ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇرنىڭ بىر سۆزى بار، يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال. يەنە بىر سۆزى بار. باتۇرغا بىر ئۆلۈم ، قورقۇنچاققا مىڭ!
 

ئەنقەرجانلارنىڭ ئاتىلىرى نېمە قىلىشى كېرەك؟

 

ئەنقەرجانىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدۇ. بىچارە بالا قولى چانالغاندا ۋە بېشىغا چەيدو ئۇرۇلغاندا قانچىلىك ئازاپلانغاندۇ؟ مېنىڭ گۇناھىم نېمە؟ دېمىگەنمىدۇ؟ ئاپا، دەپ ۋاقارغاندۇ ھەرقاچان بۇغۇق ۋە قورقۇنچتىن تىترىگەن ئاۋازدا.

ئاللاھ تەئالا سۈرە تەكۋىردە: تىرىك كۈمۈلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدىڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا ... دېيىش ئارقىلىق دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىنى بايان قىلغان ئەمەسمۇ؟

بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان جازانىڭ ئەڭ ئېغىر دەرىجىلىرى بايان قىلىنغان. خوش جەھەننەمدە تارتىدىكەن دەپ ئۇ جاللات خىتاينى كەچۈرسۈنمۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقە چىقمىسۇن، دەپ قىلغان تۈلكۈلۈكلىرىگە ئالدىنىپ ماقۇل دىسۇنمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىش مىڭلىغان ئەنقەرجانلارنىڭ چانىلىشىغا ماقۇل دېيىشتۇر. بىر تال ئەنقەرجاننىڭ شېھىت قىلىنىشى ئەسلىدە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىغا سۇنغان بىر غەپلەتتىن ئۇيغۇنۇش سىگنالى، مىڭلىغان ئاتا –ئانىلارغا بەرگەن ئۇيغاندۇرۇشى. چۈنكى، بىز شۇنچىلىك ئاجىز كۆرۈنمىسەك كېچىسى سايىسىدىن قورقىدىغان خىتايلارنىڭ بىر ئۇيغۇرنىڭ بالىسىنى ، بىر مۇسۇلماننىڭ بالىسىنى توخۇ چانىغاندەك چانىشى نېمە مەنا بېرىدۇ؟ دېمەك سىلەر شۇنچىلىك ئاجىز، شۇنچلىك كۈچسىز، شۇنچلىك بوزەككى خالىساق چانايمىز، خالىساق ئوتۇن قىلىپ قالايمىز، دېگەنلىكتۇر.

ناۋادا بۇ قېتىم ھەققىدىن ۋاز كەچسە، يەنى بېشىمىزغا بالا كەلمىسۇن، بۇ سەۋەپ بىلەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنى تۈكۈلىدىغان بىر ئىش چىقمىسۇن، دەپ قاتىلنىڭ مائاشى بىلەن سەللە باغلاپ يۈرگەنلەرنىڭ گىپىگە كىرىپ ئالدىنىلسا ئەنقەرجاندەك سەبى بالىلار ئەمەس، ئۇلارنى تۇغىدىغان ئاتا- ئانىلار ئەتە ئۆگۈن تىرىك تۇرغۇزۇلۇپ تېرىسى سويۇلۇپ كاۋاپ قىلىنىدۇ. چۈنكى زۇلۇمغا سۈكۈت زۇلۇمغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ بىر سۆزى بار، يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال. يەنە بىر سۆزى بار. باتۇرغا بىر ئۆلۈم ، قورقۇنچاققا مىڭ!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ