغا ئالغان ئۇ بۈيۈك قوي ئىمپېرىيەسىنىڭ خىيالىنى قىلىشاتتى. خىيالىدا بارلىق قوي توپلىرى ئۇ زېمىنگە ئېقىپ كېلىشەتتى ۋە ئۆزلىرىگە قارشى دۈشمەن بولغان گالاپىنتوپلارنى يوق قىلىشاتتى.

بارلىق قويلارنى بۆرىلەرنىڭ بۇ ئويدۇرما ھېكايىسىگە ئىشىنىدىغان دۆتلەر دېيىش خاتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەقىللىق قويلارمۇ بار ئىدى. بۇلار گالاپىنتوپ دەپ بىر دۈشمەننىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، بۇ دۈشمەن تەھدىتىنى بۆرىلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى، مەقسەتلىرىنىڭ بولسا مۇشۇنداق ئويدۇرما دۈشمەن ياساپ چىقىپ، ھەقىقىي دۈشمەننىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇش ئىكەنلىكىنى سۆزلەش ئارقىلىق قانداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرماقچى بولۇشتى. ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىدى. بۈيۈك قويلار ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇق خىيالدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتىشتى. ئۇ خىيالى ئىمپېرىيەدە چەكسىز كەتكەن چىمەنزارلىق، بىپايان يايلاق ۋە كەڭرى زېمىننىڭ چۈشىنى كۆرۈپ يۈرۈۋەرسە، پوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى، ئاچ بۆرىلەرگە يەم بولىدىغانلىقلىرىنىمۇ چۈشەندۈردى. ئەمما يىراقنى كۆرەلەيدىغان بۇ ئەقىللىق قويلارنىڭ بۇنداق ئۇرۇنۇشلىرى ھېچقانداق كارغا كەلمىدى. چۈنكى دۈشمەن گالاپىنتوپقا قارشى بىرلىشىش، بىر يەردە بولۇش، توپلىنىش، بۈيۈك قوي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش خىيالى دولقۇنى ئەۋج ئالغان ئىدى. ئەكسىچە چۈشەنگەنلەرگە بولسا خائىن ۋە قويلارنىڭ دۈشمىنى نەزىرىدە قارىشاتتى.

بۈيۈك قوي دۆلىتىدىكى يايلاقلار، بوستانلىقلار، زېمىنلار كۆز يەتكۈسىز چىمەنلەر قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرى قار ئاستىدا قالسىمۇ، قۇرۇپ قالماستىن، يېشىللىق ئىچىدە تۇرۇشاتتى. ئۇ يەر بىر جەننەت ئىدى، قويلارنىڭ جەننىتى ئىدى.

يېڭى قوي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش خىزمىتى كۈندىن-كۈنگە تېزلەشتى. دۈشمەن گالاپىنتوپنى يېڭىش ئۈچۈن قويلاردىن ھەربىي قوشۇن تەييارلاندى. ئەمدىلىكتە بولسا قويلار بۇرۇنقىدەك ياشىمايتتى. ئۆزلىرىنى بۆرە دەپ ئويلاپ، بۆرىدەك ياشايتتى. بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدەك مەرىمەي، بۆرىدەك ھۇۋلاشنى ئارزۇ قىلىشاتتى.

بۇ خىزمەتلەردىن كېيىن ئۇ تارىخىي كۈن يېتىپ كەلدى. خەۋەرلەر توپتىن توپقا يېتىپ باردى ۋە ھەممە جايدىكى قوي پادىلىرى دۈشمىنى گالاپىنتوپنى يوقىتىش ۋە قويلارنىڭ يېڭى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشتى. بۇ جەريان بەكمۇ جاپالىق ئۆتتى. بارلىق قويلار ئۆزلىرىگە بۆرە ئالىملار كۆرسىتىپ بەرگەن ئۇزۇن ۋە ناھايىتى كەڭرى بىر زېمىنغا يىغىلىشتى. ئۇلار بۇ يەردە ھەممىسى بىر ئېغىزدىن ۋاقىرىشاتتى:

— يوقالسۇن گالاپىنتوپ!

— بىز ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە موھتاج بولغان مۇشۇنداق بىر كۈندە قويلارنىڭ يېڭى بۈيۈك دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىمىز!

بۇ ۋاقىتتا بارلىق ئاچ بۆرىلەر ئۇ زېمىنغا توپلانغان قويلارنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ، ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا بۆرىلەر قويلارنى ناھايىتى ئاسانلا بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، خالىغانچە يېيەلەيتتى. چۈنكى بۇ قويلارنىڭ نە چوپانلىرى، نە ئۇلارنى قوغدايدىغان ئىتلىرى يوق ئىدى. قويلار ھەقىقىي خەتەرنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي دۈشمەننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، قانداق بولۇپ ئالدانغانلىقىنى بىلىشتى. ئەمما ئۇلار كېچىككەن ئىدى. قويلارنىڭ دۆتلۈكى سەۋەبىدىن ئەمدىلىكتە بۆرىلەرنىڭمۇ ياشىيالىغۇدەك بىر يېرى، ئىشغال قىلىنغان بىر زېمىنى بولغان ئىدى.

«بۇ يالغانچىلارغا ئىشەنمەڭ! بۇ تۇزاققا چۈشمەڭ!» دەپ ئۆز قېرىنداشلىرىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان نى، نى ئەقىللىق قويلار ئۇيەر-بۇيەرلەردە ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىپ، يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇلار قويلارنىڭ نەسلىنى يېڭىدىن يېتىشتۈرۈپ چىقىشتى. ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا ئىدى، بارلىق قويلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولاتتى.

قويلارنىڭ تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ۋەقەلەر تارىخ كىتابلىرىدا يېزىقلىق بولسىمۇ، بۆرىلەرنىڭ بۇ ئالدامچىلىق ئويۇنى دۇنيادا يەنىلا داۋام قىلماقتا. چۈنكى دۇنيادا بۈگۈنكى كۈندىمۇ قويلارنىڭ ئىچىدە بولسۇن ياكى باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ئىچىدە بولسۇن، تولىمۇ ئەپسۇسكى، شەخسىيەتچىلەر، نەپسانىيەتچىلەر، دۆتلەر ۋە پەسەندىلەر ھازىرمۇ بار.

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر 

ئەزىز نەسىن

ئەزىز نەسىن (Aziz Nesin، 1915-1995). تۈركىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1915-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. 1937-يىلى ئەنقەرەدىكى ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1944-يىلى سۇباي (subay، گېنېرالدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋانلاردىن بىرسى)لىقىدىن ۋاز كېچىپ، يازغۇچىلىقنى تاللىغان. ئۇ دەسلەپ «مىللەت» ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن.

ئەزىز نەسىن ساتىرىك يازغۇچى بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن مەمتىمىن ھوشۇرغا، ياپونىيە يازغۇچىلىرىدىن شىڭ شىنيىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.

ئۇنىڭ «خوتۇن بولغان ئەركەك» قاتارلىق ئوندىن كۆپ رومانى، «قەھرىمانلىق مۇنارى تىكلەنگەن چىۋىن» قاتارلىق كۆپلىگەن ھېكايىلىرى، «بىر سۈرگۈننىڭ خاتىرىلىرى» قاتارلىق ئەسلىمىلىرى، «ئۇخلىغىنا تۇسۇنۇم» قاتارلىق مەسەللىرى بار بولۇپ، ئۆمرىدە «ئالتۇن پالما مۇكاپاتى» (Altın Palmiye Ödülü) قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ