<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىرلەشمە ھەرىكەت كومىتېتى يىغىلىشىدا پارتلاش يۈز بەردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-09 14:38:30 جەمئى 1049 قېتىم ئوقۇلغان.

بىرلەشمە ھەرىكەت كومىتېتى يىغىلىشىدا پارتلاش يۈز بەردى

بىرلەشمە ھەرىكەت كومىتېتى يىغىلىشىدا پارتلاش يۈز بەردى

8- ئىيۇل تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە،  پاكىستان بىرلەشمە ھەرىكەت كومىتېتى پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى مالىك شىرىخان يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتقاندا پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كېلىپ شىرىنخان بولۇپ جەمئىي 7 ئادەم يارىلاندى.

ساقچى ئەمەلدارى ھۇررام رەشىد پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى باننۇ شەھىرىدە پارلامنېت ئەزاسى نامزاتى مالىك شىرىنخان يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، موتسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتىلتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

رەشىد ھۇجۇم نىشانىنىڭ ئەسلىدە پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى شىرىنخاننىڭ ئاپتوموبىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: ۋەقەدە يارىلانغان شىرىنخان ۋە باشقا كىشىلەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئەھۋالى يامان ئەمەس، دېدى.

پاكىستان بىرلەشمە ھەرىكەت كومىتېتى باشلىقى مەۋلانا فازلۇرراھمان ۋە ئىسلام جامائىتى رەھبىرى سىراجۇل ھەق، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

فازلۇرراھمان باياناتىدا پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سايلام كومىتېتىنى تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ