ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىرما ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-10 14:57:21 جەمئى 2779 قېتىم ئوقۇلغان.

بىرما ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

بىرما ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

10 ئاۋغۇست تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىىشىچە، بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە پىرېردېنتلىق مەھكىمىسىگە مەسئۇل دۆلەت ئىشلرى مىنسىترى ئائۇك سان سۇئۇچىنىڭ ئشىخانىسىم بايانات ئىلن قىلىدى.

باياناتتا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ، بىرمادىكى 700 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى يۈزىسىدىن باڭلادېشقا قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايى قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشكە تۇتۇش قىلىشىنى قاتتىق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئەيىبلىدى.

بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئائۇڭ سان سۇئۇ چىئىنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گوللاندىيەدىكى مەھكىمىنىڭ، ئەزا دۆلەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرمانى سوتلاش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ يۈز مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننى باڭلادېشقا قېچىشقا مەجبۇرلىغان سەۋەبلەرنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىشقا رەسمىي يوسۇندا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا، بۇ ھەقتە سوتلاش سالاھىيىتىنىڭ تەلەپ قىلىنىشى «مۇۋازىنەتسىز ۋە ئەستايىدىل قارالماسلىقى كېرەك بولغان» بىر ئەھۋالدۇر، دېيىلدى.

بىرما ھۆكۈمىتى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى، رىم سالاھىيىتىگە تەرەپ ئەمەس دۆلەت بىرما ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مۇپەتتىشى فاتوئۇ بېنسودا، ئاپرېل ئېيىدا بىرمادىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قاچقان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ باڭلادېشقا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش سالاھىيىتى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، بىرما ھۆكۈمىتىگە، مەزكۇر تەلەپكە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن 2018 – يىلى 27 – ئىيۇلغىچە مۆھلەت بەرگەنىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ