ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

توغرا قېرىنداشلار بىز ھەقىقەتەن ئالدىراش. ئاشۇ جەمئىيەتتىكى , ئائىلىنىڭ تۈگمەس ئىشلىرى بىلەن ئۆينى قانداق بېزىسەم بولار؟

بىز ھەقىقەتەن ئالدىراشمۇ؟    توغرا قېرىنداشلار بىز ھەقىقەتەن ئالدىراش. ئاشۇ جەمئىيەتتىكى , ئائىلىنىڭ تۈگمەس ئىشلىرى بىلەن ئۆينى قانداق بېزىسەم بولار؟ ئۆيگە قانداق ئائىلە سايمانلىرى مودا بولىۋاتقاندۇ، ئاشۇ ماركىلىق كىيىملەر ئۇچامغا چىقماي قالارمۇ؟!   ھەي.......   بىر پۇڭغا ئەرزىمەس خىياللار بىلەن ئالدىراش بىز!   پۇللارنى قالايمىقان يەرلەرگە ئىشلىتىمىزيۇ  شۇ بىر نانغا زار بولۇپ ياشاۋاتقان ئىسلام قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بېرىشكە كۆزىمىز قىيمايدۇ قېرىنداشلار !   بەزى ياش ئوغۇل-قىزلىرىمىز بولسا ۋاقىتنى ئىماننىڭ شاھى بولغان شەرمى-ھايا نى ئۇنتۇپ شەيتاننىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىمىز.   بىزنىڭ ئىسلامدىكى مېھرى-مۇھەببەت ئازابىنى شاتلىققا, تۇپراقنى ئالتۇنغا ,كېسەلنى شىفاغا , زىنداننى سارايغا، بالانى نىئمەتكە , غەزەپنى رەھمەتكە ,ئايلاندۇرىدۇ. تومۇرنى يۇمشاتقان, تاشنى ئېرىتكەن  نەرسە، شەيتاننىڭ مۇھەببىتى بولماستىن بەلكى بىزنىڭ گۈزەل ئىسلامدىكى مېھرى-مۇھەببەتتۇر.    ئاللاھ ياراتقان نۇرلۇق كۆزلىرىمىزنى گۇناھ ئىشلارنى كۆرۈشكە باشلايمىزيۇ, ئاللانىڭ كالامى بولغان قۇرئاننى ئوقۇشقا يول قويمايمىز ! مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدىن دادىل قەدەم ئېلىپ, ئىسلامغا ئۇيغۇن بولمىغان سورۇنلارغا بارىمىز! ئاشۇ مەسچىتلەرنىڭ بىزنى گۇناھدىن توسۇش ئۈچۈن چاقىرغان ئەزان ئاۋازى قۇلاقلىرىمىزغا كىرمەيدۇ قېرىنداشلار !  بەزىدە تېخى ۋاقىتنى بىر-بىرىمىزدىن رەنجىپ تەتۈر قاراش بىلەن ئۆتكۈزۈپ, ئاللاھ بىزنىڭ شۇنچە چوڭ گۇناھىمىزنى كەچۈرگەن يەردە ! بىز بەندە تۇرۇپ بەندىنى ئەپۇ قىلماي يۈرۈيمىز! بىز كىم ئەپۇ قىلمايدىغانغا! ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ پەزىلەت ئەپۇچانلىق ئەمەسمىدى!مانا قېرىنداشلار بىزنى ئالدىراش قىلىۋاتقان بىر-بىرىدىن مۇھىم ئىشلىرىمىز.     دۇنيا بىر بۇلدۇقلىسا سۆيگۈ-ۋاپا , يەنا بىر بۇلدۇقلىسا ئازاب-ئوقۇبەت تۆكۈلىدىغان بۇلاق. بىز بۇ بۇلاققا پەقەتلا مېھمان. سىزچە بىز مەڭگۈ بۇدۇنيادا قالارمىزمۇ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس. بىزمۇ ئۆزىمىزنى ياراتقان ئاللاھنىڭ  ھوزۇرىغا قايتىپ ئاللاھنىڭ سوراقلىرىغا جاۋاب بېرىمىز !بىز نېمىمۇ دەرمىز؟ پۇتلىرىم بىلەن مەسچىتكە باردىم , قوللىرىم بىلەن سېنىڭ كالامىڭنى تۇتۇپ , كۆزلىرىم بىلەن كۆرۈپ دىللىرىم بىلەن چۈشىنىپ ئوقۇدۇم دەيمىزمۇ؟! شۇنداق دېيەلەيدىغان جۈرئەت بارمۇ قېرىندىشىم؟ بىز كىچىكىمىزدىن ئاڭلاپ كەلگەن » ۋاقىت ئاتقان ئوق، ئۇ قايتىپ كەلمەيدۇ « دېگەن ماقال تەمسىلنى ئوبدان تەپەككۇر قېلىپ باقايلى. ئەگەر ۋاقىتنى ھەقىقەتەن ئارقىغا ياندۇرغىلى بولىدىغان بولسا، شۇ بىر مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بالىلىرىنى تاشلاپ بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان، شۇ نارسىدىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى  قايتۇرۇپ  كېلىپ  ئۇلارنى جەم قىلالىغان بولاتتۇق . شۇنداقلا بۇ دۇنيادىكى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا تۆۋبە قىلالماي ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەتكەن شۇ قېرىنداشلىرىمىزمۇ، بىزنىڭ يېنىمىزغا قايتىپ كېلىپ گۇناھىغا تۆۋبە قېلىپ ئاللاھقا يارىغۇدەك بەندە بولۇپ يانغان بولاتتى. مانا ئالتۇندىن قىممەتلىك  كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان ۋاقىت.    بىز ۋاقىتنى يەنىلا مۇشۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلماقچىمۇ؟ كۆزلىرىمىزنى يوغان ئېچىپ، دادىل قەدەملىرىمىز بىلەن، ئاللاھنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بارايلى.  ئاللاھ `بەندىلىرىم مېنىڭ يېنىمغا يۈگۈرۈپ كەلسە، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا غۇلاچلىرىمنى كېرىپ بارىمەن دېگەن ئىكەن قېرىنداشلار. چىرايلىق تاھارەت ئېلىپ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئىككى رەكەت تۆۋبە نامىزى ئوقۇپ ۋاقىتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇ دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن ھۇل ھازىرلايلى! ئاللانىڭ سۆزى ھەقتۇر !    ئاددىيسىگە, بىرەر تونۇشىمىز بىزگە خوش- خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ساڭا رەھمەت دەپ ئاغزىمىز يۇمۇلمايلا قالىدۇ. لېكىن بىزنى خوش قىلىش ئۈچۈن، سېنى ئەۋەتكەن ئاللاھغا شۈكۈرلەر بولسۇن دېمەيمىز قېرىنداشلار! بېشىمىزغا بىرەر ئىش دۈچ كەلسىچۇ تېخى! ئاللاھنىڭ بىزگە ھەمراھ قىلىۋاتقان سەبىرسىنى ئۇنتۇپ، ئاللاھ نىمىشقا ماڭا بۇ كۈنلەرنى بېرىدىغاندۇ دەپ نالە قېلىپ، تاس قالىمىز چاچلىرىمىزنى يۇلۇپ قولىمىزغا ئالغىلى . قېنى بىزدىكى سەبىر؟ ئاللاھنى ياد ئېتىدىغان دىل؟ قېنى بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىدىغان قەلب؟     بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ گۈزەل ئىسلام دىنىمىزدا ھېلى ھەم بار .     ئىسلام بىزگە خۇش پېل بولۇش، قانائەتچان بولۇشنى، ھەمىشە يوق دەپ تۇرۇۋالماي بارىغا شۈكۈر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ .    ئىسلام بىزنى ئەخلاق- پەزىلەت بىلەن يۈغۈرۈپ، بۇ دۇنياغا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن كۈلۈپ قاراشنى ئۆگىتىدۇ.     يەنە شۇ تەۋرەنمەس ئىسلام بولسا  بىزنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىمۇ مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان چەكسىز بەخىتكە ئېرىشتۈرىدۇ قېرىنداشلار!     يەنى بىز نېمىنى ساقلايمىز؟ ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلەيلى . ئاللاھ ئۆزى ئۈچۈن ئىنتىلىۋاتقانلارنى غۇلىچىنى كەڭ كېرىپ ساقلىماقتا . ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن .......  ئامىن.... 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ