ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىخانىسىغا مەكتۇپ سونۇشقا باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-11 12:34:13 جەمئى 897 قېتىم ئوقۇلغان.

بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىخانىسىغا مەكتۇپ سونۇشقا باشلىدى

بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىخانىسىغا مەكتۇپ سونۇشقا باشلىدى
ئۆز خەۋىرىمىز: 10-يانۋار ئىلى ئەكبەر داموللامنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر گورۇپ  ئۇيغۇر ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىخانىسىغا مەكتۇپ سۇنۇشقا باشلىدى.
ئۇلار 10 يانۋار ئەنقەرەگە يېتىپ بېرىپ بىر قانچە دۆلەت ئەلچىخانىسىغا مەكتۇپ سۇنغان بولۇپ، 11- يانۋار لوقمان مۇئەللىم يەنە ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىخانىسىغا داۋاملىق مەكتۇپ سۇنغان. لوقمان مۇئەللىم بۈگۈن ھىندىنوزىيە، بىنگال ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھازىر ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرغانلىقىنى تونۇشتۇردى.
ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىخانىسىغا سۇنۇلغان مەكتۇپتا، 70 يىلدىن بىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمنى توختاتمىغانلىقى، ئۇيغۇرلار بۇ زۇلۇمنى خەلقئاراغا ئاڭلاتقان بولسىمۇ بىراق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى كۆرگەن خىتاي يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بىرى ھەددىدىن ئېشىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىرقىي قىرغىن قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، شۇكا دۇنيا خەلقىنىڭ ھېچبولمىغاندا ئىنسانلىقنى چىقىش قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىشىنى توسۇپ قېلىشقا چاقىرىق قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ