<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى

ئۇيغۇر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى
4- ئىيۇل ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ۋىرگىنىيە شتاتىدا 4-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسى باشلانغان.
مۇسابىقىگە ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى «تەكلىماكان» ۋە «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى، «لوس-ئانژېلېس ئۇيغۇر كوماندىسى»، «سان-فرانسىسكو ئۇيغۇر كوماندىسى»، «ئۇيغۇر بوغدا كوماندىسى»، «مارىلاند ئۇيغۇر كوماندىسى» قاتارلىق يەتتە كوماندا قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4-ئىيۇل كۈنى چۈشتە ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى فالسچۇرچ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
پائالىيەت باشلىنىش ئالدىدا بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان توپچىلاردىن «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شىرئەلى بۇ مۇسابىقە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، ئۆزىنىڭ شەخسى ئارزۇسىدىن باشقا پۇتبول مۇسابىقىسىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش ئارزۇسىنىڭ بەكرەك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئۇيغۇر جامائەتلىرى يىراق-يېقىندىن كېلىپ قاتناشقان بولۇپ،
پائالىيەت باشلانغاندا پۈتۈن زال جۇشقۇن ياشلارغا لىق تولغان. 
ئېچىلىش مۇراسىمى «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلانغان.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خالىسانە ھالدا ئامېرىكىدىكى پۇتبول كوماندىرلىرىنىڭ مەشقاۋۇللۇق قىلىپ كېلىۋاتقان جۈرئەت زاھىر ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى سۆزلەپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېغىر زۇلۇمغا ۋە باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇسابىقە ئۈچۈن جەم بولغانلىقى « بىر ئىنقىلاب» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات مۇسابىقە ھەققىدە توختۇلۇپ،« بۇ پائالىيەتنى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتىنىڭ ماددىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئۇيغۇرلاردىكى ئۆملۈك ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللاش روھىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋالغىلى  بولىدۇ» دېگەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ