ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئېغىزدىكى چىشنىڭ كەملىكى قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-01-23 09:55:16 جەمئى 73430 قېتىم ئوقۇلغان.

ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىسپاتلىنىشىچە ئېغىزدىكى چىشلارنىڭ كەم بولۇشىنىڭ بۇرۇن قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىسپاتلىنىشىچە ئېغىزدىكى چىشلارنىڭ كەم بولۇشىنىڭ بۇرۇن قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. چىش مۇتەخەسىسلىرى دوكتور ئىلاي مادەننىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇزۇن مەزگىلگىچە چىشى كەم ياشاشنىڭ ئېغىز ۋە ئىڭەك سۆڭەكلىرىدە خوراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن بولۇپمۇ، ئېغىزنىڭ ئەتراپىدىكى ، لەۋ ۋە يۈزدىكى قورۇقلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى ، لەۋ ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ ئاستى تەرەپكە قاراپ ئۇزۇرايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن كىشىدە ھارغىن، كېسەلچان ۋە قېرىشقا يۈزلەنگەن بىر ھالەتنىڭ كۆرۈلدىغانلىقىنى بۇ سەۋەپتىن كىشىنىڭ ئەسلى يېشىدىن 5 ياشتىن 10 ياشقىچە چوڭ كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېڭەك سۆڭەكلىرىنىڭ ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن چايناش كۈچىنىڭ ئېغىز ئىچىدىكى چىشلارغا تەكشى بۆلۈنىشى ۋە  تەكشى ھەرىكەتلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن دوكتۇر ئىلاي مادەن، بۇ ھەرىكەتنى پەقەتلا تەبى چىش ياكى چىشنىڭ يىلتىزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بېكىتىلگەن چىشلار بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نورمال ۋە توغرا شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەزىم قىلىش سېستىمىسى ئۈچۈن ئېغىز ۋە چىش ساغلاملىقىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان دوكتور ئىلاي مادەن ئورۇغدىيالماسلىق، داۋالانغان ھالەتتىمۇ مەيدىسى ئېچىشىدىغان كېسەللىكلەردىن قۇتۇلالماسلىقنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى دەل بۇ چىشلارنىڭ كەم بولۇشىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى كىشىلەر دائىم دېگىدەك ئاشقازاندا تاماق ھەزىم بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەردىن قۇتۇلالمايدۇ، دېدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ