ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۈيۈك بىرلىك پارتىيە رەئىسى شەرقىي تۈركسىتان ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-09 11:40:08 جەمئى 1361 قېتىم ئوقۇلغان.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيە رەئىسى شەرقىي تۈركسىتان ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

بۈيۈك بىرلىك پارتىيە رەئىسى شەرقىي تۈركسىتان ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
8- ئاۋغۇست بۈيۈك بىرلىك پارتىيە رەئىسى مۇستافا دەسىتىجى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى تەڭسىز سودا ئالاقىسىنى قابۇل قىلمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
« تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارسىدا 25 مىليارد دوللارلىق تۈركىيىگە پايدىسز ھەمدە تەڭسىز سودا ئالاقىسى بار. مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئەزگەن خىتاي ھەققىدە سۆزلەۋاتىمەن، خىتاي مىليونلارچە گۇناسىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنى «تەبىيىلەش مەركىزى»نامىدا سولاپ يوق قىلغان ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھەر بىر ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئائىلىسىگە بىردىن خىتاي ئورۇنلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىۋاتىدۇ. مەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسنىڭ رەئىسى، مەن قوبۇل قىلمايدىغان ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.»
بۈيۈك بىرلىك پارتىيە رەئىسى مۇستاپا دەستىجىنىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى لاگېرلارنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كىلىپ، ئالاھىدە بايانات بەرگەنلىكىگە بارلىق شەقىي تۈركسىتان خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمىز.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ