ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى، خىتاي ئىشغالى چوقۇم يوقايدۇ، زالىملار جازاسىنى تارتىدۇ، كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستان ئاسمانلىرىدا لەپىلدەيدىغان كۈنلەر كېلىدۇ، خەلقىمىز ئازادلىققا ئېرىشىدۇ، بۇ ئارزۇ – ئىستەكلىرىم بىلەن سۆزىمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
شەرقىي تۈركسىتاننىڭ قىسقىچە تارىخى

شەرقىي تۈركسىتان قەدىمدىن باشلاپلا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقىنىڭ ئانا ۋەتىنى.  تارىخقا قارايدىغان بولساق شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىر قانچە قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان ۋە ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن خەلق. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ زېمىنى دەپ جار سېلىپ كەلدى. ئەمما تارىخقا قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندا بىر قانچە قېتىم مۇستەقىل دۆلەت ۋە ئىمپىراتۇرلۇق قۇرۇلغان. مىسال ئالدىغان بولساق، ھون ئىمپىراتۇلۇقى، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى 646 – 840 – يىللار، قاراخانىيلار دۆلىتى (840 – 1212) ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقى( 1514 –1679). بەدەۋلەت ياقۇب بەگ قۇرغان قەشقەرىيە دۆلىتى ( 1860 – 1875 ). شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (1933 – 1934 ). شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ( 1944 – 1949 ) قاتارلىق ناملاردا شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان. ئۇ تۇپراقلاردا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز مۇستەقىل ھۆر ياشاپ كەلگەن. تارىختا قۇرۇلغان بۇ دۆلەتلەر خىتاي ۋە رۇس ئىشغالچىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركسىتاننى ئۇزىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان بولسىمۇ بۇ زېمىن خىتاينىڭ ئەمەسلىكىنىڭ  تارىخى ئىسپاتلىرى مەۋجۇت. مىسال ئالىدىغان بولساق بۇ زېمندا يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر قۇرۇلغان. ئىككىنجى مىسال بولسا خىتاينىڭ ئەسلى چىگىراسى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچكى قىسمى خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ، سەددىچىننىڭ سىرتى خىتايغا تەۋە ئەمەس.  ئۈچۈنجى ئىسپات بولسا خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئەڭ ئاخىرىدا 1884 – يىلى ئىشغال قىلىۋالغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىنى يېڭىدىن قولغا كەلگەن تۇپراق دېگەن مەنىدىكى شىنجاڭغا ئۆزگەرتكەنلىكى ئىسپات بولىدۇ. بۇنى خىتايلار ئۆزلىرىمۇ ياخشى بىلىدۇ ئەمما زۇمىگەرلىك ۋە ھىلىيگەرلىك بىلەن شەرقىي تۈركسىتاننى بىزنىڭ زېمىن دەپ جار سېلىپ كەلدى.

1884 – يىلىدىكى ئىشغالىيەتتىن بۇيان شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ھېچ قاچان ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمىدى ۋە ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدى. بەزى مەنبەلەردە دېيىلىشىچە شەرقىي تۈركسىتاندا ھازىرغىچە ئازادلىق ئۈچۈن 200 دىن ئارتۇق چوڭ قۇراللىق كۈرەش بولغان.

بەزى مەنبەرلەردە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان 1949 – يىلدىن 2009 – يىلغىچە بولغان 60 يىل جەرىيانىدا 420 قېتىم چوڭ ھەرىكەت بولغانلىقى يېزىلغان.

بۈگۈن بىز خاتىرلەپ مۇراسىم قىلىۋاتقان بارىن جىھادى ھەرىكەتمۇ ئاشۇ مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ھەرىكەتلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا قۇماندان زەيدىن يۇسۇپنىڭ باشچىلىقىدا، ۋەتەننى ئىشغال ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇش، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش مەقسىتىدە كەڭ كۆلەملىك قۇراللىق ھەرىكەت قىلدى.

زەيدىن يۇسۇپنىڭ باشچىلىقىدا بارىن يېزىسىدا 200 دىن ئارتۇق ياشلار جەم بولۇپ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام پارتىيىسى نامدا تەشكىلات قۇرغان ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ غايە مەقسەتلىرىنى بەلىگىلەپ قارار ئالغاندىن كېيىن قۇراللىق جىھاد قىلىدىغانلىقىنى، ۋەتەننى ئازاد قىلىپ شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە باستۇرۇلۇش جەرىيانى

1990 – يىلىنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى جامال مۇھەممەدنىڭ ئۆيىدە 1 قېتىم «پارتىيە يىغىنى» ئېچىپ خىزمەتلەرنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. 1990 – يىل 2 – ئاينىڭ بېشىدا «ساي مەسجىد» تە 2 – قېتىم يىغىن ئاچقان. 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مەختە قۇشماقنىڭ ئۆيىدە 3 – قېتىم يىغىن ئېچىپ قورال- ياراق، ئوق دورا تەييارلاش مەسىلىسى بىلەن ئىنتىزام مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. «مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. كىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويسا ئۇنى پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىۋېتىش كېرەك……» دەپ بەلگىلىگەن. 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى «ساي مەسجىد» تە 4 – قېتىم يىغىن ئېچىپ قوراللىق ھەرىكەتنىڭ كۈنكرېت تەشكىلى ئاپاراتى ۋە ئىش تەقسىماتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، شەخسلەر بويىچە ئېنىق ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان.

زەيدىن يۈسۈپ (يەنە بىر ئىسمى زەيدىن قارى) شۇ چاغدا 26 ياش. بارىن جىھادى ھەرىكەتنىڭ باش قۇماندانى، ئۇ 1989 – يىلدىن باشلاپ بارىن يېزىسىدا مەخپىي ھالدا شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام پارتىيىسى نامدا تەشكىلات قۇرۇپ، كۆپ ساندا ياشلارنى ئۇ تەشكىلاتقا ئەزالىققا ئالغان. قۇرال – ياراق توپلاپ مۇجاھىدلارنى ھەربىي مەشىقلەندۈرگەن.

ئابدۇغېنى تۇرسۇن، جىھادى ھەرىكەتنىڭ مۇئاۋىن باش  قوماندانى قوشۇمچە مالىيە مەسئۇلى.

جامال مەمەت  قوراللىق ھەرىكەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

ئىسساق ھوشۇر  قوراللىق ھەرىكەتنىڭ ئارقا سەپ قوماندانى.

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئۇچۇر – ئالاقە مەسئۇلى.

مەمەت تۇردى قاتناش قوماندانى.

ئەخەت تىلىۋالدى، مۇجاھىدلارنىڭ 1 -  توپىنىڭ قوماندانى.

تۇرغۇن ئىسساق 2 – توپىنىڭ قوماندانى بولغان.

تەشكىلاتنىڭ پۈتۈن ھەرىكەت مىخانىزىمى سىزىلىپ ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان ۋە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن ھەرىكەتنى باشلىغان.

 1990 – يىلى4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 500 دىن ئارتۇق مۇجاھىد ياشلار مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپنىڭ قوماندانلىقىدا ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى بارىن يېزىسىدا قۇراللىق جىھادى ھەرىكەت قىلدى. بۇ ھەرىكەت شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئازادلىققا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ۋە شۇنىڭدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ھەر خىل شەكىلدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلەر داۋام قىلىپ كەلدى. بۇ ھەرىكەت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئويغانلىقىنى، خىتاي ئىشغالىيىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ھۆر مۇستەقىل ياشاش ئىرادىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خىتايغا ۋە دۇنياغا كۆرسەتتى.

ئالدى بىلەن بارىن جىھادى ھەرىكىتىنىڭ قانداق باشلانغانلىقى توغرىسىدا توختىلىشىتىن ئىلگىرى بارىن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتىگە كۆز يۈگۈرۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ئىشغالچىلىرى شەرقىي تۈركسىتاننى بېسىۋالغان 1949 – يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىنى، تىلى مىللىي مەدەنىيىتىنى ئاسىملاتىسىيە قىلىشقا باشلىدى، مىللىي يادىكارلىقلىرىنى ۋەيران قىلدى. گۇمانداڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاپ بولۇپ چىقىپ كېتىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن ئالدامچى خىتايلار، ئاق كۆڭۈل خەلقىمىزنى ئالداپ ، ھېچ قانداق قۇرال كۈچىگە تايانماستىنلا ھىيلىگەرلىك بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالدى. ئەگەر ئۇ دەۋردە قۇرال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا ئۇرۇشتا چوقۇم مەغلۇپ بولۇپ كېتىشى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئۇ دەۋردە شەرقىىي تۈركسىتاننىڭ پۈتۈن بىر قۇراللىق مىللىي ئارمىيىسى بار ئىدى.

باي دىخان، پومشۇك دېگەن نام ئاسىتىدا كىشىلەرنىڭ مال- مۈلك، ئۆي – ماكانلىرىنى تارتىۋالدى. كوممۇننا دېگەن نام ئاستىدا ئىنسانلارنى ھەقسىز ئىشلىتىپ ئارام بەرمىدى، دىنى ئالىملىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىز تۈرمىگە قامىدى ياكى ئۆلتۈرۈلدى، ئىنسانلىرىمىز ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىپ ھايۋاندىن بەتتەر خورلۇققا ئۇچىرىدى، كەمسىتىلدى. ئىشلىگەن ھەققىنى بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئاچ – يالىڭاچ تاشلاپ قويدى، نۇرغۇن ئىنسانلىرىمىز ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دېگەن نام ئاستىدا نۇرغۇن تارىخىي يادىكارلىقلارنى، تارىخى ئەسەرلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلدى، ئالىملىرىمىزنى يوق قىلدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا، مىللىي، دىنى، مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسىملاتىسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇم قىلدى.

 1980 – يىللاردىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست ئىشغالچىلىرى ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلىرىنى تونۇپ يەتتى ۋە ئىنسانلارغا بىر ئاز كەڭىچىلىك بولدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ بىر ئاز نەپەس ئالدى، بۇ جەرىياندا، خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان دىنى ۋە پەننى ئالىملىرىمىز قويۇپ بېرىلدى. قاغلىقتا ئالەمدىن ئۆتكەن مەرىپەتپەرۋەر دىنى ئالىم مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق ئالىملار تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن خەلقىمىزگە ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىتىشكە باشلىدى، مىللىي ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ باردى. نۇرغۇن ياشلار دىنى، مىللىي ئاڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. نۇرغۇنلىغان ياشلار ۋەتەنپەرۋەر، تەقۋا مۇسۇلمان بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. خەلق ئارىسىدا ئىسلامى ئويغۇنۇش پەيدا بولدى، مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە يەنى 1980 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي توغۇت چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، 2 دىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشنى چەكلىدى. بۇ سىياسەتكە بوي سۇنمىغانلارنىڭ بۇۋاقلىرى 8 ياكى 9 ئايلىق بولغان بولسىمۇ ئانىنىڭ قۇرسىقىدا مەجبۇرى چۈشۈرىۋىتىلدى. دۇنياغا كۆز ئاچمىغان نۇرغۇن بۇۋاقلار ئانىنىڭ قارنىدا تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى. خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرشكە باشلىدى. خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارغا بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى.

بۇ ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالمىغان قەلبى ئويغاق بىر تۈركۈم ياشلار 1989 – يىلى مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى قۇراللىق ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. قەشقەر ۋە بارىندا جەمئىي 5 قېتىملىق يىغىن ئېچىش نەتىجىسىدە ھەم تەشكىلات ھەم قۇراللىق ھەرىكەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاقتۇنىڭ بارىن يېزىسىدا خىتاي ئىشغالچىلىرىغا قارشى رەسمى قۇراللىق ھەرىكەتنى باشلىدى. بۇ جىھادى ھەرىكەت مۇنداقلا  تاسادىپى چىقىپ قالغان بىر قوزغىلاڭ بولۇپ قالماستىن بەلكى شۇ دەۋرنىڭ شارائىتىغا خاس قۇراللار بىلەن قۇراللانغان مۇنتىزىم ئەسكەرلىرى بولغان بىر ھەرىكەت ئىدى. بۇ جىھادىي ھەرىكەتكە قاتناشقانلارنىڭ كۆپ قىسمى بارىن خەلقىدىن تەشكىل قىلىنغان بولسىمۇ، قەشقەر، خوتەن، قاغىلىق، يەكەن، يېڭىسار، كۇچا ۋە غۇلجا، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردىن كېلىپ قاتناشقان ياشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ھەرىكەت بارىن يېزىسىغىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر مۇھىم ھەرىكەت ئىدى. بۇ قۇراللىق ھەرىكەتنىڭ ئاساسى مەقسىتى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئىشغالچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىش ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت.

بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك نوقتا شۇكى، بارىن مۇجاھىدلىرىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامدا تەشكىلات قۇرغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇراللىق جىھادىي ھەرىكەت قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلمايدىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت، ئەمما بۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھايات شاھىتلار ھازىرمۇ ياشاۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ھەتتا دۈشمىنىمىز خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىمۇ بارىن مۇجاھىدلىرىنى ئەيبلەپ يازغان ماقالىلىرىدا، ئۇلارنىڭ شۇ نامدا تەشكىلات قۇرغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

1990 – يىللاردا شەرقىي تۈركسىتاندا قان ئىچىپ يۈرگەن جاللات سۇڭ خەنلىياڭ بارىن ئىنقىلابىغا ئالاقىدار بىر كىتاپ نەشىر قىلدۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىغا مەخپى تارتقان بولۇپ. بۇ ھۆججەتلىك مەخپى كىتابتا بارىن جىھادى ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ، تەشكىللىك، پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى مەقسىتىنىڭ كومپارتىيىنى ئاغدۇرۇپ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى يازغان.

 بارىن ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىش جەرىيانى

بارىن يېزىسىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىسى رەھبىرى زەيدىن يۇسۇپ قوماندانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان قۇراللىق ھەرىكەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى توغرىسىدا دەسلەپتە 200 كېيىن 500 كېيىن قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ 700 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بارىن جىھادىي ھەرىكىتىنىڭ قۇماندانى زەيدىن يۈسۈپ ھەرىكەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق خەت يازغان: « ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنى ئاتىدۇ. يېزىمىزدا 250 ئايالنىڭ بالىسى چۈشۈرۋېتىلدى. (1989 – يىلى بىر يىللىق سان) بۇنداق قىلىش قاتىللىق ھېسابلىنامدۇ؟ ھېسابلانمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئېتىلمايدۇ؟…. ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچىگە ھەر 15 مىنۇتتا بىر پويىز كېلىپ تۇرىدىكەن، كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ، بىز ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى كەلتۈرمىسە بولمامدۇ…؟ بىز كۈرەش قىلىپ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك…. پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن. شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچۈرۈش توختىتىلسۇن. خەلقىمىز ئۈستىدىكى باج – سېلىق مەجبۇرىيەت يەڭگىللىتىلسۇن. خىتاي مىللەتچىلىكى تۈگىتىلسۇن، ئىزىشكە، يۇتۇۋېلىشقا، خورلۇققا قارشى تۇرىمىز»، دېگەندەك تەلەپلەر سۇنغان كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىپ كىرىپ رەسمى ھەرىكەتنى باشلىغان.

4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۇلار يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسى ۋە قورۇسىنى ئىگىلەپ، باستۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى. دەسلەپكى قەدەمدە خىتايلارنىڭ 500 قوراللىق ئەسكىرى قارشىلىققا ئۇچراپ مەغلۇب بولۇشقا ئاز قالغاندا، 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى سەھەر سائەت 4:30 دا 400 دىن ئارتۇق زامانىۋى قوراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا قىلغان. ئارقىدىن يەنە 10 نەچچە مىڭ مۇنتىزىم خىتاي ئارمىيىسى كەلتۈرۈلگەن. ھاۋا ئارمىيىسى، بىڭتۈەن توپچى قىسىملىرى، تانك قاتارلىق ئېغىر قۇراللار بىلەن قوراللانغان ھەربى قىسىملار بولۇپ جەمى 18 مىڭ ھەربى ۋە ساقچى قىسملىرى ئىنقىلاپنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. كۆپ ساندا خىتاي ۋە مىللىي مۇناپىقلار بارىن مۇجاھىدلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. لېكىن دۈشمەننىڭ كۈچى ناھايىتى زور بولۇپ، ياردەمسىز قالغان مۇجاھىدلار جەڭنىڭ ئىككىنجى كۈنى يەنى 6 – ئاپرىل كۈنىلا 48 كىشىنى شەھىد بەردى. 193 كىشى يارىلاندى. 30 كىشى تۇتقۇن قىلىندى. 10- ئاپرىل ئەتتىگەن سائەت 3 يېرىمغىچە بولغان قارشىلىق جەڭلىرىدە يەنە 59 مۇجاھىد شېھىد بولغان. 7 كىشى ئېغىر يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان. چېكىنىۋاتقانلاردىن 200 نەچچىسى تۇتۇلۇپ قالغان. جەمى 5 كۈنلۈك قانلىق جەڭدە 107 كىشى شېھىدلىك شاراپىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قوماندان زەيدۇن يۇسۇپ، ئىسھاق ھوشۇر، مۇھەممەت تۇردى، مۇھەممەت تۇرسۇن قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ بار.

كۆچمەن خىتاي سۇڭ خەنلىياڭ نەشىر قىلدۇرغان كىتابتا يېزىلىشىچە، بارىن ئىنقىلاۋىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500 دېيىلگەن، بۇنىڭدىن 107 كىشىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى توپلام 289 كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ خىتاي ئەسكەرلىرىدىن قانچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى يوشۇرغان. كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىدلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارىندىن قەشقەرگە 10 دىن ئارتۇق ماشىنا بىر قانچە كۈن خىتاي جەسەدلىرىنى توشىغانلىقىنى كۆزى بىلەن كۆرگەن.

500 كىشىلىك بارىن مۇجاھىدلىرىغا قارشى خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ئۇرۇشقا توپلام 22454 قۇراللىق ئەسكەر قاتناشتۇرۇپ، ئۇرۇش 4 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنىدىن 10 ‏- كۈنى سائەت 3:00 كىچە قاتتىق داۋام قىلغان يەنى ئۇ قېتىمقى ئۇرۇش 5 كېچە – كۈندۈز داۋام قىلغان. 500 مۇجاھىد خىتاينىڭ 22 دىن ئارتۇق ئەسكەلىرى بىلەن 5 كىچە كۈندۈز ئۇرۇش قىلغان ۋە ئاخىرىدا تەسلىم بولماي شەھىد بولغان.

ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە ھەقىقىي مۆمىننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى (ھەقىقىي) مۆمىنلەر ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئاندىن ئىمانىدا شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر. ئەنە شۇلار ئىمان دەۋاسىدا راستچىللاردۇر». سۈرە ھۇجۇرات 15 – ئايەت.

بارىندا شەھىد بولغان شۇ مۇجاھىدلىرىمىز مانا بۇ ئايەتتە ئاللاھ راستچىللىق بىلەن سۈپەتلىگەن ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر. ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئۇلارنى مۇشۇنداق سۈپەتلەيدۇ. ئۇلار ھەقىقىي مۆمىن ۋە ھەقىقىي شېھىدلەردۇر. ئىنشائاللاھ.

بارىن جىھادى ھەرىكەتكە  قاتناشقانلار سوتقا تارتىلدى

1990- يىلى 30- ئاۋغۇستتا زالىم خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ سوتچى ئەمەلدارلىرى، بارىن مۇجاھىدلىرىدىن سۇلايمان سوپى، قۇربان مۇھەممەت، غوپۇر ئەۋەللەرگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. ئەمەت مۇھەممەت، تۇرغۇن خوجا، ئەخەت ھەسەنلەرگە ئۆلۈم جازاسىنى 2 يىل كېچىكتۈرۈشكە، جامال مۇھەممەت قاتارلىق 5 كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى. شۇ چاغدا جەمىئى 103 كىشىگە جازا ھۆكۈم قىلدى. زالىم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، بارىن ھەركىتىگە ياردەم بەرگەن ۋە ھىسداشلىق قىلغان دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 10 ناھىيە- شەھەردىن 2000 ئۇيغۇرنى يولسىز قاماققا ئالدى. بارىن يېزىسىنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى. خىتاي جاللاتلىرى ھەتتا بۈشۈكتىكى بوۋاققا ئوق ياغدۇردى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ئىشغالچىلىرى ھەربى قىسىم، ساقچى- ژاندارما ۋە بىڭتۈەننىڭ 6 دېۋىزىيە ئەسكەرلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاسىرگە ئالغان.

دۈشمەننىڭ قۇرال جەھەتتە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ، دۈشمەن بىلەن ھەربىي جەھەتتە تەڭ ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ باشلانغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىككى سەۋەبى بار ئىدى. بىرىنچى سەۋەبى، دۈشمەن كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىمانى كۈچ، زۇلۇمغا باش ئەگمەسلىك، مۇستەملىكنى قوبۇل قىلماسلىقتىن ئىبارەت روھى كۈچتىن جاسارەت ئالغان. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھەرىكەت بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇن باشلانغان. يەنى بارىنغا توپلانغان مۇجاھىدلار خىتايغا قارشى جىھادى ھەرىكەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى، قۇرال – ياراق، ئىقتىساد ۋە ئات توپلاش تەييارلىقى ئېلىپ بېرىش جەرىيانىدا پاش بولۇپ قېلىپ ھەرىكەتنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئىلگىرى باشلاشقا مەجبۇر بولغان. بارىن يېزىسىغا قوشنا بولغان يېڭىسارنىڭ ئەگۈس يېزىسىدا دانىش ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئېتىنى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندە مەزكۈر كىشى ئېتىنى سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن تالاش تارتىش بولغان كېيىن، مەزكۈر دانىش ئىسىملىك خائىن، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قېلىپ خىتاي ساقچىلىرىغا پاش قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بارىن مۇجاھىدلىرى ئۇرۇش تەييارلىقى تولۇق پۈتمىگەن بولسىمۇ بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلىپ 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى قۇراللىق ھەرىكەتنى رەسمى باشلىغان.

بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ ئەھمىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى

بارىن جىھادى ھەرىكىتى تەشكىللىك ۋە مۇنتىزىم ئۈزۈل-كېسىل ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىققا بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى كۈچەيتتى. بارىن مۇجاھىدلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، ئىشغالچى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ ئىنقىلاپ خىتاينى قاتتىق ساراسىمغا سالدى. چۈنكى بۇ قېتىمقى ئىنقىلاپ خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بىرى خىتايغا بېرىلگەن ئەجەللىك زەربە بولدى. بارىن جىھادى ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 200 يىلدىن بىرى خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئازاتلىق ھەرىكەتلەرنىڭ داۋامى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىدى.

بارىن قۇراللىق ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل شەھەر- رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئىنقىلاپ خىتاينىڭ ئىشغالىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغاتتى. كىمنىڭ دوست كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. ئازادلىققا ھۆرلۈككە ئىنتىلىش، ئىشغالچىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيىتتى. ئىشغالچى زالىملارغا قارشى غەزەپ – نەپرەت ئوتى لاۋىلداپ ياندى. ئىشغالچى خىتايلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدا دوست بىلەن دۈشمەن، زالىم بىلەن مەزلۇمدىن ئىبارەت ئىككى سەپ ئايرىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. 

بۇ ھەرىكەت يەنە خەلقئارادىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى. ۋەتەن سىرتىدىكى 1934- يىلدىن تاكى 1980- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چەتئەللەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان مۇھاجىرلار 1992-يىلى دېكابىردا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىگە جەم بولۇپ، ”شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى“ نى قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچىيىشى، مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىغا قارشى جىھادىي ھەرىكەت سېپىنىڭ كېڭىيىشىگە، ھەقىقەتنىڭ چوقۇم غەلبە قىلىشىغا بولغان ئىشەنچنىڭ كۈچىيىشىگە ۋەسىلە بولدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچى خىتايلارنى جەزمەن قوغلاپ چىقىرىش، ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. بارىن جىھادىي خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قاتتىق بىر زەربە ئۇردى! بارىن جىھادىي ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلەر توختىماي داۋام قىلماقتا. بارىن جىھادىي ھەرىكىتىدىن ئىلھام ئالغان جەڭگىۋار ئۇيغۇر پىدايىلار خىتايغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتتى.

خەلقىمىز تا ھازىرغىچە بارىن ھەرىكىتىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەن مۇجاھىد قەھرىمانلىرىمىزدىن ئىلھام ئېلىپ خىتاي ئىشغالچىلرىغا قارشى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئىشغالىيەت ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، زۇلۇممۇ ھېچ قاچان داۋام قىلمايدۇ، قۇدرەتلىك ئاللاھ، تارىختىن بۇيان دۇنيادا زالىملىق قىلغانلارنى باشقىلارغا ئىبرەت ئۈچۈن مۇشۇ دۇنيادىلا جازالاپ كېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى، خىتاي ئىشغالى چوقۇم يوقايدۇ، زالىملار جازاسىنى تارتىدۇ، كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستان ئاسمانلىرىدا لەپىلدەيدىغان كۈنلەر كېلىدۇ، خەلقىمىز ئازادلىققا ئېرىشىدۇ، بۇ ئارزۇ – ئىستەكلىرىم بىلەن سۆزىمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

مۇساجان بايتاش

ئىستانبۇل 2013- ئاپرىل

مۇسلىم


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ