ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بالا جاسۇس

بالا جاسۇس

دائۇدېت (فىرانسىيە)

تەرجىمىدە: ئەنسەر ئابدۇغېنى 

ئۇنىڭ ئىسمى سىتەننى، كىچىك سىتەننى ئىدى. ئۇ دائىم ئاغرىقچان، تاتىراڭغۇ كۆرۈنىدىغان پارىژلىق بالا ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن، دادىسى بولسا بىر كىچىك خەلق مەيدانىنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىسى ئىدى. ھەممە كىشى سىتەننىنىڭ دادىسىنى تونۇيتتى ۋە ھۆرمەتلەيتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسكەرلەردەك قوپال سىياقىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان دائىملىق تەبەسسۇمىنى ۋە مېھرىبان خاراكتېرىنى بىلىشەتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن: «ئوغۇلچىقىڭنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟» دەپ سوراشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلاتتى.

ئۇ ئوغلى سىتەننىگە تولىمۇ كۆيەتتى. بەختكە قارشى پىرۇسسىيەلىكلەرنىڭ پارىژنى ئىشغال قىلىشى بىلەن ھەممە ئىشلار ئۆزگەردى. سىتەننىنىڭ دادىسى ئىشلەۋاتقان خەلق مەيدانى پېچەتلەندى، ھەممە ياشانغان كىشى ئۇرۇش مەزگىلىدە سىرتنىڭ ۋەزىيىتىنى ھەرۋاقىت كۆزىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇرلاندى. كىچىك سىتەننى ئۈچۈن بولسا بۇ قورشاۋغا ئېلىنىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك بىر ئىش ھېسابلىناتتى. مەكتەپمۇ يوق، دەرسمۇ يوق، كۈندە تەتىل، كوچىلار بولسا پىت بازىرى بولغان ئىدى.

سىتەننى كەچ بولغۇچە سىرتلاردا لاغايلاپ يۈرەتتى. قىمار ئويۇنىنى كۆرۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ قىزىقارلىق بىر ئىش ئىدى. ئۇ ئوينىمايتتى، چۈنكى بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن كۆپ پۇل كېتەتتى. باشقىلارنىڭ ئوينىغىنىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىلا ئۇنى كۆپ خۇشال قىلاتتى.

كىچىك سىتەننى بىر قېتىمدىلا بەش فىرانىك تىككەن، كۆك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئېگىز بويلۇق ياش بالىغا ھەممىدىن بەك ھەۋەس قىلاتتى. ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى تەڭگە پۇللارنىڭ جىرىڭشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىر كۈنى ھېلىقى ئېگىز بويلۇق ياش بالا سىتەننىگە:

- بۇ پۇللارنى كۆردۈڭمۇ؟ ھە، ئەگەر خالىساڭ بۇ پۇللارنى نەدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ساڭا دەپ بېرىمەن، - دېدى.

ئۇ قارشى تەرەپتىكى دۈشمەن پىرۇسسىيەلىكلەرگە گېزىت سېتىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى. دەسلىپىدە كىچىك سىتەننى ئاچچىقلاندى ۋە رەت قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۈچ كۈن بۇ قىمار ئ‍ويۇنىدىن يىراق تۇردى. بىراق قايمۇقتۇرۇش يەنىلا غالىب كەلدى. تۆتىنچى كۈنى ئۇ يەنە ئويۇن سورۇنىغا قايتا باردى ۋە ياش بالىنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدى.

ئۇلار گېزىتلەرنى كۆڭلىكىنىڭ ئىچىگە تىقىپ، سومكىلىرىنى مۈرىلىرىگە ئېسىشىپ، بىر قارلىق سەھەردە يولغا چىقتى. ياش بالا كىچىك سىتەننىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ماڭدى. بۇ ئېگىز ياش شېرىك فىرانسىيە كۆزەتچىلىرىنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئېتىزلىقتىكى كىچىك چىغىر يولدىن ماڭدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار فىرانسىيە مەرگەنلەر قاراۋۇلخانىسىنىڭ بىر چارلاش ئەترىتىگە يولۇقۇپ قالدى ۋە ئۆتۈشىگە يول قويۇلمىدى. كىچىك سىتەننىنىڭ دادىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر ياشانغان سېرژانت قاراۋۇلخانىدىن چىقىپ كەلدى ۋە ئ‍ۇلارنى ئىچىگە كىرىپ ئىسسىنىۋېلىشقا چاقىردى.

كىچىك سىتەننىنى خىجىلچىلىقتىن تىترەك باستى. قاراۋۇلخانىدا بىر نەچچە ئەسكەر ئوت يالقۇنىنىڭ ئەتراپىدا زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى. بىر ئوفىتسېر ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى ۋە بىر نېمىلەرنى دەپ سېرژانتنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.

- يىگىتلەر! - دېدى سېرژانت خۇشال ھالدا، - بۈگۈن كەچ ئۇرۇش بولىدۇ. ئىشەنچىم كامىلكى، بۇ قېتىم بىز چوقۇم بولگىت كەنتىنى قايتۇرۇۋالىمىز.

قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈلدى. فىرانسىيە مەرگەنلىرى خۇشاللىقىدىن مىلتىقلىرىنى ئېگىز پۇلاڭلىتىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇلغا چۈشۈشتى. بالىلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قاراۋۇلخانىدىن يېنىپ چىقتى.

- قايتىپ كېتەيلى، بارمايلى!

كىچىك سىتەننى قايتا-قايتا شۇنداق تەكرارلايتتى. ئېگىز ياش شېرىكى مۈرىسىنى قىسىپ قوياتتى ۋە مېڭىشنى داۋاملاشتۇراتتى. ئۇلار ئاخىرى دۈشمەن پىرۇسسىيەلىكلەرنىڭ گازارمىسىغا يېتىپ كەلدى. گازارمىدا دۈشمەن ئەسكەرلىرى يەپ-ئىچىپ، ناخشا ئېيتىپ، قارتا ئويناۋاتاتتى. ئۇلار گازارمىغا كىرىشى بىلەن ئەسكەرلەر قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈشۈپ، ئۇلارنى قارشى ئالدى. ئۇلار گېزىتلىرىنى كۆرسەتتى ۋە ئەسكەرلەر بىلەن پاراڭلاشتى. ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى مەغرۇر قىياپەتتە تۇراتتى. شۇنداق تۇرسىمۇ ئېگىز ياش يىگىت فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنى مازاق قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق، تېتىقسىز گەپ-سۆزلىرى بىلەن ئۇلارنى كۈلدۈرەتتى. ئەسكەرلەر بولسا ئۇنى مازاق قىلىشاتتى. كېيىن ئېگىز يىگىت ئاۋازىنى پەسەيتىپ، پىرۇسسىيەنىڭ دۈشمەن ئوفىتسېرلىرىنى فىرانسىيە مەرگەنلىرىنىڭ مەخپىي ھۇجۇم پىلانىدىن ئاگاھلاندۇردى. كىچىك سىتەننى ئاچچىقىدا سەكرەپ تۇرۇپ:

- ياق! بۇ خاتا! - دەپ ۋارقىرىدى.

بىراق ئېگىز يىگىت ئۇنىڭغا پەقەت بىر كۈلۈپلا قويدى. ئوفىتسېرلار ئۇلارنى كېتىشكە بۇيرۇدى ۋە دەرھال بىر يەرگە يىغىلىپ، گېرمان تىلىدا بۇ ھەرىكەت توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىشكە باشلىدى. ئېگىز بالا پۇللىرىنى جاراڭلىتىپ، خۇددى بەگزادىلەردەك مەغرۇر چىقىپ كەلدى. سىتەننى خىجىل بولۇپ، يىغلامسىرىغان ھالدا بېشىنى ساڭگىلىتىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.

ئۇلار گازارمىدىن ئايرىلىپ، تېزلا شەھەرگە قايتتى ۋە كېچىلىك ھۇجۇم پىلانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان فىرانسىيە مەرگەنلىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. بالىلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېلىقى ياشانغان سېرژانت ئۇلارنى تونۇدى ۋە ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدى. ئاھ! بۇ كۈلكە سىتەننىنى قانچىلىك ئازابلىدى-ھە!

بىر پەستىن كېيىن كىچىك سىتەننى «ئۇ يەرگە بارماڭلار، بىز سىلەرگە ئاسىيلىق قىلدۇق» دەپ توۋلاشقا تەمشىلىۋېدى، ئېگىز يىگىت ئۇنىڭغا:

- ئەگەر بۇنى ئېيتساڭ، ئۇلار سېنى ئېتىۋېتىدۇ، - دېدى.

سىتەننى بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقتى. ئۇلار پۇلنى تەقسىملەشتى. كىچىك سىتەننىنىڭ كۆڭلى سەل ئارام تاپقاندەك بولدى. بىراق ئۇ يالغۇز قالغىنىدا بولسا، خۇددى ئۆزىنى بىر ئاسىي ئىشپىيوندەك ھېس قىلدى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، دەرھال پۇللىرىنى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويدى.

شۇ كۈنى كەچتە سىتەننىنىڭ دادىسى ئۆيگە خۇشال قايتىپ كەلدى. ھۇجۇم قىلىش پىلانلانغان جايلاردىن تاپشۇرۇپ ئالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەھۋاللار ناھايىتى ياخشى ئىدى. سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا زەمبىرەك ئاۋازى ئاڭلانغىلى تۇردى.

- ئۇلار بولگىت كەنتىدە ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، - دېدى سىتەننىنىڭ دادىسى.

كىچىك سىتەننىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ كارىۋاتقا بېرىپ ياتتى، ئەمما كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى. توپ-زەمبىرەكنىڭ ئاۋازى داۋاملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ قاراڭغۇ چۈشكەندە مەرگەنلەرنىڭ ئېنىقلا پىستىرمىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئويلىدى. ئۇ ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىغان ھېلىقى سېرژانتنىڭ ئاپئاق قار ئۈستىدە ئۆلۈك ھالدا ياتقىنىنى خىيالىغا كەلتۈردى. مەرگەنلەرنىڭ قېنىغا مىلەنگەن پۇللار ئۇنىڭ، يەنى كىچىك سىتەننىنىڭ، بىر ئەسكەرنىڭ ئوغلىنىڭ ياستۇقى ئاستىدا ئىدى. سىتەننى بۇلارنى ئويلاپ يىغلاشقا باشلىدى.

- ساڭا نېمە بولدى؟ - دادا سىتەننىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپلا ئۇنىڭدىن سورىدى.

سىتەننى ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنى دادىسىنىڭ ئايىغىغا ئاتتى. كۈمۈش تەڭگىلەر پول ئۈستىگە چېچىلىپ چۈشتى.

- بۇلار نېمە؟ سەن ئوغرىلىق قىلدىڭمۇ؟ - دېدى سىتەننىنىڭ دادىسى.

كىچىك سىتەننى ئۆزىنىڭ پىرۇسسىيە گازارمىسىغا بارغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى دادىسىغا ئېيتىپ بەردى.

سىتەننىنىڭ دادىسى بۇلارنى دەھشەتلىك بىر چىرايدا ئاڭلاپ ئولتۇراتتى. ئوغلىنىڭ سۆزلىرى تۈگىگەندە ئۇ قوللىرى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ، كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

- دادا، دادا؟ - دېدى سىتەننى.

دادىسى ھېچبىر جاۋاب قايتۇرماستىن سىتەننىنى ئىتتىرىۋېتىپ، پۇللارنى تەردى.

- ھەممىسى مۇشۇمۇ؟- دەپ سورىدى ئۇ.

سىتەننى بېشىنى لىڭشىتتى. دادىسى مىلتىقىنى ۋە ئوق قېپىنى ئالدى، تەڭگىلەرنى يانچۇقىغا سالغاچ:

 - بولىدۇ، مەن بۇلارنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرەي - دېدى.

ئۇ كەينىگە قاراپمۇ قويماي، بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلماستىن سىرتقا چىقتى ۋە قاراڭغۇلۇققا قاراپ يۈرۈش قىلىپ كېتىۋاتقان فىرانسىيە قوشۇنىغا قېتىلدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن قايتا  كۆرۈنمىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ