ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بالىلارغا ھەدىيىلەر تەقدىم قىلىش
مۇھەممەدنۇر بىن ئابدۇلھەفىز سۇۋەيدھەدىيە قىلىشنىڭ ئىنساندا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش رولى باردۇر. بالىلارغا نىسبەتەن ھەدىيەنىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭقۇردۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر- بىرىڭلارغا ھەدىيە بېرىڭلار، بىر- بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈسىلەر» دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ باغلىنىش ۋاسىتىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ھەممىگە ئومۇم بولغان قائىدىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىنىڭ ھېس- تۇيغۇسىنى بەرپا قىلىش، ئۇنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشتىكى كۈچلۈك بىر ئاساس مەنبەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئىمام مۇسلىم ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مېۋىلەرنىڭ پىشقانلىرى ئاۋۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى اﷲ! بىزگە، شەھەرلىرىمىزگە، مېۋىلىرىمىزگە، ئۆلچەك ۋە تارازىلىرىمىزغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن! دەپ دۇئا قىلىپ. ئاندىن كېيىن ئۇ مېۋىلەرنى شۇ جايدا بار بولغانلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن باشلاپ بېرىشكە باشلايتتى». تەبەرانىي ئىسھاق ئىبنى يەھيا ئىبنى تەلھەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن ئىسا ئىبنى تەلھە بىلەن مەسجىدتە ئىدىم، سائىب ئىبنى يەزىد مەسجىدكە كىردى. بۇ چاغدا ئىسا ئىبنى تەلھە مېنى ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن- كۆرمىگەنلىكىنى سوراپ كېلىشكە بۇيرىدى، مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: تاغام ئىبنى تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن- كۆرمىگەنلىكىڭىزدىن سوراۋاتىدۇ، دېدىم، ئۇ: ھەئە، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆردۈم، مەن ئۇنىڭ قېشىغا بىرقانچە بالا بىلەن بىرگە كىرگەنىدىم، ئۇ بىر قاچىدىكى خورمىلاردىن يەۋەتاتتى، ئۇنىڭ قېشىدا ھەمراھلىرى بار ئىدى، بىز كىرگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خورمىلاردىن بىزگە سىقىم- سىقىم ئېلىپ بېرىپ بىزنىڭ بېشىمىزنى سىلىغان ئىدى، دېدى. ئىبنى ئەبۇ دۇنيا ھەسەن ياكى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن پىشىن ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدۇم، ئۇ سالام بەرگەندىن كېيىن بىزگە: «يېرىڭلاردا تۇرۇڭلار!» دېدى. بىز جايىمىزدا تۇردۇق، ئۇ تاتلىق بار بىر كۈپنى ئېلىپ ھەممىمىزنىڭ ئاغزىغا بىر- بىرلەپ بارمىقى بىلەن تاتلىقنى سالدى، ئۇ چاغدا مەن تېخى كىچىك ئىدىم، نۆۋەت ماڭا كەلگەندە ماڭا بىر قېتىم سالدى، ئاندىن: «يەنە سالايمۇ؟» دېدى. مەن: ھەئە! دېدىم. ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم سېلىپ بولۇپ ماڭا: «يەنە سالايمۇ؟» دېدى، مەن يەنە: ھەئە، دېدىم، شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۈچىنچى قېتىم سالدى، ئۇ بۇ ئىشنى شۇ يەردە بارلارنىڭ ھەممىسى تۈگىگىچە شۇ تەرىقىدە قىلدى. ئەبۇ داۋۇد ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىزگە نەجاشى ئەۋەتكەن ھەدىيىلەر كەلدى، ھەدىيىلەرنىڭ ئىچىدە بىر دانە ئالتۇن بىلەيزۈك ۋە بىر دانە قاشتېشى ئۈزۈكى بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىيىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن خۇددى ئۇلاردىن يۈز ئۆرىگەندەك قىلىپ قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئالغاندىن كېيىن قىزى زەينەب ئارقىلىق ئەبۇلئاسنىڭ قىزى ئومامەنى چاقىرتىپ: «قىزىم سەن بۇلار بېلەن زىننەتلەنگىن!» دېدى. تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ