ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۈممەتنىڭ يېتىمى شەرقىي تۈركىستان


7-مارت قىرىققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۈممەتنىڭ يېتىمى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى قىرىققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتكە ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، «ئۈممەتنىڭ يېتىمى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
مىركامىل قەشقەرى لېكسىيەسىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلام دىنىغا قارشى سىياسەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغانلىقى، لاگېردىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ چىققانلىقى، خىتاي ئىسلام دىنىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق كۆپ قىسىم ئىسلام ئەللىرىنىڭ كۆرمەس بولۇۋالغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ