ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

11 ئاينىڭ شاھى بولغان مۇبارەك رامىزان، ئىچىدە مىڭ ئايلىق بەرىكىتى بولغان قەدىر كېچىسى بولغان رامىزان، مۇسۇلمانلارنى ئەخلاقتا، گۈزەلىكتە،

11 ئاينىڭ شاھى بولغان مۇبارەك رامىزان، ئىچىدە مىڭ ئايلىق بەرىكىتى بولغان قەدىر كېچىسى بولغان رامىزان، مۇسۇلمانلارنى ئەخلاقتا، گۈزەلىكتە، قېرىنداشلىقتا، سەۋردە ، مەرتلىكتە،سېخىيلىكتە، سەمىمىيەت ۋە دۇرۇستلۇقتا سىنايدىغان ۋە تاۋلايدىغان رامىزان ئېيى كەلدى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتى ۋە دوزاختىن قۇتۇلۇشىمىزنىڭ ۋەسىلىسى بولىدىغان رامىزان ، دەرت ئەلەمدە يارا بولغان كۆڭۈلىرىمىزگە مەرھەم بولۇش ئۈچۈن كەلدى.

پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا ، پۈتۈن مۇسۇلمانلار رايۇنلاردا مۇسۇلمانلار قول قوشتۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىك ئىچىدە رەببىگە قۇللۇق بىلدۈرۈشنى 20 رەكەت تەرەۋىھ نامىزىدا بىرلىكتە ئىپادە قىلىدىغان ناماز ئېيى رامىزان كەلدى.

بۇ رامىزان پۈتۈن ئىسلام ئالىمىگە خەيرىلىك بولسۇن. ئۇنىڭدىكى خەيرىلەر پۈتۈن يىللارغا ۋە پۈتۈن ئۈمرىمىزگە يېيىلسۇن!

دۇنيا دۇنيا بولۇپ ئىسلام ئالىمى بۇ دەۋرى ۋە بۇ زاماندىكىدەك ئېغىر كۈنلەرنى كۆرمىدى. ئېغىر سىناقلارغا دۇچار بولمىدى. بۇنچىلىك كۆپ مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكى بۇنچىلىك دەرىجىدە ئېغىر يارىلانمىغان ئىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رەھمەت ئېيى بولغان بۇ ئايدا ئاللاھتىن پۈتۈن ئىسلام ئالىمى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن رەھمەت تىلەيلى. مەغپىرەت ئېيى بولغان بۇ ئايدا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن بىرلىكتە مەغپىرەت تىلەيلى. دوزاختىن  قۇتۇلۇدىغان ئاي بولغان بۇ رامىزاندا ئاللاھقا يالۋۇرۇپ ، يېلىنىپ دۇئا قىلىش ئارقىلىق ، دۇئاللارنى پەقەتلا قولىمىزنى كۆتۈرۈش ،تىلىمىزدا يالۋۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى تىلىمىزنى يامان سۆزلەردىن ، ۋۇجۇدىمىزنى يامان يەرلەردىن ، قۇلاقلىرىمىزنى يامان سۆزلەردىن، كۆزلىرىمىزنى قارىساق گۇناھ بولىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن يىراق قىلغان ھالدا ئاللاھتىن تىلەيلى.

ئىپتار داستىخانلىرىمىزدا ئىسراپچىلىق بولمىغان، كۆز- كۆز قىلىش بولمىغان ھالدا تۇل ئاياللار، ئائىلىسى يېنىدا بولمىغانلار، كۆڭلى سۇنۇقلار، مۇھتاجلار، مۇساپىرلارنى ئىپتار قىلدۇرۇش ئارقىلىق دۇئا قىلايلى. بۇ ئىپتار ئەسلى مەنىسى بويىچە بىز ئۈچۈن تېخىمۇ مەنىدار بولسۇن. ئائىلىمىزنىڭ ئىسلاھى، خۇلقىمىزنىڭ ئىسلاھى، مىللىتىمىزنىڭ ئىسلاھى، پۈتۈن مۇسۇلمان ئۈممەتنىڭ ئىسلاھى ۋە نىجاتلىقى بۇ رامىزاندا ئاللاھقا قىلغان ئىخلاسلىق ئىىبادەتلىرىمىز بىلەن قولغا كەلسۇن! چۈنكى ئاللاھ بىزنى ھەر ۋاقىت ياخشى كۆرىدۇ. بولۇپمۇ رامىزاندا ئاللاھ ئۈچۈن ھەقىقىي روزا تۇتقانلاردىن بولغاندا تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

ھەممىزنىڭ  تۇتىدىغان روزىلىرىمىز ،  جامائەت بىلەن ئوقۇيدىغان تەراۋىھ نامازلىرىمىز،  كېچىلەردە  ئويغۇنۇپ ئوقۇيدىغان تەھەججۇد نامازلىرىمىز،قىلغان قۇرئان تىلاۋەتلىرىمىز قوبۇل بولغانلاردىن بولسۇن! بۇ رامىزان ھەممىمىز ئۈچۈن  ھەم ماددىي جەھەتتىن، ھەم مەنىۋىي جەھەتتىن بارلىق زۇلۇم ۋە ئاسالەتىن قۇتۇلغان نىجاتلىق رامىزانىمىز بولسۇن! ئامىن!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ