ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بالىلارنى سەسكەندۈرۈپ سۈتتىن ئايرىش ئۇسۇلى خاتادۇر

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2012-04-23 12:07:13 جەمئى 6872 قېتىم ئوقۇلغان.

ئانا كۆكسىگە بالا ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەرنى سۈرتۈش ئارقىلىق بالىنى سەسكەندۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئايرىشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ. بىراق بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھېچ قايسىسى بالىنىڭ پىسخولوگىيەسى ئۈچۈن توغرا بىر ئۇسۇل ئەمەس.

بالىلارنى سەسكەندۈرۈپ سۈتتىن ئايرىش ئۇسۇلى خاتادۇر

بالىلار پىسخولوگى ئادەم گۈنەش ئەپەندىنىڭ تەۋسىيەلىرى

     بالىلارنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تەربىيلەش پىسخولۇگى ئادەم گۈنەش ئەپەندى سۈتتىن ئايرىش يېشىغا كەلگەن بالىلارنى سۈتتۈن ئايرىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ. بالىڭىز سۈتتىن ئايرىلىدىغان ياشقا كەلگەندە سۈتتىن ئايرىش ھەققىدە خەلق ئىچىدە ئوخشىمىغان تەۋسىيە پىكىرلەر سىزگە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بەزىلەر ھەتتا سۈتتىن بىراقلا كەسكىنكى، بالا يىغالاپ – يىغلاپ ئاخىردا كۆ نىدۇ، دېسە بەزىلەر ئانا كۆكسىگە بالا ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەرنى سۈرتۈش ئارقىلىق بالىنى سەسكەندۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئايرىشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ. بىراق بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھېچ قايسىسى بالىنىڭ پىسخولوگىيەسى ئۈچۈن توغرا بىر ئۇسۇل ئەمەس.

      سۈتتىن ئايرىلغان بالا سۈتتۈن ئايرىلىش بىلەن ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك تۇيغىدا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن خۇيى ئۆزگۈرۈپ جىدەلخور بولىۋالىدۇ .ئەگەر ئۇنى سۈتتىن بىراقلا ئايرىۋەتسە بالا روھى جەھەتتىن بىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى ، بالا ئۈچۈن ئانا باغرى ھەم ئوزۇقلىنىدىغان، ھەم قوغدىنىدىغان قورغاندۇر. ئەگەر بالا بىراقلا سەسكەندۈرگۈچى  ئۇسۇللار بىلەن ئانىدىن يىراقلاشتۇرۇرلسا بالا كېيىنكى يىللاردا تاماققا قارشى سەسكىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىۋالىدۇ. ئانىسىغا قارشى رەدىيەسىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەشكە باشلايدۇ.

      بالا سۈتتىن بىر قەدەم، بىر قەدەم ئايرىلىشى لازىم. بۇنداق قىلغاندا بالا سۈتتۈن ئايرىلىشنىڭ ئانىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. شۇڭا بالا سۈتتۈن ئايرىغان ۋاقتىدا كۆپرەك ئانا قۇچىغىدا تۇرۇشى تېخىمۇ ياخشىدۇر.

      بالىنى سۈتتۈن ئايرىش شەكلى مۇنداق بولۇشى كېرەك. بالىنى سۈتتۈن ئايرىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئىككى قېتىملىق سۈت ئېمىش ۋاقتىنىڭ ئارىلىقى بىر سائەتتىن قىسقا بولماسلىقى لازىم. بىر سائەتكە توشمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئېمىشنى تەلەپ قىلسا :سۈت كەلسۇن ئاندىن ئېمىتەي، دەپ تەسەللى بېرىش ۋە بالىغا مېھربىانلىق كۆرسىتىش لازىم. بۇ خىل مۇددەتنى بىر ھەپتە داۋام قىلىش لازىم.

      ئىككىنچى ھەپتىدە بالىنىڭ ئىككى ئېمىش ۋاقتىنىڭ ئارىلىقى ئىككى سائەتكە چىقىرىلىشى لازىم.

     ئۈچۈنچى ھەپتىدە ئۈچ سائەتتە بىر، تۆتىنچى ھەپتىدە تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتىش ئارقىلىق ئايرىش ئۇسۇلى ئىشلىتىش لازىم. بۇ خىل ئۇسۇلدا سۈتتۈن ئايرىلغان بالىلارنىڭ كېچىلىرىدىكى ئېمىشلىرى نورمال شەكىل بىلەن داۋام قىلىدۇ. قاچان بالا كۈندۈزلۈك ئېمىشىدىن پۈتۈنلەي توختىسا ئاندىن كېيىن كېچىدە سۈتتۈن ئايرىشقا باشلاش لازىم. بۇنى باشلىغاندا ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىغا بىر ئىستاكان سۈت بېرىشتىن باشلاپ كېچىدىكى سۈتتۈن ئايرىشنى خۇددى كۈندۈزى قىلغاندەك دەسلەپتە بىر سائەتتىن ئارىلىق تاشلاپ بېرىش ئاندىن كېيىن ئىككى ۋە ئۈچ سائەتلىك ئۇسۇلنى ئىشلىتىش لازىم.

    بالىلار سۈتتىن ئايرىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە تاماققا قارىتا ئىشتاھاسى ياخشى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ۋاقىتلىق بىر قارشىلىق بىلدۈرۈش مەزگىلىدۇر. بالىنىڭ سۈتتۈن ئايرىلغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا سۈتتۈن ئايرىلىشى پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن بىر نورمالسىزلىققا سەۋەپ بولمايدۇ.

      تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ