<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كىم نېمە قىلسا قىلسۇن، بۇ دۇنيانى رەسمىي يوسۇندا قايتىدىن بىر تۈزەش زۆرۈر. بەزىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان بەش دۆلەت قانچىلىك چوڭ كۆرۈنسە كۆرۈنسەن، ئەمەلىيەتتە بولسا دۇنيانىڭ بۇ بەش دۆلەتىن چوڭ ئىكەنلىكى بەرھەقتۇر. مەسۇم ۋە مەزلۇملارنىڭ پىغانى ئاڭلانمىغان بىر دۇنيانىڭ دوزاختىن پەرقى يوق.

 

چېتىن ئاغاشە

كىم نېمە قىلسا قىلسۇن، بۇ دۇنيانى رەسمىي يوسۇندا قايتىدىن بىر تۈزەش زۆرۈر. بەزىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان بەش دۆلەت قانچىلىك چوڭ كۆرۈنسە كۆرۈنسەن، ئەمەلىيەتتە بولسا دۇنيانىڭ بۇ بەش دۆلەتىن چوڭ ئىكەنلىكى بەرھەقتۇر. مەسۇم ۋە مەزلۇملارنىڭ پىغانى ئاڭلانمىغان بىر دۇنيانىڭ دوزاختىن پەرقى يوق.

بۇنىڭدىن بىرقانچە ئاي ئىلگىرى يازغان ماقالەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇددىتىنىڭ توشۇپ بولغانلىقىنى يازغان ئىدىم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەپسۇسكى 3- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى سەۋەپچىسى رولۇدا تۇرماقتا. بۇ بەش دۆلەت بولسا ئەڭگىلىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا، رۇسيا ۋە خىتاي.

دۇنيانى پارچىلىغان بۇ بەش دۆلەت دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بەش قان شورىغۇچىدۇر. مەسىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەنپەتلىرىگە كەلگەندە خۇددى يولۋاستەك ھۆكۈرەيدىغان ،ئاچلىقتا ئۆلۈۋاتقان بالىلارنى كۆرۈشكە توغرا كەلگەندە  قارغۇ چاشقان بولىۋالىدىغان دۆلەتلەردۇر.

پەلەستىندە، ئافغىنىستاندا، سومالىدە ، سۇداندا، يەمەندە بالىلار ئۆلتۈرۈلگەندە سۈكۈت قىلغانلارمۇ يەنە بۇ بەش دۆلەتتۇر. بۇ دۆلەتلەر ئۆز مەنپەتلىرى ئۈچۈن شەيتان بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بارىدىغان دەرىجىدە ئاچكۆز دۆلەتلەردۇر .

خىتاي دۆلىتى جوڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك نەسلىنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىشتىن قىلچە تەپ تارتمايدۇ.

تىبەت رايۇنى غەرپ دۇنياسىنىڭ لازىم بولغاندا ئەسلەپ قويۇدىغان بىر رايۇنىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى كۆپ ئىنسانلىق جىنايىتىنى سادىر قىلغان ۋە ناھايىتى چوڭ تېروتورىيەسى ۋە ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئىگە دۆلەت بولۇش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ئىككىنچى ئىقتىساىي كۈچى بولدى. بىراق بۇ دۆلەتتە ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكىراتىيەدىن سۆز ئېچىش مۆمكىن ئەمەس. دىن ئەركىنلىكى يوق. تىل ئەركىنلىكى ھەم يوق. خالىغان ساندا بالىلىق بولۇش ئىمكانى يوق. پەقەتلا كاپىتالىستلەر ۋە كومىنىستلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر قەپەس.

فرانسىيە بولسا لىۋىيەنى پارچىلىدى. قادافى بىر دىكتاتور ئىدى. ئەمدى بولسا لىۋىيەنىڭ بىر دىكتوتورچىسىمۇ يوق. بەلكى يىراقتىن قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان دىكتاتورلىرى بار. خەلقنىڭ قېنىنى شورايدىغانلار بار. خەلق پەرزەنتلىرىنى تېرورچىلارغا ئەسكەر قىلىپ بېرىشكە مەجبۇر.

ئوتتۇرا ئافرىقا ،چاد رائۇندا، نېگىرىيە كېسەللىك ۋە ئىچكى قالايماقانچىلىقتىن ھېچ قۇتۇلالمايۋاتىدۇ. لۇبنان، فىرانسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋر سۈرىۋاتقان بىر يەر شۇنداقلا 50 يىلدىن بېرى ئىچكى ئۇرۇش ئىچىدە تولغانماقتا . سەۋەبى ؟ فىرانسىزلارنىڭ راھەتلىنىشى ئۈچۈن.

روسىيە: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كومىنىزىمنى ئېكىسپورت قىلىپ شەرقىي ياۋرۇپانى ئوڭ تەتۈر قىلىۋەتكەن، ئوتتۇرا ئاسىيە جۇمھۇرىيەت دۆلەتلىرىنىڭ قېنىنى شوراپ ھالىنى قويمىغان. بۇ رايۇنلاردا ھەر خىل تۈردىكى قۇرال ۋە ئاتوم بومبىلىرى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن خەلقنى سىناق ئۆرنىكى قىلىپ ئىشلەتكەن بىر زۇلۇم ئىمپىراتورلىقىدىن ئىبارەتتۇر. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى قورال ياراق ئامبىرى ھالىغا ئېلىپ كەلگەن بىر دۆلەت يەنە شۇ ئامېرىكادۇر.

ئامېرىكا، ئاران 250 يىللىق بىر تارىخقا ئىگە بولغىنىغا قارىماي دۇنيانى بۇلاپ – تالاپ يالاڭاچلىغان بىر دۆلەت.

ئۇلارنىڭ ئەقىل ئۆگەتكۈچىلىرى بولسا ئېڭگىلىزلاردۇر.  ئاق سۆڭەكلەر ئېڭىدىكى ئاتارمەنلەردۇر. ۋېيتنامدا يۈزمىڭلىغان ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، بۇ ئۆلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنى ئىشلىگەن فىلىملىرى ئارقىلىق يوللۇقلاشتۇرۇشقا تىرىشقان دۆلەت يەنە شۇ ئامېرىكىدۇر.

قىزىل تەنلىك قەۋملەرنى ئاسىمىلاتىيە قىلىپ نەسلىنى قىرغىن قىلغان، بۇنىڭ ئارقىدىن ئەرمەنلەرنىڭ تۇترۇقسىز داۋاسىنى تۈركىيە ئۈچۈن قورال ئورنىدا قوللىنىش ئۈچۈن دائىم پۇرسەت كۈتۈپ ئۆلتارغان دۆلەت يەنە شۇ  ئامېرىكادۇر.

 ئامېرىكا بايرىقى ۋە چېركاۋىنىڭ بەلگىسى بولمىغان ھېچقانداق بىر فىلىمگە رۇخسەت قىلمايدىغان ، دىندىن ئۇزاق ، دېموكىراتىيەدە خاۋارىج مىجەزلىك بىر دۆلەت.

ئىران بىلەن ئېراققا قورال ياراقنى دۆۋىلەپ بېرىپ: قېنى ئۇرۇشۇڭلار! دېگەن دۆلەت.

پەلەستىندە بالىلارنى ، مەسۇم ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەن ئىسرائىلگە غىڭ قىلمايدىغان، مىسىردا مىڭلارچە كىشىنى ئۆلتۈرگەن زومىگەرلەرگە تاس قالسا يارايسىلەر دەۋەتكىلى ئاز قالغان بىر دۆلەت.

زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئامېرىكىنى مالىمانچلىققا تاشلاپ قويغان دۆلەت.

ۋېنىزىيەدە نېفىت شېركەتلىرىنى مۇسادىرە قىلغان ، بۇ نېفىتلارنى مىئاماردا قانۇنلاشتۇرغان سىئايى شېركەتلىرى بۇ يەردىن قولغا كەلتۈرگەن پۇللار بىلەن تېرورغا ئىقتىسادىي دەستەك بېرىۋاتقان بىر دۆلەت.

ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەپلەرنى ئەرەپ باھارىغا قىستاپ ئېلىپ بارغان دۆلەت ئامېرىكا.

ئامېرىكا يۇقۇردىكى باشقا ھەممە دۆلەتنىڭ ئەقىل دانىشمانى. ئۆزلىرىچە قوياش مەڭگۈ ئولتۇرمايدىغان بىر ئىمپىراتورلۇق.

ئارگىنتادىكى فالكلاند ئارالىرى ئۈچۈن ئۇرۇشقىنى يەنە شۇ ئامېرىكا.

ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىۋېتىپ ، تۈركىيەدە ھۇمەينىيە تەرىقەتىنى قوللىغان بىر دۆلەت.

ئىسلام دۇنياسىدا ۋاھابىلىك ئاتالغۇسىنى ئوتتۇرغا چىقارغان، شىئە مەزھەپىنىڭ مەقسەتلىك قوللىغۇچىسى، سەلەپىيلەرنىڭ مەقسەتلىك ھامىيسى. ئەھمەدىيلىكنىڭ مەقسەتلىك پىكىر دادىسىدۇر ئامېرىكا.

ئامېرىكا- ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەسەدنىڭ تەربىيەچىسى، سادام دېكتاتۇرىنىڭ مەبلىغىدۇر. ھازىر بولسا سادامنىڭ قىزى تەرىپىدىن تەمىنلىنىۋاتقان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئىشىد نىڭ مەبلىغىنى باشقۇرۇپ بېرىۋاتقان بىر دۆلەت.

يەنە شەيتاننىمۇ : ئۇستام دېگۈزىۋىتىدىغان دۆلەت- ئامېرىكا.

بۇ دۆلەتلەرنىڭ يەنى قان سۈمۈرگۈچى بۇ بەش دۆلەتنىڭ بىردەك ئالاھىدىكى شۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ۋە ياكى  غەيرى ھەقىقىي خىرىستىياندۇر. خىتاي بىلەن رۇسيا گەرچە ئاتىزىمچىدەك كۆرۈنسىمۇ ئۇلارنىڭ پىرىنسىپى يەنىلا خىرىستىيان مەركەزلىك ئىدىيەدۇر.

ئاۋارچىلىققا يولۇققان دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش بولغان بىر ئالاھىدىلىكلىرى ياكى رەسمىي بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرى بولسا ئىسلام تېروتېرىيەسى ئىچىدە بولۇشى، نېفىت زاپىسىنىڭ مول بولۇشى ۋە ياكى ستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇندا بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بەزى دۆلەتلەردە كۆرۈنۈشتە نېفىت يوق بولسىمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى. بۇ دۆلەتتە ئېنىق كۆز قىزارتقان باشقا بىر بايلىقلار بار بولغان بولىدۇ. خۇددى سۇدان ۋە سومالىدا بولغىنىغا ئوخشاش.

ئۇلار تۈركىيەنىمۇ بىرەر قۇر چېلىپ ئوينىماقچى بولدى، بىراق تۈرك مىللىتى يەنىلا ئاخىردا بۇ ئويۇنغا كىرمىدى. يىراقتىن قوماندانلىق قىلىش ئارقىلىق تىزگىنى ئاستىغا ئالماقچى بولدى يەنە بولمىدى. ئىراندىن قوللاشنى تەلەپ قىلدى يەنە بولمىدى. ئاخىردا ئىشىد بىلەن يوق قىلىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.

ئىشىد بۇ رايۇندا كۇرتلەرنى ئۆلتۈرگىنىدە تۈركىيەدىكى كۇرتپەرەسلەر تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە شىمالىي ئىراققا كىرمەسلىكى ئۈچۈن ھەرقانداق قىلتاققا چۈشمەكتە. بەزىلىرى خەلق ۋەكىلى قىياپىتىدە ئەسكەر ئەۋەتسە ، بەزىلىرى سېنىڭ دۆلىتىڭ قانچىلىك ئىدى ؟ دېگەندەك تېگى پەسلىك قىلىۋاتىدۇ. خۇددى بۇلارنىڭ ھەممىسى كۇرت مىللەتچىلىرىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرىدەك...

قېنى بۇلار ئانىلارنىڭ قۇچاقلىرىدىكى بالىلار يوق بولغاندا جىم تۇرىۋاتمامتى؟

تۈركىيەدىن ئايرىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەر تۈرلۈك تەشكىلاتلارنىڭ ئارقىدا بۇلار بار. بۇلار بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ھەم ئېنگىلىزلەر بىلەن،ھەم فىرانسۇزلار بىلەن، ھەم روسلار بىلەن ھەم خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلىۋېرىدۇ. ۋاقتى كەلسە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نامىدا قۇرۇلغان خەلىپىلىكىمۇ كۈلۈمسىرەلەيدۇ.

كىم نېمە قىلسا قىلسۇن!

بىراق دۇنيا بىر تۈزۈتۈشكە مۇھتاج. بۇ بەشى دۇنيادا چوڭ كۆرۈنگەندەك قىلغان بىلەن ئەسلىدە دۇنيانىڭ بۇ بەش دۆلەتتىن چوڭ ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەتتۇر. مەسۇم ۋە مەزلۇمنىڭ پىغانى ئاڭلانمىغان بىر دۇنيا دۇزاختىن پەرقسىزدۇر.

ئۈمىدىم شۇكى بۇلارنى روياپقا چىقىرىدىغان بىرىلىرى چوقۇم يولغا چىققاندۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى؛ مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر    

  

  

,


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ