<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-06 10:53:21 جەمئى 897 قېتىم ئوقۇلغان.

ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەردى

ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەردى
5- ئىيۇل قېرىم ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، پرېزىدېنت تېئودورو قارارنامە ئېلان قىلىپ، سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىنغان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىدى.
خەۋەردە قارارنامىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئېكۋاتور گىۋىنېيىسىدىكى بىر مەھەللىي سوت مەھكىمىسى بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئاساسىي ئۆكتىچى خەلق تەرەققىيات پارتىيىسىنى تاقىتىۋەتكەنلىكى، مەزكۇر پارتىيىنىڭ جەمئىي 21 پارلامېنت ئەزاسىنى 30 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خەلق تەرەققىيات پارتىيىسى، 2017 – يىلىدىكى سايلام جەريانىدا جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى پرېزىدېنتى تېئودورو ئوبىئاڭ نگۇئېما 1979 – يىلى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى قولىغا كىرگۈزۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ