ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۇ مۇقەددەس داۋانى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش بۇرچىمىزدۇر!

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-12 19:26:08 جەمئى 1298 قېتىم ئوقۇلغان.

بۇ مۇقەددەس داۋانى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش بۇرچىمىزدۇر!

 

ئۆز خەۋىرىمىز: 9-فېۋرال شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىرى، ش ت ئۆ ب ئاۋسترالىيە ۋەكىلى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم ،دوكتۇر ئېلى رورى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت تەكلىپ بىلەن مالايسىياغا يېتىپ بېرىپ، ئىككىنچى قېتىملىق مالايىسيا  زىيارىتىنى باشلىدى

مەزكۇر ھەيئەتنىڭ زىيارەت مەقسىتى مالايسىيادىكى مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەيئەتنىڭ بۈگۈن 12 – فېۋرالدىكى زىيارىتى مالايسىيا كۇئالالامپۇردا ABİM تەشكىلاتى ئاستىدىكى ھېكمەت ئىنستىتوتىنى زىيارەت قىلىپ ياشلارغا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇردى. ھەيئەت مالايسىيادىكى 7 دىن 70 ياشقىچە بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس داۋانى تونىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەيئەت يەنە بۇ داۋانى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىرقداشلىرىمىزغا، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئاڭلىتىش، تونۇتۇش بۇرچىمىزدۇر. ئىنشائاللاھ بۇ داۋا تۈرك، ئىسلام ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق داۋاسى ۋە قىممەت – قارىشى بولىدۇ، دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ