<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھەر يەر قالايماقان، قان سۇ بولۇپ ئاققاندا ئوتتۇردا ھېچكىم يوق. ۋەقەلەر بېسىلىپ، ۋەزىيەت پەسەيگەندە سەھنىگە بىرىلىرى چىقىدۇ. ئۇ ھەيۋەتلىك تۇرۇشلىرى بىلەن قولىغا مىكروفۇن ئالغان بىرىلىرى. ئەمدى ئاخبارات ئىلان قىلىش ۋاقتى كەلدى

 

ئەمىنە تەڭرىقۇلى

ھەر يەر قالايماقان، قان سۇ بولۇپ ئاققاندا ئوتتۇردا ھېچكىم يوق. ۋەقەلەر بېسىلىپ، ۋەزىيەت پەسەيگەندە سەھنىگە بىرىلىرى چىقىدۇ. ئۇ ھەيۋەتلىك تۇرۇشلىرى بىلەن قولىغا مىكروفۇن ئالغان بىرىلىرى. ئەمدى ئاخبارات ئىلان قىلىش ۋاقتى كەلدى . بەلكى بۇ قېتىم قاتتىق سۆز قىلىشى مۆمكىن. بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان ھەر بىر كىشى ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىلەر. ئۇلار دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكىلەردۇر.

ئۇلار ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ قەتلىئام، ئاچلىق قاتارلىق پالاكەتلەرگە قارشى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلار. بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغاندا مەسئۇلىيەتنى خەلقئارلىق جامائەتچىلىكنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە سۇنۇشى كېرەك بولغانلار. خەلقئارالىق تېنچلىق ۋە ئادالەتنى مۇھاپىزەت قىلىش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان بىر تەشكىلاتتۇر ئۇلار. يەنى  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يۇقىرقىدەك پالاكەتلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك بولغانلاردۇر. بۇ يەردە كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى دۇنيادا ۋە رايۇنلار ئارىسىدىكى تېنچلىقنى ساقلاش مەقسىدىدە قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ تېنچلىق ئۈچۈن ھېچقانداق بىر پايدىسى بولمايۋاتقانلىقىدۇر.

كوچىلاردىن قان پۇرىقى كېلىپ تۇرسا، ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ يەر بىلەن يەكسان بولسا ، ھەر يەردە پارتىلاشلار بولۇپ تۇرسا ، ئىش ئورۇنلىرى ئېتىلىپ قېلىۋاتسا ، ساناقسىز يارىدار ۋە ئۆلۈكلەر ئوتتۇردا قالسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر  تەشكىلاتى بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى كۆرمەيدۇ. ئاڭلىمايدۇ. ھېچنېمە دېمەيدۇ. يەنى بۇ يەردە ئۈچ مايمۇن ئويۇنى ئويناشنى داۋام قىلىدۇ. مەن بۇ يەردە دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئىچكى ئۇرۇش  ۋە ئىرقىي يوق قىلىشلار بولۇۋاتسىمۇ جىم تۇرىۋالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەققىدە توختىلىۋاتىمەن.

يەنى ئىسرائىل پەلەستىن ئۇرۇشلىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىل  نامىدا ئالغان نۇرغۇن قارارلىرىنىڭ ھېچبىرى ئىجرا قىلىنمىدى. قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى، دەپ ئاتالغان بۇ نارازىلىقلارنىڭ ھىچبىرى ھۆكۈم ئىجراسى بولۇپ باقمىدى. بۇ يەردىن شۇ نەتىجە چىقىدۇكى پەلەستىن خەلقى ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىشقا تاشلاپ قويۇلماقتا ۋە ئۆلۈمگە تاشلاپ قويۇلماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا مىسىر، ئاراكان، شەرقىي تۈركىستان، بىرما... قاتارلىق دېموكىراتسىيە ھېچ ئەمەلىيلەشمىگەن ، ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇلغان دۆلەت ۋە خەلقلەرنى ۋە ئۇلارغا ئوخشاش دۆلەت ۋە خەلقلەرنى دەيلى. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلۈمگە تاشلاپ قويۇلماقتا.

ئەقلى ھۇشى نورمال بىرى ئەلۋەتتە بۇ ئىشقا ھەيران قىلىشى كېرەك. چۈنكى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان جەمئىيەتلەرگە ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ تاجاۋۇزچىلىق ۋە سۈمۈرگۈچىلىك سەۋەبى بىلەن چىققان ئۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىدە غەلبە قازانغان دۆلەتلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر تەشكىلاتتۇر. بۇ سەۋەپتىن بۇ تەشكىلاتنىڭ دۇنيا تېنچلىقى ۋە خەلقئارالىق ھوقۇقلارنىڭ باراۋەرلىكىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىر ئەخمەقلىقتۇر. ئۇلار قۇرغان بۇ تەشكىلات ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇرغان ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت دېيىشكە بولىدۇ.

يەنى قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى دېموكىراتسىيە، ھەق، ھوقۇق دېگەندەك قېلىپلارغا كىرگۈزۈپ، قىلغان ئەتكەنلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان بىر سېستىمىدۇر ئۇلار. بۇ سېستىمىنىڭ سىياسىتى ئىنتايىن روشەندۇر، يەنى كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى ئېزىش سىياسىتى. بۇ يەردىن ھەر كىشىنىڭ بىلىشى كېرەك بولغىنى شۇكى بىز ئۇلارنى تونۇپ، مەيدانىمىزنى ئېنىق بىلمىسەك بىز ۋە سىز يە ئۇلارنىڭ بەلگىلىگەن بەلگىلىرىمىلىرى بويىچە ياشايمىز ياكى ئۇلارنىڭ ئاستىدا ئېزىلگەنلەردىن بولۇشقا مەھكۇم بولۇپ ياشايمىز.

تەرجىمە قىلغۇچى؛ مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ