ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى 20-ئەسىردە پۈتۈن دۇنيادا كەڭ كۆلەملىك يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، بۇ ئۇرۇش 1914-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاۋسترىيە، ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تەخت ۋارىسى فىرانز فېردىناند (Franz Ferdinand) نىڭ پىرىنسىپ (Princip) ئىسىملىك بىر سېرب مىللەتچىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن باشلاندى.

    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تۆت مەركىزىي دۆلەت بىلەن ياۋروپا ۋە باشقا قىتئەلەردىكى 25 دۆلەت ئارىسىدا يۈز بەرگەن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپادا «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر» دەپ ئاتالغان گېرمانىيە، ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى، ئوسمان ئىمپېرىيەسى ۋە بۇلغارىيە پادىشاھلىقى بىلەن رەقىبلەر ئانتانتا دۆلەتلەر (İtilaf Devletleri) دەپ ئاتالغان بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسى (ئەنگلىيە)، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سېربىيە، قاراتاغ ۋە بېلگىيە ئارىسىدا باشلاندى. ئۇرۇش باشلىنىپ، كېيىنچە رەقىپ دۆلەتلەر قاتارىدا ئىتالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، گىرېتسىيە، پورتۇگالىيە ۋە رومىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇرۇشقا قېتىلدى.

سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن فىرانز فېردىناند ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان كىشى بولۇپ، ھابسبۇرگ ئىمپېرىيەسى (Habsbourg Hanedan)‎نىڭ بىردىنبىر تەخت ۋارىسى ئىدى. بۇ سۇيىقەستتىن كېيىن ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى سېربىيەگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى. لېكىن رۇسىيەدىن ئېھتىيات قىلىپ، قانداق قىلىش توغرۇلۇق گېرمانىيەدىن مەسلىھەت سورىدى. گېرمانىيە مەخپى ھالدا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئاۋسترىيە سېربىيەنى مۇستەقىل بىر دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 48 سائەتلىك مۆھلەت بېرىلگەن بىر ئۇلتىماتوم تاپشۇردى. سېربىيە بولسا رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئۇلتىماتومغا مۈجمەل جاۋاب بەردى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن ئاۋسترىيە 1914-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېلگرادنى بومباردىمان قىلىش بىلەن سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن رۇسىيە 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قوزغىدى. رۇسىيەنىڭ بۇ سەپەرۋەرلىكىنى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان گېرمانىيە 8-ئاينىڭ 1-كۈنى رۇسىيەگە، 3-كۈنى بولسا فىرانسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. گېرمانىيە ئالدى بىلەن فىرانسىيەنى ئىشغال قىلىپ، ئارقىدىن پۈتۈن كۈچى بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. گېرمانىيە فىرانسىيەنى تېزرەك ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول بولغان فىلاندېر (Flander) تۈزلەڭلىكىدىن ئەسكەرلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بېلگىيەدىن ياردەم سورىدى. ئۇ ۋاقىتتا بىتەرەپ دۆلەت ھېسابلىنىدىغان بېلگىيە قانداق قىلىش توغرىلىق ئەنگلىيە بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە 1914-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى بېلگىيەگە ھۇجۇم قىلدى. ئەنگلىيە بولسا گېرمانىيەگە ھۇجۇم قىلدى. شۇنداق قىلىپ 1914-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى گېرمانىيە-فىرانسىيە ئۇرۇش مەيدانى، گېرمانىيە-رۇسىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئاۋسترىيە-سېربىيە ئۇرۇش مەيدانى قاتارلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇرۇش باشلاندى.

دەسلەپتە ھەرقايسى تەرەپلەر ئۇرۇشنى ئانچە ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ، دەپ ئويلاشقان ئىدى.

گېرمانىيە:

Schlieffen  پىلانى (1905-يىلى تۈزۈلگەن) ئارقىلىق فىرانسىيەنى ئالتە ھەپتە ئىچىدە مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغان ئىدى. گېرمانىيە بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1914-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى بېلگىيەگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، نەتىجە گېرمانىيەنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. بېلگىيەنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن گېرمانىيەنىڭ پىلانى 12 كۈن كېچىكتى. بۇ پىلان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ يەنە بىر پىلانى يوق بولۇپ، بۇ كېچىكىشتىن كېيىن رۇسىيەنىڭ سەپەرۋەرلىك ھازىرلىقىمۇ پۈتۈپ قالدى. گېرمانىيەنىڭ چاقماق تېزلىكىدە ئۇرۇش قىلىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇداپىئە ئۇرۇشى باشلاندى.

    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇش مەيدانلىرىنى ئاساسلىق ئىككىگە ئايرىپ چۈشەنسەك بولىدۇ.

1. گېرمانىيەنىڭ غەربىي قىسمىدا ئاساسەن بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش مەيدانى.

2. ئورتا ياۋروپا ۋە شەرقى ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋسترىيە، ۋېنگىرىيە ۋە بۇلغارىيەنىڭ شەرقىنى، رۇسىيە ۋە رومىنىيەنىڭ غەربىدە قالغان شەرقىي ئۇرۇش مەيدانى.

بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەلۇم ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە مەقسەتلىرى بار ئىدى.

ئەنگلىيە:

19-ئەسىردە ئەنگلىيە ناھايىتى چوڭ بىر سانائەتلەشكەن دۆلەتكە ۋە بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. شۇنداقلا ئاۋسترالىيە، كانادا، ھىندىستان، ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر، ئانتىل ئارىلى ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغان غايەت چوڭ بىر كېڭەيمىچى ئىمپېرىيە ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. خانىش ۋىكتورىيە (Victoria)نىڭ (1837-1901) زامانىدا ئەنگلىيە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچىگە ئايلاندى. 1877-يىلى ھىندىستاننى ئىشغال قىلدى. 1882-يىلى مىسىرمۇ ئەنگلىيەنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئەنگلىيە 1871-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيەنى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىگە قارشى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قاراشقا باشلىدى. چۈنكى كۈچلۈك بىر گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بولسۇن، سىياسىي جەھەتتە بولسۇن تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۆزى ئەنگلىيە ئۈچۈن بىر ئۇرۇش سەۋەبى بولالايتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مۇستەملىكە رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، دېڭىز يوللىرىنىڭ ئۆز كونتروللۇقىدا بولۇشى، خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئىگە بولۇش ئىستراتېگىيەسى گېرمانىيە بىلەن تامامەن زىت ئىدى.

فىرانسىيە:

فىرانسىيە 17-ئەسىردىن باشلاپ 1960-يىلىغا قەدەر دۇنياغا بىر كېڭەيمىچى دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن تونۇلدى ۋە 19-، 20-ئەسىرلەردە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە يۈرگۈزگەن كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى فىرانسىيەنى ئەنگلىيەدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ كېڭەيمىچى ئىمپېرىيەگە ئايلاندۇردى. فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە 1871-يىلىدىن باشلاپ بىر-بىرىنى تەھدىت دەپ قاراشقا باشلىدى. فىرانسىيە ئۈچۈن قولىدىن چىقىپ كەتكەن ئالساس-لوررىن رايونى (Alsace-Lorraine) رايونى ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن، ھەم ھەربىي جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن رېن دەرياسى كۆۋرۈكلىرى ۋە بېلگىيەنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئىگە بولۇشى فىرانسىيە ئۈچۈن باشقا بىر ھەربىي ئىستراتېگىيە بولۇپ ھېسابلىناتتى. گېرمانىيە ئىمپېرىيەسى ياۋروپانىڭ مەركىزىدىلا بولىدىكەن، فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تەھدىت بولۇپ ھېسابلىناتتى. چۈنكى فىرانسىيەنىڭ ئاساسلىق ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچى فىرانسيە ئۆزى ئىشغال قىلغان دۆلەتلەر زېمىنىدا ئىدى.

رۇسىيە ئىمپېرىيەسى:

رۇسىيە 19-ئەسىردە پۈتۈن كۈچىنى ئاساسلىق تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا قاراتقان ئىدى.

1. غەربىدە پانسىلاۋىزم سىياسىتى بىلەن سىلاۋ مىللىتىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق شەرقىي ياۋروپادىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش.

2. جەنۇبتا ئوسمان ئىمپېرىيەسى، بوغازلار ۋە شەرقىي ئاناتولىيەنى ئىشغال قىلىش ۋە ئىران نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش.

3. رۇسىيە 19-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان بولۇپ، بۇ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش.

4. شەرقتە ياپونىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئارىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قېلىش.

رۇس ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان رۇسىيە 1904-، 1905-يىللىرى ئەنگلىيە، رۇسىيە شەرتنامىسىگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

رۇسىيە غەربتە گېرمانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پانگېرمانىزىم سىياسىتى، جەنۇبتا ئوسمان ئىمپىرىيەسى بىلەن يۈز يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇرۇش، قارا دېڭىز ۋە ئاق دېڭىزلاردا ئەنگلىيەگە قارشى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەسى سەۋەبلىك رەقىپ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قوزغىدى.

گېرمانىيە :

گېرمانىيە 1871-يىلى 1-ئايدا ۋېرسايل كېلىشىمى (Versailles) بىلەن قۇرۇلغان گېرمانىيە ئىمپېرىيەسى ئاۋسترىيەدىن باشقا پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن بارلىق كىچىك دۆلەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈردى. 1884-يىلىدىن باشلاپ باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى. گېرمانىيە ئىمپېرىيەسى 1914-يىلىغا كەلگەندە ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە ئىتتىپاقى بىلەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە تەڭ تۇرالىغۇدەك سەۋىيەگە كەلدى. ھەتتا سانائەتلىشىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى جەھەتتە ئەنگلىيەدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ۋىليام ئىككىنچى (Wilhelm) دەۋرىدە بولسا باشقا ياۋروپا كۈچلىرىگە ئوخشاش جاھانگىرلىك سىياسىتى قوللاندى. بۇ كېڭەيمىچىلىك قىلىش جەريانىدا پات-پاتلا باشقا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن يىرىكلىشىپ قېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۇردى. بۇ ۋەقەلەر دوستلارنى يىراقلاشتۇردى. نەتىجىدە فىرانسىيە، بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسى ۋە رۇسىيە ئىمپىرىيەسى گېرمانىيەگە قارشى ئىتتىپاقلىشىپ، بىر قۇتۇپ ھاسىل قىلدى. گېرمانىيە بولسا پەقەتلا ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن ئىتتىپاق قۇرالىدى. 1900-يىللىرى جاھانگىرلىك ۋە ئىمپېرىئالىست دەۋرىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقتىدا گېرمانىيەنىڭ دۇنيادا بىردىن-بىر ئۈستۈنلۈك شوئارى «گېرمان روھى دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ» دېيىلىۋاتقان دەۋر ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئەسلىدە ياۋروپا مەركەزلىك دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈكلىرى ھېسابلانغان بىرىتانىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى.

1914-يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىدىن باشقا كۈچلۈكرەك بىر ئىتتىپاقدىشى يوق ئىدى. بەلكى ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى بۇ بوشلۇق ئۇرۇشنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇۋالغۇدەك باشقا بىر پىلانى يوق ئىدى. گېرمانىيەنىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بولسا ئوسمان ئىمپېرىيەسى بىلەن بۇلغارىيە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالىغۇدەك ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى يوق ئىدى. گېرمانىيە ئۈچۈن بىردىنبىر ئىشىنەلەيدىغان كۈچ بولسا ئۆزىنىڭ كۈچى ئىدى.

ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى:

ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت رۇسىيە ۋە رۇسىيەنىڭ پانسىلاۋىزم سىياسىتى ئىدى. رۇسىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا كېڭىيىش نىيىتى بار بولۇپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئىچىدىكى بولسۇن، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىچىدىكى بولسۇن، باشتا سىلاۋ مىللىتى قاتارلىق بارلىق مىللەتلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ياردەم قىلاتتى. دۆلەت چېگراسىنىڭ غەرب تەرىپىنى گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرگەن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى يەنە بىر تەرەپتىكى رۇسىيەنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشنى ئويلايتتى.

ئەسلىدە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ھەر ئىككى ئىمپېرىيە ئۆز تەقدىرىنى تامامەن ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەلىبىگە باغلىغان ئىدى. يەنى ئۇرۇش بۇ ئىككى ئىمپېرىيە ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق مەسىلىسى ئىدى. 1870-يىلى رىم ۋە 1886-يىلى ۋېنېدىك ئىتالىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا بولدى. بۇلارنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن ئىتالىيىنىڭ مىللىي بىرلىكى ئەمەلگە ئېشىپ، ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلدى. ئىتالىيە رىم دەۋرىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن دۆلەتكە ئايلاندى. 20-ئەسىردە يېڭى ئىتالىيە پادىشاھلىقىدا شىمالىي ئىتالىيە تېزلىكتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. جەنۇبىي ئىتالىيەدە بولسا تېزلىكتە نوپۇس كۆپىيىشكە باشلاپ، مىليونلىغان ئىنسانلار ياخشىراق بىر ھايات كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئىتالىيەمۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىگىرمە يىلىدىن باشلاپ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى. ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە قارشى تىرىپولى (Trablusgarp) ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلدى. غەربىي تۈركىيىدە 12 ئارالنى، ئافرىقىدا بولسا لىۋىيە، ئېفىئوپىيە ۋە سومالى قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىپ، كېڭەيمىچىلىك قىلدى.

ئىتالىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا دەسلەپ بىتەرەپ دۆلەت بولغان ئىدى. ئەمما كېيىنچە رەقىپ دۆلەتلەر ئەگەر ئىتالىيە ئۇرۇشقا قاتناشسا تىرېنتو، تىرىئېستې، ئىسترىيە، دالماتىيە  (Trento, Trieste, Istria, Dalmaçya) ۋە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئىتالىيەگە بۆلۈپ بېرىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىتالىيە 1915-يىلىدىن باشلاپ رەقىپ دۆلەتلەرگە قوشۇلدى. ئۇرۇش جەريانىدا 600 مىڭ ئىتالىيە ئەسكىرى ئۆلدى ۋە ئىتالىيە ئىقتىسادى ۋەيران بولدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇرۇن بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشقا ئاشمىدى. ئىتالىيە غالىپ تەرەپتە بولغان بولسىمۇ، بېرىلگەن ۋەدىلەردىن پەقەتلا تىرېنتو، تىرىئېستې ۋە بولزانو (Bolzano) قاتارلىقلارنىلا بەرگەن بولدى. بۇ ئەھۋال ئىتالىيە خەلقى ئارىسىدا ناھايىتى قاتتىق نارازىلىقلارغا سەۋەب بولدى.

ئىتالىيەنىڭ ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى مەقسىتى مۇستەملىكە رايونلىرىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپانىڭ شەرقى، جەنۇبى ۋە ئافرىقىدىكى كۈچىنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىدى.

ئوسمان ئىمپېرىيەسى:

ئوسمان ئىمپېرىيەسى 1699-يىلى كارلوۋىتز كېلىشىمى (Karlofça) كېيىن داۋاملىق ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى ۋە 1912-، 1913-يىللىرى بالقان (شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا) ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. بۇ ئۇرۇشلاردىن كېيىن ئىمپېرىيەدىن ئايرىلغان كىچىك دۆلەتلەرگىمۇ كۈچى يەتمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى مۇنداق ئىدى: ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان، ئىقتىسادىي ئەھۋالى %300 ئەتراپىدا چېكىنگەن. 1914-يىلى 7-، 8-ئايلاردا %50 ئىقتىسادى باشقا دۆلەتلەرگە تايىنىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىمۇ بېرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

سىياسىي جەھەتتىن: بالقان دۆلەتلىرى ۋە مىسىرنى تارتقۇزۇپ قويغان، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى زېمىنى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ھەر خىل مىللەتلەر ئىچىدىكى مىللەتچىلىك ۋە بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ھەتتا ئاناتولىيەدىمۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالغان ئىدى. ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قارىتا نىيەتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە نېفىتنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قىممىتىنى بەكمۇ ياخشى بىلەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن يۈز يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلغان رۇسىيەنىڭ بوغازلار ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاناتولىيە رايونىغا بولغان نىيىتىنىمۇ ياخشى بىلەتتى.

ھەربىي جەھەتتىن: بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن دۆلەت ئارمىيەسى ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىرلىك ۋە تەرەققىيات ھۆكۈمىتى ئىككى يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېڭىدىن دۆلەت ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقتى. ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەرتىپلىك بىر دۆلەت ئارمىيەسىنى شەكىللەندۈرەلىگەن ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن تېخنىكا ۋە قورال-ياراق جەھەتلەردە يېڭىدىن قۇرۇپ چىققان دۆلەت ئارمىيەسىنى قوراللاندۇرالمىدى.

    بىرلىك ۋە تەرەققىيات ھۆكۈمىتى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، گېرمانىيە بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھەتتا بۇ ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە شۇنچىلىك ئەھمىيەت بەردىكى، ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ھەر ئىككى تەرەپتە مۇزاكىرىلەر داۋام قىلدى. ئەنگلىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىتتىپاق ئۈچۈن ئاساسلىق تەلىپى بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەت زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈك تەلىپى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇرۇشتىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ ئويلىشىمىز» دېگەن جاۋابى بىلەن ئاياغلاشقان بولدى. ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن ئىتتىپاقىنى ساقلاپ قېلىشتىن تامامەن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن بىرلىك ۋە تەرەققىيات ھۆكۈمىتى 1914-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى گېرمانىيە بىلەن بىر مەخپىي كېلىشىمنامە (ئوسمان ئىمپېرىيەسى-گېرمانىيە مەخپىي كېلىشىمنامىسى)نى ئىمزالاپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا كىرىشنى قارار قىلدى.

بۇلغارىيە:

ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ چىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ ۋە چاررۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتۈن بالقان دۆلەتلىرىدە (شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا) يۈز بەرگىنىدەك بۇلغارىيىدىمۇ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئوسمانلى-چاررۇسىيە ئۇرۇشىدا (93 Harbi; 1877-1878) مەغلۇپ بولغان ئوسمان ئىمپىرىيەسى بۇلغارىيەنى 1878-يىلىدىن باشلاپ ئىچكى ئىشلىرىدا مۇستەقىل كىنەزلىك دەپ قوبۇل قىلغان بولسا، 1908-يىلى رەسمىي مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.  

بۇلغارىيە پادىشاھلىقى بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن گىرېتسىيە، سېربىيە، قاراتاغ، رومىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن غەربتىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئارىسىدا قىسىلىپ قالدى. بۇلغارىيىنىڭ ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى يىللاردا بالقان دۆلەتلىرى بىلەن دۈشمەنلىكى بار بولۇپ، گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىشتىن باشقا بىر تاللاش يولى يوق ئىدى.

1918-يىلى گېرمانىيە ئۈچۈن ھالاكەتنىڭ باشلىنىش يىلى بولدى. ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى گېرمانىيەنى ئېغىر دەرىجىدە ھالسىرىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەدە باشلانغان ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىشكە باشلىغان بولشېۋىك ھەرىكىتى گېرمانىيەگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. خەلقنىڭ ئىش تاشلاش، نامايىش قىلىشتەك ھەرىكەتلىرى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن نامايىش قىلىش ۋە ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ، جازا سۈپىتىدە ئالدىنقى سەپلەرگە ئۇرۇشقا ئەۋەتتى. ھۆكۈمەت بۇ ھەرىكىتى بىلەن ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئەسكەرلەر ئىچىدە دۆلەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە بۇيرۇققا بويسۇنماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇرۇش 1918-يىلىغا كەلگەندە تامامەن رەقىپ دۆلەتلىرىنىڭ پايدىسىغا قاراپ تەرەققىي قىلدى.

بۇ ۋاقىتتا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۈچۈن باشقا بىر چىقىش يولى يوق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇلغارىيە 1918-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى سېلانىك شەرتنامىسىگە (Selanik) قول قويدى. ئوسمان ئىمپېرىيەسى 1918-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى مودروس شەرتنامىسىگە (Mondros) قول قويدى. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى 1918-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى  ۋىللا گىئۇستى (Villa Giusti) شەرتنامىسىغا قول قويدى. ئاخىرىدا گېرمانىيە 1918-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى رېسوندېس (Rethondes) شەرتنامىسىگە قول قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.

    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بۇرۇنقى ئۇرۇشلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بىر ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇش ئىنتايىن رەھىمسىز ۋە قانلىق بىر ئۇرۇش بولۇپ، ئەسكەرلەردىن باشقا نورمال خەلقمۇ ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. خەلق ياشاشقا ئامالسىز قالدى. بۇ ئۇرۇشتا بۇرۇن پەقەتلا ئىشلىتىلىپ باقمىغان زەھەرلىك گاز، ئايروپىلان، سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتلىرى، بىرونېۋىك، تانكا، مۇساپىسى 15 كىلومېتىرغا يەتكەن ئېغىر توپلار، تانكا ئاتار ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق قوراللار ئىشلىتىلدى. ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەردىن جەمئىي 65 مىليون (65،038،810) ئەسكەر ئۇرۇشقا قاتناشتى. جەمئىي سەككىز يېرىم مىليون (8،556،315) ئادەم ئۆلدى. 21 مىليوندىن ئارتۇق (21،219،452) ئادەم يارىدار بولدى. سەككىز مىليونغا يېقىن (7،750،945) كىشى يوقاپ كەتتى ياكى ئەسىرگە چۈشتى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىدى. دېمەك، تەڭسىز شەرتنامىلەر، ئۇرۇشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئەسەبىي مىللەتچىلىك ۋە فاشىزم ئىدىيەلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

 

    تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ