ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بازار باھاسى بىلەن ئوينىشىش
 

بازار باھاسى بىلەن ئوينىشىش

 دوكتۇر يۈسۈف ئەلقاراداۋى       ئىسلام بازارنى تولۇق ئەركىنلىكىگە قويۇپ بېرىشنى خالايدۇ. بازاردا كۆرسىتىلگەن تاۋار بىلەن تاۋارغا بولغان تەلەپكە تايانغان تەبىئىي قانۇنىيەتلەرنىڭ ئەركىن رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا باھا ئۆرلەپ كەتكەن بىر چاغدا، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى رەسۇلۇللاھ بىزگە باھا بىكىتىپ بەرگىن» دەپ ئىلتىماس قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «باھانى بىكىتكۈچى، رىزىقنى ئازايتىپ كېڭەيتكۈچى ئاللاھدۇر، مەن ئاللاھنىڭ ئالدىغا ھېچبىرىڭلارنىڭ قان ياكى مال توغرۇلۇق مەندىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغان ھالەتتە بېرىشنى ئۇمىت قىلىمەن».ئىسلام پەيغەمبىرى بۇ ھەدىس ئارقىلىق زۆرۈر بولمىغاندا شەخسلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋېلىشنىڭ ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇم ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بۇنداق زۇلۇمدىن پاك بېرىش كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان.لېكىن بەزى تىجارەتچىلەرنىڭ مونوپولچىلىق قىلىۋېلىپ باھا بىلەن ئوينىشىشىدەك غەيرىي تەبىئىي ئامىللار بازارغا تەسىر كۆرسەتسە، بۇنداق ئەھۋالدا كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى بەزى شەخسلەرنىڭ ئەركىنلىكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا جەمئىيەتنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، تاماخور پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن جەمئىيەتنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە قارشى تۇرغان ھالدا باھا بىكىتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ مەنىسى: زىياندىن قوغداپ قېلىش ياكى ئېغىر زۇلۇمغا يول قويماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ھېچقانداق ئەھۋالدا باھا بىكىتىشكە بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئىمام ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق چوڭ ئالىملار مۇئەييەنلەشتۈرگەندەك: «باھا بىكىتىشنىڭ زۇلۇم بولغانلىقىدىن ھارام قىلىنغىنى، ئادالەت بولغانلىقتىن يول قويۇلغانلىرى باردۇر. ئىمام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: ئەگەر باھا بىكىتىش، كىشىلەرگە زۇلۇم سېلىشنى، ئۇلارنى ئۇلار رازى بولمايدىغان باھادا تاۋارلىرىنى سېتىشقا زورلاشنى ۋە ئاللاھ رۇخسەت قىلغان نەرسىنى قىلغىلى قويماي توسۇۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئۇ چاغدا ھارام بولىدۇ. ئەگەر كىشىلەرگە ئادالەت كەلتۈرىدىغان بولسا، مەسىلەن: جەمئىيەت زۆرۈر مۇھتاج بولغان نەرسىلەرنى بازار نەرخىدە سېتىشقا زورلاش، تاۋارنىڭ بەدىلىدىن ئارتۇق پۇل ئېلىۋېلىشنى چەكلەشتەك ئىشلاردا باھا بىكىتىپ بېرىش جائىز بولۇپلا قالماي بەلكى ۋاجىب بولىدۇ. يۇقىرىقى ھەدىس بىرىنچى تۈرگە قارىتا ئېيتىلغان، شۇڭا كىشىلەر تاۋارلىرىنى زۇلۇم بولمايدىغان شەكىلدە ئادەتتىكىدەك ساتسا، شۇنداق تۇرۇقلۇق تاۋارنىڭ قىسلىقىدىن ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن باھا ئۆرلەپ كەتكەن بولسا، بۇنى كىشىلەردىن كۆرسەك بولمايدۇ، شۇڭا بۇ ئەھۋالدا كىشىلەرنى مەلۇم بىر باھادا سېتىشقا مەجبۇرلاش، ئۇلارنى ھەقسىز زورلىغانلىق بولىدۇ.ئەمما ئىككىنچى تۈردىكى بولسا، كىشىلەرنىڭ قاتتىق زۆرۈر ئېھتىياجى بار تۇرۇقلۇق تاۋار ئىگىلىرى تېخىمۇ يۇقىرى باھادا ئالمىساڭ ساتمايمەن دەپ تۇرىۋېلىشتەك ئەھۋال بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار تاۋارنى بازار نەرخىدە سېتىشى كېرەك. باھا بىكىتىشنىڭ بازار نەرخىدە سېتىشقا زورلاشتىن باشقا بىر مەنىسى يوق. باھا بىكىتىش بۇ يەردە ئاللاھ بۇيرىغان ئادالەتكە زورلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ».


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ