ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەركىنلىك جەمئىيىتى ياشلار بۆلۈمى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-10 14:06:08 جەمئى 5529 قېتىم ئوقۇلغان.

بۈگۈن 10 – سىنتەبىر ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەخپى قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەركىنلىك جەمئىيىتى ياشلار بۆلۈمىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرلار شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

 

ئەركىنلىك جەمئىيىتى ياشلار بۆلۈمى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز، بۈگۈن 10 – سىنتەبىر ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەخپى قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەركىنلىك جەمئىيىتى ياشلار بۆلۈمىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرلار شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

مېھمانلارنى نۇزۇگۇم جەمئىيىتى مەسئۇلى مىنەۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

مىنەۋەر خانىم زىيارەتچىلەردىن ئاھسەن ۋە سەما خانىملار بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇ يەردىكى قاتتىق زۇلۇم ۋە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بۇندىن كېينكى تۈركىيىدىن كۈتىلىۋاتقان ئۈمىدلەر قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەتتە بولدى.

شۇنداقلا يەنە ئىككى جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئەھۋاللارنى يەرلىك خەلققە تونۇشتۇرۇش خىزمەتلىرىدە ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە خىتاينىڭ تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنى سەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۇر تەشۋىقاتلارغا ياشلارنىڭ قولى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ