<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ياغاچ قۇلاق، كەپسىز، گەپ ئاڭلىماس، ھاڭۋاقتى، ھۇشى يوق، پەرۋاسىز، ھورۇن ، دۆت..." دەپ نەسىھەت ئاڭلىمىغان بالىلارغا چاپلايدىغان بۇ ماركىلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ ئىشلەتمەسلىكىمىز كېرەك

 

 

بالىلارغا نەسىھەت بېرىش قانچە ياشتا باشلىنىدۇ؟

 

نەسىھەت ھەممە ئادەم ئاڭلايدىغان، ئاڭلاشقا ئىھتىياجلىق ھېس قىلىدىغان سۆزلەردۇر. نەسىھەتنىڭ مەنىسى بولسا بىرىگە بىرەر ئىشنى قىلماسلىقى ياكى قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان سۆزدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئەقىللىقلىرى نەسىھەت بىلەن ھاياتلىرىنى توغرا بىر شەكىلدە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەڭ توغرا  نەسىھەت بولسا قۇرئاندىكى ئايەتلەردە، پەيغەمبەرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە كۆرسىتىلگەن نەسىھەتلەردۇر. بۇ نەسىھەتلەرنى ئاڭلىغان ھەرقانداق دىندىكى بىر ئادەم ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ. بىراق نەسىھەتنىڭ بېرىلىدىغان يېرى، يېشى بولىدۇ. ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ : باشقىلارنىڭ ئالدىدا بېرىلگەن نەسىھەت ھاقارەتتۇر، دېيىش ئارقىلىق نەسىھەتنىڭ توغرا ئۇسلۇبتا بولۇشىغا دېققەت تارتىدۇ. نەسىھەتنىڭ يېشىغا كەلسەك، بۇ كۆپۈنچە كىچىك بالىلارغا قارىتىلىدۇ.

بەزى ئاتا- ئانىلار ئۆزلىرىنى تۇتىۋالغان ھالدا ئۆزلىرنى خاپا قىلىپ ساراڭ قىلىپ قوياي دەپ قالغان كەپسىز كىچىك بالىلىرىغا نەسىھەت قىلىدۇ. بۇ بالا بولسا بەزىدە ئاڭلىغاندەك قىلىپ باش لىڭشىتىدۇ، قايتا قىلماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ، بىراق قارىسىڭىز بىردەمدىن كېيىن ئوخشاش ئىشنى تەكرارلايدۇ. كىچىك بالىلارلا ئەمەس، ھەتتا بالاغەت يېشىغا يېتىپ قالغان چوپ- چوڭ بولۇپ قالغان بالىلارمۇ شۇنداق.

ئۇنداقتا بالىلارغا نەسىھەت بېرىش خاتامۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە. نەسىھەت بېرىلىش يېشىغا ئۇيغۇن بولۇشى بىلەن بىرگە ئۇسلۇبىغا دېققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. قۇرئان ۋە ھەدىسلەرگە قارىساق بىزنىڭ كۆز ئالدىمىز يورۇپ كېتىدۇ، قۇرئاندا ھېچبىر يەردە كىچىك بالىغا نەسىھەت بېرىلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بىر كەلىمە ئۇچرىتىلمايدۇ. ھەدىستە بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 7 ياشتىن كىچىك بالىلارغا نەسىھەت قىلغانلىقى بايان قىلىنمىغان، بايان قىلىنغان ھەدىسلەردە بالىلارنى تاماقنى ئالدىدىن، ئوڭ قولى بىلەن بىسمىلا دەپ يېيىش ھەققىدە نەسىھەت بەرگەنلىكى، ئارقىغا مىنگەشتۈرۋالغان كىچىك بالىلارغا ئاللاھقا ھەر زامان تەۋەككۈل قىلىش ھەققىدىكى نەىسىھىتىنىمۇ ئۇنىڭغا ماس كەلگەن ياشتا بەرگەنلىكىدىن، بىزگىچە يەتكۈزۈلگەن بىر ھەدىسنىڭ جۈملىلىرىنىڭ راۋان، چۈشۈنىشلىك قىلىپ بايان قىلىنغانلىنىقىنى  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە لوقماندا لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا نەسىھىتىمۇ ئوغلىغا ئەقىل بالىغ زامانىدا بېرىلگەنلىكى نەسىھەتنىڭ مەزمونىدىن چىققىپ تۇرىدۇ.  شۇڭا قايتا توختىلىدىغىنىمىز بالىلارغا نەسىھەتنىڭ يېشىغا ئۇيغۇن ۋە ئۇسلىبى توغرا ئۇسۇلدا بېرىلىشى كېرەكلىدۇر.

مەسىلەن، بالا تەربىيەسىدە مۇتەخەسىس بولغان ئادەم مەھمەت تەبەر ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن ئىككى ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بالىلارغا نەسىھەت ئەمەس سۆيگۈ ۋە ئىشەنچ بېخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىلىشى ، 2 ياشتىن تاكى 7 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا نەسىھەتنىڭ ئورنىغا ياخشى ئۆلگۈ بولۇش كېرەكلىكىنى ، 7 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارغا جۈملىلىرى مۇرەككەپ، چوڭلارمۇ ئاران تېگىگە يېتىدىغان ئابىستىراكىت ئۇقۇملار بىلەن ئەمەس،كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان، ياكى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ خىيال قىلالايدىغان ، ئۇنى ئەمەلدە كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان ئۇسۇلدا نەسىھەت قىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ ياشتىكى بالىلار ماتىماتىكا ھېساپلىرىنى قول بارماقلىرىنى ساناپ ھېساپلاش، بىر نەرسىلەرنى كۆرۈپ تۇتۇپ ھېس قىلىش، سورالغان سوئاللارغا ئۆزلىرى بىلىدىغان نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرگە قىياس قىلىپ چۈشۈنىش باسقۇچىدا بولغاچقا بۇ بالىلارغا چوڭ – چوڭ ئىشلاردىن، ئەقىل ۋە مەنتىقىدىن ، مىللەت ۋە سىياسەتتىن ، غايىبى نەرسىلەردىن سۆز ئىچىش نەسىھەتنىڭ كۈچىنى يوق قىلىدۇ. ناۋادا بۇلارنى چۈشەنگەندەك قىلغان بىلەن خاتا تەسەۋۇر قىلىش ۋە ياكى خاتا ئۇيغۇلاشقا كىرىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىلار مۇسۇلمانلار پاكىز بولۇشى كېرەك دەپ نەىسىھەت قىلغاندا بالا پاسكىنا قىلىۋەتكەن يەر ۋە ئورۇننى بىرگە تازىلاپ كۆرسىتىشى، باشقىلارغا ياردەم بېرىش دىنىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدۇر  دەپ نەسىھەت بەرگەندە ئۆزى بىرگە ياردەم بېرىشتە ھەمكارلىشىشى، باشقىلاردىن روخسەتسىز ھۇجرىلارغا ئۈسۈپ كېرمەسلىك كېرەك دېگەندە ئۆزىمۇ شۇ بالىنىڭ ئايرىم ھۇجرىسىغا رۇخسەتسىز كىرمەسلىكى، ئۇنىڭدىن كىرسەم بولامدۇ، دەپ سوراپ كېرىشى  ئارقىلىق نەسىھەت قىلىشى ئەڭ توغرا ئۇسۇلدۇر.

12 ياشتىن كېيىن بېرىلىدىغان نەسىھەتلەردە بولسا ئۇنىڭغا ئۇنى ئۇنداق قىلما، بولمايدۇ، بۇنى ئۇنداق دېگىن، دەپ نەسىھەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىنماقچى بولغان ئىش ئۈستىدە پىكىر ئېلىشى ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشى، خاتا قاراشلىرىغا دەرھال رەدىيە بەرمەستىن،` ھە بىلدىم، سەن بۇنى مۇنداق ئويلاپ قاپسەن، ئەسلىدە مۇنداق بولسا تېخىمۇ ياخشى... دېگەندەك ئىلھاملاندۇرىدىغان، روھىنى چۈشەرمەيدىغان، خىجىل قىلىپ قويمايدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەكتۇر.

نەسىھەتنىڭ سەۋىيەسىمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرۇلىشى كېرەك. مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، قارشى تەرەپنىڭ ھازىر سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى بىر بالىڭىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ سىزگە بىر ئامانىتى، كەلگۈسىدىكى ئۈممەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمىغان ھالدا نەسىھەت بەرسىڭىز ئەڭ توغرا ۋە پايدىلىق بولغان نەسىھەت يوللىرىنى تېپىش ۋە ئۇ بويىچە تەربىيلەش ئىشتىياقىڭىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. بەرگەن نەسىھەتلىرىڭىزگە بىر ئانا، بىر دادا ھاكىمىيىتىدىن بەكرەك، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىپ يەتكەن شەپقەتلىك تەربىيەچى ئىكەنلىكىڭىزنىڭ روھ ھالەتلىرى ئەكىس ئەتكەچكە نەسىھەتلىرىڭىز كۆڭۈلدىن، كۆڭۈلگە بېرىپ، ئۈنىمى تىز بولىدۇ. ياغاچ قۇلاق، كەپسىز، گەپ ئاڭلىماس، ھاڭۋاقتى، ھۇشى يوق، پەرۋاسىز، ھورۇن ، دۆت... دەپ نەسىھەت ئاڭلىمىغان بالىلارغا چاپلايدىغان بۇ ماركىلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ ئىشلەتمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى... پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر بىر بالا يېڭى تۇغۇلغاندا ئاللاھنى تونۇيدىغان، پاك بىر تەبىئەتتە تۇغۇلۇدۇ، ئاتا- ئانىسى ئۇنى يەتتە ياشقا كىرگىچە يا  يەھۇدى، يا خىرىستىيان، يا ئاتەشپەرەس قىلىدۇ» دېيىشى ئارقىلىق ئەڭ ساپ، گۇناھسىز ، پەرىشتىدەك بالىلارنى خاتا بولغان تەربىيلەش ئۇسۇللىرىمىز بىلەن ، مىجەز خۇلۇقتا، يەھۇدىيدىن ، خىرىستىياندىن بەتتەر ئازغىن مىجەز، ئاتەشپەرەستىن ئۆتە نەپسىگە ئىبادەت قىلىدىغان مىجەزدىكى بالىلارنى تەربىيلەپ چىقىدىغانلىقىمىزغا ئىشارەت قىلغان. يېڭى تۇغۇلغاندا مەسۇم، بوۋاقلىقىدا ۋىلىق – ۋىلىق كۆلكىلىرى بىلەن جانلارنى سۈيۈندۈرۈىدىغان نۇر دانىلىرىنىڭ چوڭ بولغاندا كۆزلىرىدىن ئوت چاقنايدىغان جانىۋار بولۇشىنىڭ ئاساسلىقى سەۋەپچىسى كىملەردۇر سىزچە...  ئۇنۇتمايلىكى چىۋىنمۇ چېقىق ئەمەس، بەلكى دەز كەتكەن تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە قۇنىدۇ ۋە تۇخۇملايدۇ.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ