ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار» تېمىسدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-08 15:25:29 جەمئى 1729 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار» تېمىسدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار» تېمىسدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

7-فېۋرال بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ئەنقەرە گىرىن پارك مېھمانخانىسىدا «غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە جازا لاگېرلىرى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستاپا دەستىجى قاتارلىق پارتىيە مەسئۇللىرى، چەتئەل باش ئەلچىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلار، تۈرك ئىجتىمائىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئىراق تۈركمەن فىرونتى مەسئۇللىرى ۋە ئەنقەرە، ئىستانبۇللاردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولۇپ، 150 كە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىنغا تاشقىي سىياسەت ئانالىزچىسى ۋە ژۇرنالىست مەرۋە شەبنەم ئورۇچ خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «خىتاي ئىشغالىيتى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە جازا لاگېرلىرى» تېمىسىدا، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ھالە شىۋگىن خانىم «ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسى» تېمىسىدا، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق «خىتايدا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتى» تېمىسىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت «غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ