ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەركىن سىدىق ئەپەندى تۈركىيىدە مۇھىم لېكسىيىگە سۆزلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-20 22:36:54 جەمئى 8279 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى تۈركىيىدە مۇھىم لېكسىيىگە سۆزلىدى

ئەركىن سىدىق ئەپەندى تۈركىيىدە مۇھىم لېكسىيىگە سۆزلىدى
20- ئاۋغۇست ئۇيغۇرلار ئىچىدە تونۇلغان ئەل سۈيەر، تەبىئى پەنلەر ئالىمى ناسا تەتقىقاتچىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىسستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى چاپىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
لېكسىيە پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان 200 دەك شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى قاتناشتى.
پائالىيەت قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.
پائالىيەتتە، ئەركىن سىدىق ئەپەندى « ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز» ۋە « ياش ئەۋلادلاردا مىللى كىملىك تەربىيىسى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن خەۋىپلىك باسقۇچقا كىلىپ قالغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ختاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلمى ۋە تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە ئەركىن جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنى ھەر جەھەتتىن تەرەققى قىلدۇرۇشىمىز تولىمۇ مۇھىم. بىز كونا ئۇسۇلىدىكى ئەۋلاد تەربىيىلەشتىكى خاتالىقلىرىمىزنى ئۆزگەرتىپ، پەرزەنتلىرىمىزنى زامانىۋى ئۇسۇلدا تەرۈبىيىلىسەك دەپ ئويلايمەن. قېرىنداشلىرىمىزدىن پەرزەنتلىرىگە كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇش تەربىيىس ئېلىپ بېرىشنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
تەپسىلاتىنى ئىستىقلال يۇتۇپ قانىلىدىن كۆرۈۋىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ