ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۇ ئەسىرنىڭ «سۇلتان غالىيەۋى» ئىلھام توختى

بۇ ئەسىرنىڭ «سۇلتان غالىيەۋى» ئىلھام توختى

14- فېۋرال كۈنىدىكى يېڭى چاغ گېزىتى سەھىپىسىدە جامىز گۈربۈزنىڭ  «21- ئەسىرنىڭ  سۇلتان غالىيەسى ئىلھام توختى» نامىلىق ئوبزورى ئىلان قىلىنغان. ئاپتۇر بۇ ئوبزورنى خىتاي كومىنىستلىرىنىڭ  يىتەكچىسى ماۋزىدۇڭنىڭ «قەيەردە زۇلۇم بولسا شۇ يەردە قارشىلىق بولىدۇ» دىگەن سۆزىنى مىسال ئېلىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، زۇلۇم ئاتالغۇسىدىكى بارلىق قىلمىشلارنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە يۈز بىرىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت بەرگەن. ھەمدە مۇنداق داۋاملاشتۇرغان:

بۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇملار يۈز بەرمەكتە، بۇ گەپنى مەن نەدىن تاپتىم؟   ئىلھام توختىنىڭ پىكىرلىرى ۋە ئۇنىڭ كۆرەشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «تۈرمىدىكى ئىلھام توختى، يولۇم، غايەم ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئاندىن بۇنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئىلھام توختى خىتاي تەرىپىدىن مۈددەتسىز تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، دۇنيا ئۇنى تونىغان ۋە  ئىتراپ قىلغان بىر ئىلىم ئىگىسى. ئۇ سىياسەتنى ئەمەس بەلكى  ئىلىم-پەننى تاللىغان ئەمما، خەلقىگە قىلىنىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملار، شۇنداقلا چەكتىن ئاشقان ئاسمىلاتسىيە سىياسەتلىرىگە  قارشى چىققان بىر كىشى. ئۇنىڭ بۇ قارشىلىقى رابىيە قادىرغا ئوخشاش ئارقىسىغا ئامېرىكىنى ئارقا تىرەك قىلمىغان، ياكى باشقا كۈچلەرگە ئوخشاش رادىكال ئىسلامغا تايانمىغان. ئىلھام توختى بۇ ھەقتە «مەن رابىيە قادىرغا ئوخشىمايمەن، ئەگەر خالىسام نۇرغۇن قېتىم چەتئەللەرگە چىققان بولاتتىم. مەن  ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئالاقە ئېلىپ بېرىشنى خالايمەن. مەن ھەرگىزمۇ سىياسى تىپ ئەمەس بەلكى ئاكادىمىك. مىنىڭ ئالاقەم پەقەت ئوتتۇرىدا كۆۋرۈكچىلىك رول ئوينايدۇ،  مەن پەقەت خىتايدىن  ئادالەت ۋە  باراۋەرلىك تەلەپ قىلىمەن» دىگەن ئىدى.

بۇ سۆزلەرنى قىلغان كىشى مانا ھازىر ئۈرۈمچىدىكى يالغۇز كىشىلىك كامىردا ئازاپ چەكمەكتە. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭغا نۇرغۇن يامان نىيەتلەر يوشۇرۇنغان. ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا دەسلەپ خىتاي نوپۇسى ئالتە پىرسەنتكە يەتمەيتى، بۈگۈن بولسا  40 پىرسەنتتىن ئاشتى ۋە ئاشۇرۇلماقتا. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ نىمىشقا ئۇيغۇر رايۇنىدىكى ئىقتىسادى ئەۋزەللىكلەر بار تۇرۇپ بۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بەخىتلىك بولالمايدۇ؟ چۈنكى بۇلار ئۇلارغا ئەسلا ئوخشىمايدۇ. بۇ تۇپراق شۇ قەدەر بايلىقلارغا تولغان تۇرۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ نامرات  ۋە ئەڭ ئىشسىز ھالەتتىكى خەلقتۇر. بۇ نامرات ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئادەم ئورگانلىرىنى ئېلىپ ساتىدىغان قارا گوروھلارغا خىتايلار تەرىپىدىن سېتىلماقتا. ئۇيغۇرلارغا خىتايلار بىلەن توي قىلىش تەشۋىق قىلىنىپ مەجبۇرلانماقتا. ئۇلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكلىرى، ئىنسانى ھەقلىرى ھەرخىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن دەپسەندە قىلىنماقتا.

ئىلھام توختى ھەققىدىكى بۇ كىتاپنى تەھرىرلىگەن ھامۇت گۆكتۈرك  كۆپ ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن  بۇ كىتابنى ماڭا ئەۋەتكەن. ئەمما كىتاب قولۇمغا كىېچىكىپ تەگدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىلھام توختىنى «21- ئەسىرنىڭ سۇلتان غالىيەۋى»دەپ تىلغا ئالغان ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىمدىن ئەپۇ سورايمەن. بىز سۇلتان غالىيەۋگە ھەمدە ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتسىز ھالەتتە قالمايمىز ھەم قالالمايمىز.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ