<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەسمادا بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بىر جەلپكارلىق خۇلقى بار ئىدى. باشقىلارغا ھۆرمەت ۋە ئەدەپ. ھەر نەرسىەگە ياخشى گۇمان بىلەن قارايدىغان ۋە ئىللىق مۇئامىلە.
 

ئەخلاق تىلىنىڭ كارامىتى

 

بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تىلى شۇ مىللەتنىڭ نەمۇلىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدىينىيىتىنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان مەدىنىەتنىڭ بىرىدۇر. ئىنسانلار بىر- بىرى بىلەن تىل بىلەن ئالاقە قۇرالايدۇ، دەردىنى تۆكەلەيدۇ، تۆككەن دەرتلىرىگە قارىتا يا تەسەلى ياكى چارىسىنى تىل بىلەن سۆزلەيدۇ. تىل بىر ئىنساننىڭ قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ۋە قايسى مەدىنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىلىگۈچىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى بىر- بىرى بىلەن چۈشۈنۈشسۇن، ھەمكارلاشسۇن دەپ ئىمتىخان قىلىش مەقسىدىدە بىرلا خىلدا سۆز قىلىدىغان قىلماستىن تۈرلۈك تىللاردا ياراتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۈممىتىنى  تىل ئۆگۈنۈشكە بۇيرىغان.

مېنىڭ ھاياتىمدا ئەڭ قىزىقىدىغان بىر كەسىپتۇر تىل ئۆگىنىش ۋە پەرقلىق تىللارنى ئاڭلىغاندا ، سۆزلەۋاتقاندا ئىپادىلىگەن يۈز ۋە قول ھەرىكەتلىرىنى تاماشا قىلىش.  چۈنكى دېققەت قىلسىڭىز شۇنچىلىك قىززىققارلىق بولۇش بىلەن شۇنچىلىك مەناداركى، تىل شۇ تىلنى سۆزلەۋاتقان بىر ئادەمنىڭ مەنسۇپ بولغان مەدىنىيىتىنىلا ئەمەس بەلكى تارىخى ۋە كىشىلىك خارەكتىرىنىمۇ نامايەندە قىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن دەيمەن ياۋرۇپا ياكى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئەڭ چەت بىر بۇرجىگىدە تۇرۇپ  يەنە بىر قىتئەدىكى مىلىتىنىڭ نامىنىمۇ ئېنىق بىلىنمىگەن بىرىلىرىنىڭ تىلىنى  ئۆگۈنۈشكە ھەۋەس قىلىش.

بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق يېتىم بالىلار ئۇچرۇشۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم بولسا تېخىمۇ باشقىچە ئىدى. بەش دۆلەتتىن كەلگەن بەش خىل تىلدا سۆزلەيدىغان بالىلار ۋە يېتەكچىلەر شۇنداقلا مالايشىيا، كۈۋەيت، گولاندىيە ۋە فىرانسىيدىن كەلگەن لەگلەك ئۇچۇرۇش مۇتەخەسىسلىرى.

دەسلەپكى كۈندىكى يەنى23 – ماي كۈنىدىكى زىيارەت جەريانىدا ھەر بىر گۇرۇپ ئۆزلىرنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشىدا بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان باش يېتەكچىلەر. بىر – بىرىنىڭ قايسى تىلدا گەپلىشىدىغانلىقىنى بىلىشمىگەنلىكى ئۈچۈن بىر- بىرىگە قاراپ باش لىڭشىتىپ كۆلۈمسىرەشلەر. بىرەر گۇرۇپتىكى بىر بالا  بىلەن ياكى كىشى بىلەن گەپلىشىش ئۈچۈن رەھبەرلىرىنى ئىزدەشلەر تولىمۇ قىززىقارلىق ئىدى.

بىراق، مۆجىزىدەكلا  بىر قىززىق ئىش شۇكى مەن ئېلىپ بارغان قىز ئەسما ئۈچۈن ھەر بىر ئىنسان دەسلەپ كۆز تىلى بىلەن ئاندىن قول تىلى بىلەن سۆزلەشتى. دېمەك ئەسما ھەر ئىنسان بىلەن ئەڭ دەسلەپتە ئالاقە قىلغان بىرى بولدى. ۋەتەندىن يېڭى چىققانلىقى ئۈچۈن ۋە ئوقۇغان يەسلىسىدە ئوقۇتقۇچىلىرى رەسمى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرچىسى ساپ ئىدى. تۈركچىنى چۈشەنگەن بىلەن ھېچ تۈركچە گەپ قىلمايتتى. بىراق ئۇ بارلىق تىلدىكى مىھمانلارنىڭ ئورتاق تىلى بولدى. ھەر كىم كېلەتتى ئۆز تىلىدا بىر نەرسە دەيتتى. ئىسمى ئەسما دەپ بېرەتتىم ئۇلارغا. يۇپ­­ - يۇمۇلاق، قاشلىرى سۇس، بۇرنى پەس ئىدى ئۇنىڭ. كۆزلىرى بولسا گازىر كۆز شەكلىدە. بىراق ئىنسانلارغا ئۇ بىر پەرىشتە كۆرۈندى. سۈيەتتى، مەڭزىلىرىنى سىلايتتى. زىيارەت جەريانىدا ھەتتا بەزى چەتئەللىك ياكى تۈركلەر بولسا ئۇنى كۆرۈپ قالسا : ۋاي بۇ قانداق تاتلىق قىز! دەپ ۋاقىراپ سالغانلار بولدى. بۇ ئىش تاكى ئاخىرقى كۈنىگىچە داۋام قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن رەسىم چۈشۈش، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئۇنى باغرىغا بېسىش بىر ئىمتىيازدەك بىلىندى بەزىلەر ئۈچۈن. ئەسما بولسا خوش ياقسا  گەپ قىلاتتى. خوش ياقمىسا كۈلۈپلا تۇرۇۋالاتتى. بەزىدە ئەتراپىدىكى قىستاڭچىلىقتىن قېچىپ ماڭا چىڭ يېپىشىۋالاتتى. ئۇلار كېلىپ مەندىن رەسىمگە چۈشۈۋېلىش ئۈچۈن قايىل قىلىپ بېرىشىمنى ئۆتۈنەتتى. مەن يالۋۇراتىم ئەسماغا ئەركىلەتكەن ھالدا.

كېينكى كۈنلەردە  بىر قانچە دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلار ھەمىمىز ئۈچ خىل تىلدا ئورتاقلاشتۇق. تۈركچە، ئىنگىلىزچە، ئەرەپچە. بۇ ماڭا ئاسان بولدى. ئەسمانىڭ تەرجىمانى بولدۇم. ھەمدە ئۆمەرنىڭ . ئۆمەر تاجىكىستاندا تۇغۇلغان، تۈركىيەگە كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ تۈركچىنى يامان ئەمەس ئۆگەنگەن ئىدى. ئەلۋەتتە ئۆزبەكچە لەۋزى ئېغىر ئىدى. بەزىدە ئۇنىڭ گەپ قىلىشى لازىم ئەمەستى. چۈنكى ئۇنىڭ شوخ ۋە جانلىق ھەرىكەتلىرى تىلىدىنمۇ بەكرەك تەسىرلىك ئىدى. ئۇنى ھەر دۆلەتتىن كەلگەن ئوغۇل بالىلار بەكلا ياخشى كۆردى. بولۇپمۇ سومالىيدىن كەلگەن بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى.

بىراق ئەسمانى بىر دەقىقە يېنىمدىن ئايرىيالمايتىم. مېنى بىردەم كۆرمىسە كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كېتەتتى. قولىمدىن چىڭ تۇتىۋالاتتى. مەن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىرمۇ بىر تەرجىمە قىلاتتىم. ئۇ: سىلى، ئۆزلىرى دەپ سۆزلەيتتى. ئۇ گەپ قىلغاندا بولسا ھەر كىشى ئۇنىڭ ئاغزىغا سېھىرلەنگەندەك قارايتتى ۋە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ مەندىن نېمە دېگەنلىكىنى سورايتتى. ئاندىن يەنە سۆيەتتى.

ئەسماغا مەن تەرجىمان بولدۇم. بىراق ئەسما بىزنىڭ مىللەتنىڭ تەرجىمانى بولغان ئىدى ئەسلىدە. قاش كۆزى ياساپ قويغاندەك ئۆلچەملىك نۇرغۇن گۈزەل يۈزلۈك بالىلاردىنمۇ گۈزەل كۆرۈنگەن ئىدى ئەسما ھەر كىشىگە. چۈنكى ئەسمادا بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بىر جەلپكارلىق خۇلقى بار ئىدى. باشقىلارغا ھۆرمەت ۋە ئەدەپ. ھەر نەرسىەگە ياخشى گۇمان بىلەن قارايدىغان ۋە ئىللىق مۇئامىلە. كۆزى توقلۇق ۋە سەمىمىيەت.

ئۆزى پەقەت ئالتە ياشلىق قىز. بىراق كۆزى توقلۇقى مېنى تولۇمۇ مەمنۇن قىلدى. بولۇپمۇ يېمەك- ئىچمەك تارقىتىلغىنىدا قورسىقى ئاچ بولسىمۇ تاكى قولىغا بەرمىگىچە قول ئۇزاتمىدى. بىر نەرسە يىگىسى كەلسە قولۇقىمغا پىچىرلايتتى. بېرىلىدىغان نەرسە تۈگىگەن بولسا داۋا قىلمايتى. يىگەن تاماقلىرىنى ئىسراپ قىلمايتتى. ئاكىسى ئۆمەر ( مەن ئۇلارنى ئاكىڭىز¸ئۇكاڭ  دەپ چاقىرغۇزدۇم) بىر نەرسىنى ئاشۇرۇپ قويسا : شەيتانغا تاشلاپ بەرمەي پاكىز يېگىن، دەپ ئەسكەرتىپ قوياتتى. ۋاقىراپ جاقىراشتىن  يىراق ئىدى. ھايالىق ئىدى. بېشىدىكى لېچىكىنى ھېچ ئالمايتى. ھەتتا بىلەكلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەڭلىرىنى تارتىپ تۇراتتى. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ بېرىنچى قىلىدىغان ئىشى ئورۇن كۆرپىسىنى رەتلەش ئىدى. مەن قىلىپ بېرەي دېسەم، مەن قىلالايمەن، دەپ تۇرۇۋالاتتى. كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويسام ھامان ئالماشتۇرۇلغان كىيىمىنى رەتلەپ قاتلايتى  ۋە ئاكىسىنى تەنبىھلەيتتى. ئۇ ئىككىسى بىر قېتىمۇ تالاش- تارتىش قىلىپ باقمىدى.  

كاشكى ، دېدىم مەن ھەر بىرىمىز بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەربىيلىگەن بولساق بىزدىن قانچىلىك دەرىجىدە سۈپەتلىك ئىنسانلار يېتىشكەن بولاتتى. نۇرغۇن ئىنسان : مېنى باشقىلار چۈشەنمىدى، باشقىلار مېنى ياخشى كۆرمىدى، ۋاي دېمىدى، ئېززىتىمنى قىلمىدى. ھۆرمەت قىلمىدى. بالىلىرىمغا قىزغىن بولمىدى دېگەندەك قاخشا پ ئۆتىدۇ. شۇنىسى ئېنىققى ھېچكىمنى زورلاپ ياخشى كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. سۈيگۈ ۋە ھۆرمەت ئەڭ تەبى ئىچ تۇيغۇدۇر. سۈيۈلۈش ئۈچۈن، ھۆرمەت قىلىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك شەرت تولۇق بولغانكەن، سىز قاچسىڭىزمۇ سىزنى قوغلاپ يۈرۈپ ياخشى كۆرۈدۇ.

ئەسما ۋە ئۆمەردىكى ساپلىق، مەسۇملۇق، ئەدەپ ئۇلارنى پەرىشتە سۈپەت قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇلار ھەتتا قاچسىمۇ  قوغلاندى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن  بىر قانچە تىلدا سۆز قىلمىدى. چىرايلىق جۈملە قۇرۇپ ئاۋارە بولمىدى. پەقەت تەربىيلەنگەن تەبىئىتىنى نامايەندە قىلدى.

دېمەك تىل ئىنتايىن مۇھىم، تىلنى راۋان ئىشلىتىش بايان قىلىش تېخىمۇ مۇھىم. بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولسا ئەخلاق تىلىنى بىلىشتۇر. ھېچ تىلىنى بىلمىگەن دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئەمەلى بىلەن مۇئامىلىسى بىلەن نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئىسلامغا قىزىقىشىغا ۋە ئىمان ئېيتىشىغا سەۋەپ بولغان  ساھابە ۋە سەلەپ سالىھلارنىڭ ئىشلەتكەن تىلى  ئىسلامدىن ئالغان ئەخلاق تىلى ئەمەسمىدى؟

ئاللاھ بىزنى ئەخلاق تىلىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى نامايەدە قىلىدىغان ۋە باشقىلارغا مۇئامىلە قىلالايدىغان ، پۈتۈن دۇنيا ئەھلى بىلەن ئەخلاق تىلىدا سۆزلىشىدىغان  ئۈمەتلەردىن قىلسۇن، ئامىن!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ