<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەردوغان "قۇتادغۇبىلىك" تىكى ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلاتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-05 16:43:37 جەمئى 1897 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەردوغان تۈرك كېڭىشى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە بۈيۈك ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھ ئەسىرى قۇتادغۇبىلىكتىن ئارىيە ئالدى

ئەردوغان قۇتادغۇبىلىك تىكى ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلاتتى

ئۆز خەۋىرىمىز؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەب تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستاندا ئېچىلغان 6- نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە بۈيۈك ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھ ئەسىرى قۇتادغۇبىلىكتىن ئارىيە ئېلىپ:

قارا تۇپراق ئاستىدىكى ئالتۇن تاشتىن پەرقسىزدۇر؛ ئۇ يەردىن چىقىرىلغاندا، بەگلەرنىڭ بېشى ئۈستىدىكى تاجنىڭ زىننەتلىرى بولىدۇ دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلىتىپ: خۇددى قارا تۇپراق ئاستىدىكى ئالتۇنغا ئوخشاش، پىكىرلەرمۇ ئەمەلىي ئىجرائاتقا ئايلانمىغان مۇددەتچە ئەسلى قىممىتى بولمايدۇ دېگەنلەرنى بىلدۈرۈپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەمما ئەردوغاننىڭ بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىدىن ئارىيە ئالغان بولىسمۇ ئەمما ئۇنىڭ خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىن ۋە ئىشغالچى خىتاي پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلمىغانلىقى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.

شۇنداقلا پەلەستىن تۈرك دۇنياسىنىڭ سىرتىدا ئەمەس دېگەن سۆزلىرى ئەسلىتىلگەن ھالدا، شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ نەرىدە؟ دېگەن سۇئاللار قويۇلغان يازمىلار ۋە ماقالىلەر كۆپلەپ يېزىلدى.

يازمىلار ئارىسىدا ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سۈكۈتىنى بۇزىدىغانلىقى ۋە كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ ئېلىندىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارمۇ يەر ئالدى.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ