ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەرلەرنىڭ دوست- يارەنسىز يالغۇز قېلىشىنىڭ سەۋەپلىرى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2012-11-01 10:25:29 جەمئى 7332 قېتىم ئوقۇلغان.

*ھەر ئىش مېنىڭ دېگىنىمدەك بولسۇن ، دەپ باشقىلارغا روھى بېسىم پەيدا قىلىدىغان ئەرلەر.

 

ئەرلەرنىڭ دوست- يارەنسىز يالغۇز قېلىشىنىڭ سەۋەپلىرى

 

كۈنسېرى دۇنيا نوپۇسى كوپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە  نۇرغۇن ئىنسانلار ئىچىدە تۇرۇپ، يالغۇز قالىدىغان، بولۇپۇ روھى جەھەتتىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان ئىنسانلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇنداق بولۇشنىڭ نۇرغۇن سەۋەپلىرى بولۇشى بىلەن بىرگە ئەرلەردە كۆرىلىدىغان تۆۋەندىكىدەك ئامىللارمۇ بۇ سەۋەپلەرنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.  

*بىر ئەركىشى ناۋادا ئەتراپىدىكى باشقىلار تەرىپىدىن بىر ئەركىشى ناۋادا ئەتراپىدىكى باشقىلار تەرىپىدىن ياقتۇرۇلمايدىغان ، قېلىقسىز كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن ۋاز كەچمىسە ھەقىقىي دوستىن ۋە يارەندىن مەھرۇم قالىدۇ.

*كۆمپىيوتۇردىن مەيلى ئىش ئورنىدا بولسۇن، ياكى ئۆيىدە بولسۇن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالغان ئەرلەر.

*بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ئۇمۇرتقىلىرىنى كۈچلەندۈرۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمما ئەتىراپتىكى كىشىلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەرلەر.

*ھەر ئىش مېنىڭ دېگىنىمدەك بولسۇن ، دەپ باشقىلارغا روھى بېسىم پەيدا  قىلىدىغان ئەرلەر.

*ئۇيقۇنى ياخشى كۆرىدىغان، پۇرسەت تاپسىلا ئۇخلىۋالىۋېلىشنى خالايدىغان ئەرلەر.

*جەمىئەتكە ئارىلاشمىغان، توپلۇمغا قېتىلىشنى خالىمايدىغان، ياۋايى مىجەز ئەرلەر.

*ئىنسانلار بىلەن تېخنىك ئالاقە قۇرالى بىلەنلا ئالاقە قىلىدىغان، يۈز تۈرانە سۆھبەتتىن قاچىدىغان ئەرلەر.

*تەر تۆكۈپ، پۇل تېپىپ ياشاشنىڭ ئورنىغا مۇھتاج ھالدا ياشاش يولىنى تاللىغان ئەرلەر.

*دائىم، غەمكىن، مۇز قاپاق، سوغۇققان بولىۋالىدىغان، باشقىلارغا ئىللىق تۇيغۇ بەرمەيدىغان ئەرلەر.

*پەقەتلا ئايال ياكى ئاياللارنى رازى قىلىشنى تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىلىرى قاتارىغا قويىۋالغان ئەرلەر.

 

رەتلەپ سۇنغۇچى : مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ