<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىر بالىنىڭ چوڭ بولغاندا قانداق بىر ئادەم بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقچى بولغان بىر ئائىلىدىكى بىر قانچە كىشى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىم،

بىر بالىنىڭ چوڭ بولغاندا قانداق بىر ئادەم بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقچى بولغان بىر ئائىلىدىكى بىر قانچە كىشى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىم، پۇل توشقۇزۇلغان پورتمال، توپ، چالغۇ ۋە كىتاپلارنى قويۇپتۇ. ئۇلارنىڭ پەرىزىگە كۆرە، ئەگەر بالا قۇرئاننى ئالسا كەلگۈسىدە دىنىي ئۆلىما، پورتمالنى ئالسا سودىگەر، توپنى ئالسا تەنھەرىكەتچى، چالغۇنى ئالسا سەنئەتكار، كىتاپنى ئالسا يازغۇچى بولۇشى مۈمكىن ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن بۇلاردىن بىرسى ئۇ بالىنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپتۇ ۋە ئۈستەلنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەپتۇ. بالا ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكىلەرگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئۈستەلدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سۈپۈرۈپلا قۇچىقىغا ئېلىۋاپتۇ. ھەممەيلەن قېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ، پەقەت بالىنىڭ بوۋىسىلا بالىنىڭ ئەلپازىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن تەمكىنلىك بىلەن ” مېنىڭچە بۇ بالا چوڭ بولغاندا چوقۇم بىر سىياسىئون بولىدۇ.” دەپتۇ.

” بالىلىرىڭغا ھەممە نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى بېرەلمىگەنلىكىڭدىن كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، ئۆزۈڭ بېرەلەيدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشكە تېرىشقىن!” – داۋىنچى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ