ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كىم بىلەن ئەھدىلەشكەنلىكىنى بىلگەن ئادەم، تېنىنى بىر يىپتەك قىلىپ ئۇ ئەھدىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، ئۇ ئەھدىنى ئوراپ تۇرىدۇ.

 

ئەھدى – ۋاپا ھەققىدە نەسىھەتلەر

 

ئاللاھغا بەرگەن سۆزىڭگە ۋاپا قىلساڭ، ئاللاھمۇ ئۆز كەرىمى بىلەن سېنىڭ ئەھدىڭنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.

ئەھدىمگە ۋاپا قىلدىڭ سۆزىگە قۇلاق سال ۋە ئەڭ سۆيۈملىكىڭ بولغان زاتتىن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىمەن ۋەدىسى ساڭا جاۋاپ بولۇپ قايتسۇن.

كىم بىلەن ئەھدىلەشكەنلىكىنى بىلگەن ئادەم، تېنىنى بىر يىپتەك قىلىپ ئۇ ئەھدىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، ئۇ ئەھدىنى ئوراپ تۇرىدۇ.

ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ئەقىل بىلەن بولىدۇ.

ئەقىل، ئىنسانغا ئەھدىنى ئەسلىتىدۇ. ئەقىل ئۇنۇتقانلىق پەردىسىنى يىرتىدۇ.

يالغانچى، ئالدامچى ئادەم، دىنىغا ۋاپادار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەرزامان قەسىمىنى بۇزۇدۇ.

ئەھدىنى بۇزۇش، ئەخمەقلىقتۇر. قەسىمىگە ۋاپا قىلىش ۋە قەسىمىدە تۇرۇش بولسا، پاك كىشىلەرنىڭ ئىشىدۇر.

پەقەت ۋە پەقەت شۈكۈر قىلغۇچىلار بىلەن ۋاپا قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشكەنلىرى ھەرگىزمۇ يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، تەلەي بۇ ئىككىسىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىدۇ.

ئىنسان بىر دەرەخقە ئوخشايدۇ. ئەھدى بولسا، دەرەخنىڭ يىلتىزىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا يىلتىزىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، ساغلام بولۇشىغا  تىرىشىش كېرەك.

قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئەھدى بولسا،  خۇددى سېسىغان يىلتىزغا ئوخشايدۇ. يىلتىزى سېسىغان دەرەخ مېۋە بەرمەيدۇ.

ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغۇچى ھەقىقىي مۆمىنلىك سۈپەتكە، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغۇچى بولسا مۇناپىقلىق سۈپىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئۆزىنى مۇمىن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ بەرگەن ئەھدىدە تۇرمىغان كىشى بولسا ئۆز- ئۆزىنى مەسخىرە قىلغان زىيانكار كىشىدۇر. ئۇ ناۋادا بۇ قىلمىشىغا تەۋبە قىلمىسا ھەقىقىي رەزىلىكى مەھشەردە بولىدۇ. مەھشەردىكى ھېساپ نەقەدەر قاتتىق. ۋاپاسىزنىڭ مەھشەردىكى ھالىتى نەقەدەر بىچارە؟!

 تەييارلاپ سۇنغۇچى: مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ