ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بالىلىق دەۋرىدە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلەر تۇتقۇن قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-04 11:18:22 جەمئى 2440 قېتىم ئوقۇلغان.

بالىلىق دەۋرىدە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلەر تۇتقۇن قىلىندى

بالىلىق دەۋرىدە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلەر تۇتقۇن قىلىندى
4-ئۆكتەبىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بالىلىق دەۋرىدە قۇرئان كەرىم ئوقۇشنى ئۆگەنگەن مۇسۇلمانلارنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلغان.
خەۋەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا غۇلجا قورغاس ناھىيسىدە 30 ياشنىڭ ئاستىدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىغانلىقى، 73 ياشلىق ماشىڭجى بىلەن بەش ئوغلى ۋە ئۈچ قىزى ئائىلسىدە ئىبادەت قىلغانلىقى، قۇرئان ئوقۇغانلىقى سەۋەبىدىن « توپلىشىپ ئىبادەت قىلغان» دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى، ماشىڭجىنىڭ كىلىنى يانڧونىدا مەسىلە بارلىقى تۆھمىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، مەزكۇر ئائىلدىن 10 ئادەم قورغاس قاماقخانىسى بىلەن تەربىيىلەش لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ماشىجىننىڭ ئۈچ نەۋرە ئىنىسى دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە، يەنە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدىن خەنمىڭلىياڭنى بالىلىق دەۋرىدە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن قولغان ئالغانلىقى، قورغاس ناھىيىسىدىن جېڭيىڭمىڭ ئالتە يىل ئىلگىرى ھەجگە بارغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى ئىزدەپ تاپالماي ئۇنىڭ نەۋرىسنى گۆرۆگە ئالغاندا جېڭيىڭمىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ