ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنۋەر ئىبراھىم خەلقنىڭ ئادالەت پارتىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-06 19:50:52 جەمئى 2723 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەنۋەر ئىبراھىم خەلقنىڭ ئادالەت پارتىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

ئەنۋەر ئىبراھىم خەلقنىڭ ئادالەت پارتىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى
مالايشىيالىق سىياسەتچى ئەنۋەر ئىبراھىم، خەلقنىڭ ئادالەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «سترايت تايمىز» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنۋەر ئىبراھىم بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە باشقا بىر نامزات چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان.
پارتىيەنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئايالى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋان ئازىزە ۋان ئىسمائىلدىن ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ، ئىككى يىل ئىچىدە باش مىنىستىرلىققا كېلىشى پىلانلانماقتا. ئۇنىڭ باش مىنىستىر بولۇشى ئۈچۈن، مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئارا سايلامدا پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ.
مالايشىيادا 2008 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن ئەنۋەر ئىبراھىم، 2015 – يىلى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. بىراق، بۇ يىل 9 – مايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا غەلىبە قىلغان خەلقنىڭ ئۈمىدى (خاراپان راكيات) ئىتتىپاقى رەھبىرى ماھاتىر مۇھەممەد، 1990 – يىللاردا باش مىنىستىر بولغان چېغىدا مالىيە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىنچە پىكىر ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى يىراقلاشقان كونا خىزمەتدېشى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ئەنۋەر ئىبراھىم 16 – مايدا پادىشاھنىڭ كەچۈرۈمى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنىدى.
دۇنيانىڭ ئەڭ ياشانغان باش مىنىستىرى بولغان 92 ياشلىق ماھاتىر مۇھەممەد، بىر – ئىككى يىل ئىچىدە ۋەزىپىسىنى ئەنۋەر ئىبراھىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئۇ تېخى يېقىندىلا تۈركىيىدە ئېچىلغان 10 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىغا ئەسلىدە قاتناشماقچى بولغان بولسىمۇ، يېڭى ئوپراتسىيەدىن چىققانلىقى ئۈچۈن كىلەلمىگەن ۋە ئادىمى ئارقىلىق مەخسۇس تېلېگىرامما ئەۋەتكەن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي شۇرا يىغىنى ئەھلىنى سالاملىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ